
2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ «باھاردا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىش» مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، 60 كارخانا 2249 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. سۈرەتتە: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر پىكىر ئالماشتۇرماقتا.□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بېي
تىرىشقانلار باھارنى بالدۇر كۈتۈۋالىدۇ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭى مۇساپىنى باشلايدۇ.
2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، باھار بايرىمى كەيپىياتى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ زالى ئادەم بىلەن لىق تولغان بولۇپ، تولىمۇ ئاۋاتلىشىپ كەتكەنىدى.
ئاپتونوم رايوننىڭ 2026 - يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئەتىياز پەسىللىك خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش مەملىكەت بويىچە سەييارە (شىنجاڭ بېكىتى) تۇنجى مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى بۇ جايدا قىزغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەتىياز پەسلى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.
باھار بايرىمىدىن كېيىنكى خىزمەت ئىزدەش، ئادەم ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىسىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن شىنجاڭدا «باھار شامىلى ھەرىكىتى ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش پەسلى» مەخسۇس تۈر پائالىيىتى ماس قەدەمدە باشلاندى. ھەرقايسى جايلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى باھار بايرىمىدىن كېيىن ئىش ئورنىغا قايتىش، خىزمەت ئىزدەش، خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشنىڭ «ئالتۇن كۆزنەك مەزگىلى»نى چىڭ تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ «باھار شامىلى»نى مەھەللىلەر، يېزا - كەنتلەر، كارخانىلارغا يەتكۈزدى. ئادەم ئىشلىتىش بازىرىنىڭ قىزغىنلىقىغا شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يىل بېشىدا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىشتىن ئىبارەت ئۇرغۇپ تۇرغان غەيرىتى يوشۇرۇنغان.
2 - ئاينىڭ 24 - كۈنىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا بۇ يىل جەمئىي 275 مەيدان توردا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى، 355 مەيدان تور سىرتىدا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، تەمىنلىگەن ئىش ئورنى 180 مىڭدىن ئېشىپ، پۈتۈن يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە قەدەمنى ياخشى ئېلىش، ئىشنى ياخشى باشلاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.
دەل جايىدا كاپالەتلەندۈرۈش، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش
يېقىندا، چۆچەك شەھىرىنىڭ 2026 - يىللىق باھار شامىلى ھەرىكىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش پەسلىنىڭ «قىشلىق تەتىلدە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، باھاردا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىش» مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىدە، 12 ئەلا سۈپەتلىك كارخانا 156 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، بۇلار يېمەكلىك پىششىقلاش، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى، تور ئالاقىسى قاتارلىق كۆپ ساھەنى قاپلىغانىدى، بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچى كۆزنەك ئالدىدا چۆرىدىشىپ، ئەستايىدىل مەسلىھەت سورىدى.
شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسىنى پۈتكۈزگەن مى نانا مۇنداق دېدى: بۇ مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا ئۆز كەسپىمىزگە ماس كېلىدىغان ئىش ئورنى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سىياسىتى ئېنىق چۈشەندۈرۈلۈپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلىپتۇ.
سانجى شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن ياڭ يۈنجۇڭ نەق مەيداندا ئۆزى ياقتۇرغان خىزمەت ئورنىغا قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تاپشۇرۇپ، ئۆزى ئۆگەنگەن ئىقتىدار ئارقىلىق، كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تېپىشنى ئۈمىد قىلدى.
چۆچەكلا ئەمەس، ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن جايلارمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ «قىشلىق تەتىلدە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەلبلەرنى ئىللىتىش ھەرىكىتى»نى ماس قەدەمدە باشلاپ، توردا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش لېكسىيە يىغىنى، توردا مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىنى ئارقا - ئارقىدىن ئېچىش ئارقىلىق، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرگە قولايلىق بولغان خىزمەت ئىزدەشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يولىنى ھازىرلاپ بەردى.
ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان يېزىسىدا «سەييارە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى» بىۋاسىتە ھالدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە ئېچىلدى. سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان يۇرتداشلار سەھنىگە چىقىپ ئۆزىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كەچۈرمىشىنى ھەمبەھرىلەپ، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش تېپىپ ئىشلىشىگە تۈرتكە بولدى.
خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، دولان يېزىسىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم شىنجاڭدىكى بىر توقۇمىچىلىق شىركىتى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى. «ئۆيگە يېقىن، مۇقىم كىرىم قىلىدىغان ئىش تېپىپ، ھەم ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى، ھەم كۆپرەك پۇل تېپىشنى ئويلايمەن» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.
يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، ھەرقايسى جايلار مۇلازىمەت دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە خەلق ئەھۋالىنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا قارىتا «تۆتنى ئېنىقلاپ» رەتكە تۇرغۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ خوتەن ۋىلايىتى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا ھەرىكەت ھالىتىدە يار - يۆلەك بولۇش تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، جەمئىي 1500دىن ئارتۇق ئىشسىز قالغانلارنىڭ قايتىدىن ئىش ئورنىغا چىقىشىغا ياردەم بەردى.
شەھەرلەردىن يېزا - كەنتلەرگىچە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن دېھقان ئىشلەمچىلەرگىچە، «تېمىتىپ سۇغىرىش شەكلى»دىكى مۇلازىمەت نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى بارغانسېرى مۇقىملاشتۇردى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ بويىچە 10 مىڭغا يېقىن ئىشسىز قالغانلارنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىلدى، يۇرتىغا قايتقان 30 مىڭغا يېقىن ئادەم قېتىم دېھقان ئىشلەمچى ئۆز جايىدا يېڭىدىن ئىش تاپتى.
خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، خىزمەت ئىزدەش، خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا كىشىلەرنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىش
«ئىلگىرى توردا قىسقىچە تەرجىمىھالنى ئەۋەتىش دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك ئىش ئىدى. بۈگۈن نەق مەيداندا يېتەكچى بىلەن پاراڭلىشىپ، قىسقىچە تەرجىمىھالىمنى ئۆزگەرتتىم، خىزمەت ئىزدەش نىشانىممۇ ئېنىق بولدى.» ئاپتونوم رايوننىڭ 2026 - يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئەتىياز پەسىللىك خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش بويىچە مەملىكەتلىك (شىنجاڭ بېكىتى) تۇنجى مەيدان سەييارە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭ داشۆ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتكۈزگەن جاڭ چېڭ بىر قېتىمدىلا قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئۈچ ئورۇنغا تاپشۇردى.
باھار بايرىمىدىن كېيىنكى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش بازىرى قاينام - تاشقىنلىققا تولۇپلا قالماي، ئۇسۇل جەھەتتە يېڭىلىق ياراتتى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىدا، AIلىق خىزمەت ئىزدەش بىر گەۋدىلەشكەن ماشىنا، AIلىق يۈزتۇرا ئىمتىھان ئېلىش ئامبىرى «ئالقىشلىق بۇيۇم» بولۇپ قالدى، ئىش ئورنىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماسلاشتۇرۇش، توردا تەقلىدىي يۈزتۇرا ئىمتىھان ئېلىش خىزمەت ئىزدەش ئۈنۈمىنى بىراقلا ئۆستۈردى.
كورلا شەھىرىدىكى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە، «ئىشقا ئورۇنلىشىش يېتەكچىسى» تورداشلارنى باشلاپ چۆكۈش شەكلىدە «بۇلۇتتا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىنى ئايلاندۇردى»، كارخانىنىڭ HRسى ئەمەلىي ۋاقىتتا توردا سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئېكراندىكى سۆزلەر سىجىل يېڭىلىنىپ، كەيپىيات ئىنتايىن قىزغىن بولدى.
قەشقەر ۋىلايىتى بولسا ئۆز جايىدىكى كەسىپلەرنىڭ ئۆزگىچىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش دائىرىسىنى مەدەنىيەت - ساياھەت، يېڭى ئېنېرگىيەدىن ئىبارەت بۇ يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرگە كېڭەيتىپ، كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
«بايرامدىن كېيىن ئىش باشلاش ئۈچۈن بىز ئادەم قوبۇل قىلىشقا ئالدىرىدۇق، بۇ قېتىمقى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى بەك ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلدى». قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ «باھار شامىلى ھەرىكىتى» تۇنجى مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭ جىخۇي يىڭتۇڭ مالىيە - باج ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ جېندۇڭ مۇنداق دېدى: نەق مەيداندا ئۇدۇللاشتۇرۇش ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولدى، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي ساپاسىمۇ ياخشى ئىكەن، كارخانىمىزنىڭ خادىم كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى بىردىنلا يەڭگىللەتتى.
كىشىنى تېخىمۇ ئۈمىدكە تولدۇرغىنى شۇكى، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، مەملىكەت بويىچە شەھەرلەر بىرلىكتە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن 500دىن ئارتۇقى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
شۇ چاغدا، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ماس قەدەمدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىپ، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر سەييارە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىپ، رايونلارنى تولۇق قاپلاش، مۇددىئاسى بار كارخانىلارنى تولۇق قاپلاش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
سىياسەتنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش، پايدىنى كەم - كوتسىز نەقلەشتۈرۈش
«نەق مەيداندا خىزمەت تاپقىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى سۈرۈشتۈرگىلى، ياردەم پۇلنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ، بىر قېتىمدا بىرنەچچە ئىشنى بېجىرىپ بىلىۋالغىلى بولىدۇ».
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ «باھار شامىلى ھەرىكىتى ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش پەسلى» خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭ داشۆنى پۈتكۈزگەن ۋۇ يۈەنشېڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سىياسىتىنى ئېنىق سوراپ، يۇرتىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىش سەمىمىيىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنلىرىدا سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش رايونى، كەسىپكە يېتەكچىلىك قىلىش رايونى ئۆلچەملىك سەپلىمە بولۇپ قالدى.
خىزمەتچى خادىملار ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل ئارقىلىق يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ «كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان، ئېنىق ھېسابلىيالايدىغان، بېجىرىپ بىلىۋالالايدىغان» بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
سىياسەت پايدىسىنى كارخانا ۋە ئاممىنىڭ قولىغا تېخىمۇ تېز يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلار «ياردەم پۇلنى بىۋاسىتە بېرىپ رەسمىيەتنى تېز بېجىرىش» «ئىلتىماس قىلمىسىمۇ بەھرىمەن قىلىش»نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى. 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنىگىچە، بۇ يىل پۈتۈن شىنجاڭدا جەمئىي 160 مىليون يۈەندىن ئارتۇق تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى تارقىتىلدى، ئەمەلىي سېلىنما، كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ھاياتىي كۈچىنى ھەقىقىي ئۇرغۇتتى.
چۆچەك شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ كادىرى زۇلخۇمار مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مۇلازىمەتنى ئىش بېجىرىش كۆزنىكىدىن ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدىغا يۆتكىشىمىز، دەل خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە غەمخورلۇقنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن».
ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: كېيىنكى قەدەمدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ئەتىياز پەسىللىك ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىدا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج تەڭ ئېشىشتەك ياخشى پۇرسەتنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئادەم ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش مۇلازىمىتى كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىختىساسلىقلار بىلەن ئىش ئورنى ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئادەم كۈچى بايلىقى تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.






