تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

كۈندە بىر رەددىيە | سۈتنى قاينىۋەتسە، ئوزۇقلۇق قىممىتىنى يوقىتىدۇ؟

  بۇ خىل قاراش خاتا، سۈتنى قايناتقاندا ئوزۇقلۇق قىممىتىگە تەسىرى بولمايدۇ.

    سۈت ئوزۇقلۇق مىقدارى مول يېمەكلىك بولۇپ، تەركىبىدە مول ئاقسىل، ياغ، قەنت، مىنېرال ماددىلار (مەسىلەن، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىقلار) ۋە ۋىتامىن (مەسىلەن، ۋىتامىن E ،D ،B ،A گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار) قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاقسىل ۋە ۋىتامىننىڭ ئىسسىقلىق تۇراقلىقلىقى نىسبەتەن ناچار بولغاندىن سىرت، باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئىسسىقلىق تۇراقلىقلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، 100 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىكى قىزىتىشقا ئانچە سەزگۈر ئەمەس، ئاساسەن ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

   ئاقسىلنىڭ خۇسۇسىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئوزۇقلۇق قىممىتىنى پۈتۈنلەي يوقاتقانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، كۆپچىلىكنىڭ زىيادە ئېتىبار بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ۋىتامىندىنمۇ زىيادە ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى سۈتتىكى ۋىتامىن مىقدارى ئەسلىدىنلا يۇقىرى ئەمەس، ئىككىنچىدىن، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ سۈت ئىچىشى ئاساسلىقى كالتسىي ۋە ئاقسىلنى تولۇقلاش ئۈچۈندۇر، سۈت كىشىلەرنىڭ ۋىتامىن قوبۇل قىلىشىدىكى ئاساسلىق مەنبە ئەمەس، ئادەتتە كۆپچىلىك كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى نورمال يېسىلا، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن قوبۇل قىلىشنى تامامەن قاندۇرالايدۇ.

   دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، سۈتنى بىر قەدەر ئىسسىق (℃25تىن يۇقىرى) مۇھىتتا ئۇزاق ۋاقىت ساقلىماسلىق كېرەك، بىر تەرەپتىن باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلىتىپ، سۈتنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن سۈتنىڭ تەمىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. كۆپچىلىكنىڭ ئورالمىدىكى كۆرسەتمە بويىچە سۈت ساقلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، مەسىلەن، نورمال تېمپېراتۇرىلىق سۈتنى قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلاش، باستېرلىق سۈتنى(巴氏奶) توڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلاش.

  

   ئاپتور: دوۋ دىڭ، يېمەكلىك پىششىقلاش بىخەتەرلىك ماگىستىرى

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: جاڭ يۈ، جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور، دۆلەت ساغلاملىق بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو ۋىراچلار جەمئىيىتى ساغلاملىق تارقىتىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.