تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ياخشى تەدبىرلەر ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمەن

ئەزا ما خۇادۇڭ:

ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ياخشى تەدبىرلەر ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

«مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش نەزەر دائىرەمنى يۈكسەك، كەڭ ئەندىزىگە قويۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىيىتىدىكى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلى ۋە يولى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۆزۈمنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش يۆنىلىشىمنىڭ توغرا، ئاساسىمنىڭ چوڭقۇر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.» 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 - يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن سىرتتىن قاتناشقان ئەزالار سۆھبەت يىغىنىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ما خۇادۇڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش باش تېمىسىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلغاندا قەتئىيلىك بىلەن شۇنداق دېدى.

3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى قالتىس نەتىجىسى بىلەن، ما خۇادۇڭ 2025 - يىللىق «مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئەلا ئادا قىلىش مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.

ما خۇادۇڭ قېزىلما بايلىقلارنى تەكشۈرۈش ساھەسىدىكى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىدا، ئۇ سۇنغان بەش پارچە تەكلىپ شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا دەل جايىدا ئۇدۇللاشقان بولۇپ، ھەم مەۋقەنى ئۆز كەسىپ ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشى، نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاپ تەكشۈرۈش رايون بۆلىكىنى ئېچىش قاتارلىق ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپلەر بار، ھەم شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى قۇرۇلۇشىنى چىڭ كۆزلەپ، سايرام كۆلىنى ئايلىنىش ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا 144 سائەت چېگرادىن ئۆتۈشتە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەر بار. تاللانغان تېما ئەمەلىي، باشلىنىش نۇقتىسى دەل جايىدا بولغاچقا، تۆت پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىنىپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار تەكلىپنى تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى ئالاقىدار خادىملارنى ئالايىتەن شىنجاڭغا بېرىپ ئۇدۇللاشتۇرۇپ بېجىرىشكە ئەۋەتتى، بۇ تەكلىپ شىنجاڭنىڭ 2025 - يىلى نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا پائال رول ئوينىدى.

«تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماي تۇرۇپ تەكلىپ بەرگىلى بولمايدۇ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈش كېرەك» دېدى ما خۇادۇڭ. بىر يىلدىن بۇيان، ئۇ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ئايلىنىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. ھەر قېتىملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىدە، ئۇ بىردەك ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئالدىن توپلاپ ۋە رەتلەپ، تەكشۈرۈپ ئىگىلىگەن بىرىنچى سەپتىكى ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنى يېزىشقا پائال قاتنىشىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، كۈندىلىك خاتىرىنى ۋاقتىدا رەتلەپ چىقتى. پۇختا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تايانغاچقا، ئۇنىڭ بەرگەن تەكلىپ ۋە مەسلىھەتلىرى تېخىمۇ رېئال قاراتمىلىققا ئىگە بولدى.

تىرىشىپ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ما خۇادۇڭنىڭ ئۆزگەرمەس قەتئىي ئىرادىسى. ئۇ تەكلىپ بېرىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ياردەملىشىش بىلەن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن يىلدا جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىغا دائىر 20 پارچىدىن ئارتۇق ئۇچۇرنى يوللىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان كانچىلىق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار تەكلىپ دۆلەت رەھبىرىنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىغا ئېرىشتى؛ كۆپ قېتىم ئەترەتنى باشلاپ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار 30 پارچىدىن ئارتۇق پىكىر - تەكلىپنى توپلاپ، يەرلىكنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا، ئۇ باشلامچى بولۇپ شايار ناھىيەسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەيدىغان يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى ئاقىللار ئامبىرى مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، دۆلەت كېۋەز قۇرۇلۇشى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ بازىسىدا قۇرۇلۇش باشلىنىشىغا تۈرتكە بولدى؛ 30 مىليون يۈەن ئاممىۋى مەنپەئەت مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شايار ناھىيەسىدە «تەكلىماكاننى چۆرىدىگەن يىپەك يولى بوستانلىقىدىكى جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى ئاممىۋى مەنپەئەت ئورمىنى» مەخسۇس يار - يۆلەش بولۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويدى، 2025 - يىلى كۈزدە 6 مىليون تۈپ سۆكسۆك تىكىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە شىنجاڭنىڭ يېشىل كانچىلىق كەسپىدىكى پەن - تېخنىكا ئېھتىياجى ۋە تۈرلەرگە دائىر 26 تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە كەسىپنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

«شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كاپالىتى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش مېنىڭ سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇشتىكى مەسئۇلىيىتىم.» ما خۇادۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىلدا، سىياسىي كېڭەش ئەزاسىغا خاس مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتە پارتىيەگە يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىپ، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن بولۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى چىن قەلب ۋە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئادا قىلىپ، ئىستىل جەھەتتە راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تېخىمۇ دەل جايىدا بولغان تەكلىپ، تېخىمۇ پۇختا ھەرىكەت ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ ۋە كۈچ چىقىرىپ، دۆلەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىمتىھان قەغىزىگە ياخشى جاۋاب بېرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.