تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

ئالتاينىڭ قىش كۈنلىرى: يېشىل باش ئۆردەكلەردە ئەكس ئەتكەن ھاياتىي كۈچ

ئالتايدىكى مۇز قىرغاقنىڭ يېنىدا، يېشىل باش ئۆردەك نېپىز مۇز ئۈستىدە تۇراتتى، قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك پۇتلىرىغا سوغۇق دولقۇن يېنىك ئۇرۇلاتتى، كەينىدىكى ھەمراھى بۇ قىش مەنزىرىسىگە تېخىمۇ ھاياتىي كۈچ قوشقانىدى.

ئالتاينىڭ قىش كۈنلىرىدىكى تېيىز سۇ قولتۇقىدا، بىرنەچچە يېشىل باش ئۆردەك بىر-بىرىگە ھەمراھ بولۇپ ئۈزۈپ، سۈپسۈزۈك سۇدا ياي ھاسىل قىلغانىدى، بۇ، قىش مەنزىرىسىدىكى جانلىق رەڭ بۆلەكلىرى ئىدى.

   ئالتاينىڭ قىش كۈنلىرى كۈمۈش لىباس كىيگەنىدى، مۇز تۇتقان دەريا ئېقىنلىرىدا ھامان بىر نەچچە مۇز تۇتمىغان قولتۇق پەيدا بولۇپ، يېشىل باش ئۆردەكلەرنىڭ شادلىق باغچىسىغا ئايلانغانىدى. قارامتۇل يېشىل ئۆردەكلەر گاھ ھەمراھ بولۇشۇپ زۇمرەتتەك دولقۇنلارنى يېرىپ ئۆتسە، گاھ مۇز قىرغاقنىڭ گىرۋىكىدە تۈگۈلۈپ ياتاتتى، ئۇلارنىڭ سىيماسى قىشتىكى جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ، سوغۇق پەسىلنى جانلاندۇردى ھەم ئىللىتتى، ھەربىر مەيىن دولقۇن، ھەربىر قاناتنىڭ رەڭگى بۇ قىشتىكى ئەڭ جانلىق ھاياتىي كۈچكە ئايلاندى. (ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى لى شىنئەي، كۆپېن نىغمەت)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.