تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن سىگنال بېرىش مەدەنىيەت مىراسلىرىنى «بوران - چاپقۇندىن قوغدىدى»

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

ناچار ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلگەندە، خۇاشيا زېمىنىغا تارقالغان يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۈچۈن «بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپى»نى قانداق بەرپا قىلىش كېرەك؟ بۇلتۇرقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى زويا باقىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بويىچە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشتىكى ئاغرىق نۇقتىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، «مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش بويىچە مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن سىگنال بېرىش، كۆزىتىش - ئۆلچەش مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيە»نى سۇندى. دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە ئەستايىدىل بېجىرىپ، ماس ئالغا سىلجىتىپ، ۋەكىللەرنىڭ ساداسىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، دەل جايىدا مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن سىگنال بېرىش ئارقىلىق مىڭ يىللىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۈچۈن «مۇداپىئە كۈنلۈكى» بەرپا قىلدى.

دۆلىتىمىزدىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ھەجىم مىقدارى غايەت زور، تارقىلىشى كەڭ، قەدىمىي يادىكارلىق ئورنى، قەدىمىي ئىمارەت، قىيا تاش رەسىملىرى قاتارلىقلار تەبىئىي مۇھىتتا ئۇزاق مۇددەت ئوچۇق ھالەتتە تۇرغان بولۇپ، قارا يامغۇر، كەلكۈن، تەيفېڭ بورىنى، كۈچلۈك قارشى ھاۋا ئېقىمى قاتارلىق مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتلەرگە يۈكسەك دەرىجىدە سەزگۈر.

«ناچار ھاۋارايىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چىرىتىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، جەزمەن پۈتۈن زەنجىرلىك مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن سىگنال بېرىش، كۆزىتىش - ئۆلچەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئاپەت خەۋپ - خەتىرىنى مەنبەدىن تۆۋەنلىتىش كېرەك». زويا باقىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي بىرىنچى سېپىدە ئۇزاق مەزگىل يىلتىز تارتتى، 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، بۇ تەۋسىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى ئەسلىي مەقسىتىنى ئەسلەپ، ئۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە شانلىق مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن، بۇ قىممەتلىك مىراسلارنى ياخشى قوغداش جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان يىلتىزىنى قوغدىغانلىق».

دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ تارماق بىلەن بىرلىكتە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن قوغداش «بىرىكمە تەدبىر»ىنى قوللاندى. مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا بولغان تەسىرى توغرىسىدىكى ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەتقىقاتنى كۈچەيتتى. «پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش يىرىك پىلانى توغرىسىدىكى ئالدىن تەتقىقات» «پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچراش خەۋپ - خەتەر خەرىتىسى توغرىسىدىكى ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەتقىقات» قاتارلىق تۈرلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچراش ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئەھۋالى ھەم ساقلانغان مەسىلىلەرنى باھالىدى؛ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساھەسىدىكى مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن سىگنال بېرىشنىڭ دەل جايىدا بولۇشى ۋە ۋاقىتچانلىقىنى ئۆستۈردى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىدىن ھەر كۈنى ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساھەسىدىكى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ۋە 4 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئۇنىۋېرسال كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە ھەمتۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى؛ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش پۈتۈن زەنجىرلىك ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىلىشىپ، «تەبىئىي ئاپەت ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈزۈمى» «پەۋقۇلئاددە زور تەبىئىي ئاپەت زىيىنىنى ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈزۈمى»نى ئۆزگەرتىشكە ماسلاشتى؛ 1 - تۈركۈمدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىمارەتلىرىنى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك قوغداشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تاماملىدى. ھەر يىلى ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلىدىكى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشنى ۋاقتىدا باشلىدى، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىش، بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەتەردىن قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆپ قېتىم مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلىش تېخنىكا لايىھەسىگە ۋاقتىدا تەستىقىي جاۋاب بەردى.

كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن قوغداشنىڭ دەرىجىسى سىجىل ئۆستۈرۈلىدۇ. دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى مۇنداق ئايدىڭلاشتۇردى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، تەبىئىي ئاپەت سەۋەبىدىن يوقاپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئوبيېكتىپ بېكىتىلىدۇ، يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى گەۋدىسى ھەم ئەتراپىدىكى تارىخىي مۇھىت ئۇچۇرلىرى توغرا خاتىرىلىنىپ ۋە ئارخىپلاشتۇرۇلۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئاساسى پۇختىلىنىدۇ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، بولۇپمۇ تۆۋەن دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، رېمونت قىلىش ئالغا سىلجىتىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىدۇ. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ كىلىمات ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش قاراۋۇل نۇقتىسى ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يېقىنقى يىللاردا ئاپەتكە ئۇچرىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ۋە ئاپەتكە ئۇچراپ بۇزۇلۇش ئالاھىدىلىكى رەتلىنىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىشىنىڭ تارقىلىش قانۇنىيىتى تەتقىقاتى ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشنى «پاسسىپ ھالدا ئاپەتكە ئۇچراش»تىن «تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇداپىئەلىنىش»كە ئۆزگەرتتى.

«مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جانلاندۇرۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سىجىل كۈچ چىقىرىپ، تېخىمۇ قاتتىق قوغداش، تېخىمۇ دەل جايىدا ئالدىن سىگنال بېرىش ئارقىلىق، بوران - چاپقۇنلار ئىچىدە جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى زويا باقىت.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.