تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

ھۆل-يېغىن مەزگىلىدە، ئېنىقلا كۆپ يېمىگەن تۇرۇقلۇق، نېمىشقا يەنىلا سەمرىپ كېتىمىز؟

  ھۆل-يېغىن پەسلىدە تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ياڭچىنى ئاشۇرۇپ، ھۆللۈكنى يوقتىپ بەلغەم بوشىتىش

  باھار بايرىمىدىن كېيىن ھۆل-يېغىن پەسلى كىرىدۇ. باھار يامغۇرى شارىلداپ يېغىپ ھۆللۈك تارقىلىدۇ. نۇرغۇن ئادەم باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن كېيىن ماغدۇرسىزلىنىدۇ، چارچايدۇ، يەنە بەزىلەر بايرامدىن كېيىنكى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بىئارام بولىدۇ. بەزىلەر يېمەك-ئىچمەكنى تىزگىنلىدۇق، ئېنىقلا كۆپ يېمىگەن تۇرۇقلۇق، نېمىشقا يەنىلا سەمرىپ كېتىدىغاندىمىز؟ دېيىشىدۇ.

  جۇڭيى تېبابىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھۆللۈك تالنىڭ ياڭچى قۇۋۋىتىنى چەكلەپ قويسا ياڭچى قۇۋۋىتى ئۆرلىمەيدۇ، شۇ سەۋەبلىك چارچاپ ماغدۇرسىزلىنىش كېلىپ چىقىدۇ؛ ياكى بەدىنىمىزدە تال زەئىپلىشىپ، يېمەك-ئىچمەك تاتلىق، مايلىق، كۆڭۈلگە تەگكۈدەك كۈچلۈك بولۇپ كەتسە، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، سۇ ۋە ھۆللۈك بەدەن ئىچىدە توختاپ قالىدۇ، ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشسا بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدا بەلغەم ۋە ھۆللۈك پەيدا بولىدۇ، شۇڭا ئاسانلا سەمرىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، ئاياللاردا ئاق خۇن كۆپىيىدۇ؛ ھەتتا بەلغەم ۋە ھۆللۈك داس بوشلۇقىنى توسۇۋېلىپ، ھەيز قالايمىقانلىشىش، ھامىلىدار بولالماسلىق ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ھۆل-يىغىن پەسلىدىكى كۈتۈنۈشتە تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ياڭچىنى ئاشۇرۇپ، ھۆللۈكنى يوقىتىپ، بەلغەمنى بوشىتىش ئىنتايىن مۇھىم.

  تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ياڭچىنى ئاشۇرۇشتا، دورىلىق غىزا، مەسىلەن: قانتېپەر، كەتىرا، بايناق ياكى ياۋا تۈكلۈك شاپتۇلنى كۆپ ئىشلىتىپ، زەنجىۋىل، جۈزى شۆپىكى، بەرغەمۇت قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق تالنى ساغلاملاشتۇرغاندا، ئاشقازاننى ئىللىتىپ، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ، توسۇلۇشنى تۈگىتىش رولىنى ئوينايدۇ. يەنە كۈتۈنۈش ئۇسۇلىنى تاللاشقىمۇ بولىدۇ، مەسىلەن: بادۇەنجىن، تامغا يۆلىنىپ ئۆرە تۇرۇش، تەيجى گۇمپىسى قاتارلىقلارنى تاللىغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى ياڭچى قۇۋۋىتىنىڭ ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. ئەگەر بەدەندە تال زەئىپلەشكەن بولسا، ئەمەن بىلەن داغلاشقا ماسلاشتۇرۇپ، زۇسەنلى پەللىسى، پىشۇ پەللىسى، چىخەي پەللىسى، شۆخەي پەللىسى قاتارلىق پەللىلەرنى بېسىپ بەرسە بولىدۇ.

  ھۆللۈكنى ھەيدەپ بەلغەمنى بوشىتىشتا، كۆپ ھاللاردا تالنى ساغلاملاشتۇرۇش ئاساسىدا، تولۇقلاش بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەڭ قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ھۆللۈكنى يوقىتىدىغان دورىلىق غىزادا، جۇڭگو باينىقى، بايناق، قورۇلغان يېسسىمۇق، مارجان قوناق مېغىزى، قىزىل پۇرچاقنى شورپا ياكى ئۇماچ قىلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە بومباكس گۈلى، يېسسىمۇق گۈلى، بۇچا يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر تال ئاجىزلاپ بەلغەمدە ھۆللۈك پەيدا بولسا، بەدەن پور سېمىز، قورساق يوغىناپ پومپايغان بولسا، لوڭقا قويۇش، پەللىلەرگە يىپ كۆمۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بەلغەمنى بوشىتىپ ئېغىرلىقىنى يېنىكلىتىش كېرەك.

   ھۆللۈكنى ھەيدەپ بەلغەمنى بوشىشىتا، ھەرىكەت كەم بولسا بولمايدۇ. بۇ، يۈگۈرۈش، تېز مېڭىش، توپ ئويناش، سۇ ئۈزۈش، مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرىدىغان توسالغۇغا قارشى ھەرىكەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەتتە ھەر كۈنى بىر سائەت ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىش ياكى ھەر ھەپتىدە بەش قېتىم ئوتتۇرا، يۇقىرى سىجىللىقتىكى ھەرىكەت قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

   ئۇنىڭدىن باشقا، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە «تاتلىق، مايلىق، كۆڭۈلگە تەگكۈدەك كۈچلۈك» يېمەكلىكلەرنى، يەنى يۇقىرى ياغلىق، يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەرنى تىزگىنلەش كېرەك. يېمەكلىك تالاسى مول بولغان كۆكتات، مېۋە-چېۋە، قارا ئاشلىقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، بېلىق، راك قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىللارنى ئاساس قىلىش، مايلىق، ئىنچىكە پىششىقلانغان ۋە تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى ئازايتىش كېرەك.

   تال ساغلاملىقى كېيىنگە ئاساس سالىدۇ. تال قۇۋۋىتى ساغلام بولسا، ياڭچى ئۆرلىسە، كىشىنىڭ زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ، تېنى ساغلام بولىدۇ.

  (ئاپتور مەملىكەت بويىچە داڭلىق جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرى، گۇاڭجوۋ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىك داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ پىروفېسسورى لو سۇڭپىڭ)

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» گۇاڭجوۋ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىك داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.