تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

پويىز كۈتۈش زالىدىن نۆۋەتچى پويىز ۋاگونىغىچە، پىدائىيلار مۇلازىمىتى يولۇچىلارنىڭ ئۆيگە قايتىش سەپىرىنى ئىللىقلىققا تولدۇردى

  3-ئاينىڭ 3-كۈنى، C849 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز ۋاگونىدا يولۇچىلار مۇكاپاتلىق سوئال-جاۋاب پائالىيىتىگە قاتناشماقتا.

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ خەۋىرى، فوتوسى) 3-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى سايباغ رايونى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۈرۈمچى تۆمۈريول گۇڭئەن ئىدارىسى ئۈرۈمچى گۇڭئەن باشقارمىسى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزال ساقچىخانىسى، پويىز ساقچىلىرى تارماق ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزال پويىز كۈتۈش زالى ۋە C849 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز ۋاگونىدا، «لېي فېڭدىن ئۆگىنىش . مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە ئاتلىنىمەن» سايباغ رايونى مەخسۇس مەيدان پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئارقىلىق يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش يولىنى قوغدىدى.

  3-ئاينىڭ 3-كۈنى، پىدائىيلار يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلماقتا.

  پائالىيەت نەق مەيدانىدا، مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش بويىچە 40 پىدائىي رەتلىك تىزىلىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى پىلاكاتىغا ئەستايىدىللىق بىلەن ئىمزا قويۇپ، مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ۋە خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش بويىچە تەنتەنىلىك ۋەدە بەردى. ئارقىدىن، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ پويىز كۈتۈش زالىغا بېرىپ، يولۇچىلارغا يول باشلاش، يۈك-تاق توشۇش، ھەقسىز قىزىق قايناقسۇ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش جەريانىدىكى رېئال قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلدى.

3-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزال ساقچىخانىسىنىڭ پىدائىيلىرى يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلماقتا.

   C849 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز ۋاگونىدا، پىدائىي فېڭ جياڭيۈن يولۇچىلار بىلەن قىزىقارلىق ھەمتۈرتكىلىك سوئال-جاۋاب ئويۇنى ئويناپ، مەدەنىي سەپەرگە چىقىش، بىخەتەر پويىزغا ئولتۇرۇش، تۆمۈريول بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى ھەمدە ئاكتىپ قاتناشقان يولۇچىلارغا كىچىك سوۋغات تەقدىم قىلىپ، سەپەرنى ئىللىق تۈسكە ۋە خۇشاللىققا تولدۇردى.

   «پىدائىيلارنىڭ مۇلازىمىتى كۆڭلىمىزگە ياقتى، سەپەرنى زېرىكىشلىك ھېس قىلمىدۇق، يەنە  تېخى  بىخەتەرلىككە ئائىت نۇرغۇن ساۋاتلارنى ئۆگىنىۋالدۇق» دېدى يولۇچى ۋاڭ خۇەن.

  3-ئاينىڭ 3-كۈنى، پىدائىي C849 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز ۋاگونىدا يولۇچىلارغا بىخەتەر سەپەرگە چىقىشقا دائىر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى قىلماقتا.

   بۇ قېتىمقى پائالىيەت يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى قاتناش تۈگۈنى ۋە پويىز ۋاگونىغىچە كېڭەيتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى ھەقىقىي راۋانلاشتۇرۇپ، يولۇچىلارغا سەپەر جەريانىدا شەھەرنىڭ ھارارىتىنى ۋە مەدەنىيلىكنىڭ كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. كېيىنكى قەدەمدە، سايباغ رايونى «لېي فېڭدىن ئۆگىنىش . مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە ئاتلىنىمەن» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى دائىملاشتۇرۇش، ماركىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، لېي فېڭ روھىنى يېڭى دەۋردە داۋاملىق يېڭى نۇر چاچقۇزىدۇ.

  3-ئاينىڭ 3-كۈنى، پىدائىيلار يولۇچىنى سەمىمىيلىك بىلەن يۆلەپ، ئۇلارغا ئىللىق يېتەكلەش مۇلازىمىتى قىلماقتا.

  3-ئاينىڭ 3-كۈنى، پىدائىي يولۇچىغا مۇلازىمەت قىلماقتا.

  3-ئاينىڭ 3-كۈنى، پىدائىي رېشاتكىنى سۈرتمەكتە.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.