جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى مۇنداق خەۋەر بەردى: نەچچە كۈندىن كېيىن ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىدۇ، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر باھار بايرىمىدىن كېيىنكى تۇنجى بايراملىق دەم ئېلىشنى كۈتۈۋالىدۇ. ھالبۇكى، كالىندارنى ئاچساق، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنىنىڭ يەكشەنبە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.

«دېيىشىپ قويغان» يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىش بىۋاسىتە «پارغا ئايلىنىپ كېتىدىغان» بولدى! نۇرغۇن كىشىلەر: يوق بولغان بۇ يېرىم كۈن دەم ئېلىشنى تولۇقلاپ ئالغىلى بولامدۇ، دەپ سوراشتى. تولۇقلاپ دەم ئېلىشقا بولامدۇ؟ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلسا، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟
ھەپتە ئاخىرىغا ئۇدۇل كېلىپ قالغان ئاياللار بايرىمىلىق دەم ئېلىشنى تولۇقلاپ ئالغىلى بولامدۇ؟
«مەملىكەت بويىچە يىللىق بايرام ۋە خاتىرە كۈنلىرىدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى»نىڭ 6-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن: بارلىق پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان بايرام شەنبە، يەكشەنبىگە توغرا كەلسە، خىزمەت كۈنىدە تولۇقلاپ دەم ئېلىشى كېرەك؛ قىسمەن پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان بايرام شەنبە، يەكشەنبىگە توغرا كەلسە، تولۇقلاپ دەم ئېلىش بېرىلمەيدۇ.
ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلسا
ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟
«ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئالاقىسى 〔2000〕 18-نومۇرلۇق» ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا، قىسمەن پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان بايرام مەزگىلىدە، جەمئىيەت ياكى ئىدارە تەشكىللىگەن تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ۋە نورمال خىزمەت قىلغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئىدارە مائاش بېرىشى كېرەك، لېكىن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشى بەرمەيدۇ. ئەگەر بۇ بايرام شەنبە، يەكشەنبىگە توغرا كېلىپ، ئىدارە ئىشچى-خىزمەتچىنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرسا، دەم ئېلىش كۈنىدە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشىنى قانۇن بويىچە بېرىشى كېرەك. شۇڭا، بۇ يىل ئاياللار بايرىمىدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەمما دەم ئېلىشنى تولۇقلاپ ئالالمايدىغانلارنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى بويىچە ھېسابلىنىدۇ (كۈنلۈك ئىش ھەققىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە).






