□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن جياڭلىن
قەدەملىرى ئارقىلىق تىيانشان مېھىرلىك تۇپرىقىنى ئۆلچىدى، قەلەم ۋە سىياھ بىلەن دەۋر ئۆزگىرىشىنى خاتىرىلىدى. 2026 - يىلى 2 - ئاينىڭ بېشىدا، شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى)دىكى 100 نەپەر مۇخبىر، مۇھەررىر تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا بېرىپ، بىر ئاي داۋاملىشىدىغان «باھار بايرىمىدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
مۇخبىرلار بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، كەمتەر بولۇپ، ئاممىغا يېقىنلىشىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان، ئاممىباب، قىزغىن كەيپىيات ئۇرغۇپ تۇرىدىغان يېزىق ۋە كامېرا ئارقىلىق تەرەققىيات ئىزنالىرىنى بايقاپ، بەختلىك ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ھېس قىلغىلى ۋە سەزگىلى بولۇش، قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە خەلق تۇرمۇشى ھارارىتىنى تولۇق كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلدى.
ئاددىي كىشىلەرنىڭ ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولدى
پامىر ئېگىزلىكىدىن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىگىچە، چېگرا پورتىدىن چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىسىغىچە، مۇخبىرلارنىڭ كۆرگىنى ئاددىي كىشىلەرنىڭ ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى چېگرا رايون كەڭ تۇپرىقىدا كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان قاينام - تاشقىنلىق ئۆزگىرىش بولدى.
جېمىنەي ناھىيەسىدىكى چەكسىز قارلىق دالىدا، مۇخبىر ساۋۇر تېغىدىكى قىشلاققا چوڭقۇر چۆكتى. چارۋىچى ئاياسىن نازىمبېكنىڭ ئۆيى ئىللىق ھەم يورۇق بولۇپ، تاملىرىغا خۇشاللىققا تولغان باھار بايرىمىلىق رەسىملەر چاپلانغانىدى، ئوچاق بېشىدىكى ئەتكەنچايدىن مەززىلىك ھىد تاراپ تۇراتتى. يېڭى شەكىلدىكى ئۆيلەر كونا تاش ئۆيلەرنىڭ ئورنىنى ئالدى، تۆت چاقى سۆرەيدىغان ئاپتوموبىل ئات مىنىپ قار كېچىشنىڭ ئورنىنى ئالدى، تېز يوللانما بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى، تور راۋانلاشتى، چارۋىچىلار تاغدىن چىقماي تۇرۇپلا قولايلىق تۇرمۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرىلىنەلەيدىغان بولدى.
«جۇڭگونىڭ غەربىي قۇتۇپى» ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە، مۇخبىر جىغىن يېزىسى ساز كەنتىدىكى «خەلق نەمۇنىچىسى» بۇرماقان مولدونىڭ ئۆيىگە كىرىپ، يېزا - كەنت تەرەققىياتىدىكى نەتىجىلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. بۈگۈنكى كۈندىكى ساز كەنتىدە كەڭ ئاسفالت يوللار ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى، تۇرالغۇلار بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ كەتتى، تۇرمۇش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.
بورتالا شەھىرىنىڭ ئوتبۇلاق بازىرىدا، مۇخبىر چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى، شۇ جايدىكى ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە پانۇسلارنى ئاستى، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىنى قىلدى. چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى جېڭ شياڭجىن: ھەر قېتىم ئاھالىلەر بىلەن بىللە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىنى قىلغاندا، ئۆزۈمنى تېخىمۇ «قاملاشقان» بولۇپ كەتكەندەك ھېس قىلىمەن، دېدى. ئۇلار ئائىلىسىنىڭ ئېغىر يۈكىنى زىممىسىگە ئالغان دادىلار، ئاتا - ئانىسى كېچە - كۈندۈز غېمىنى يەۋاتقان ئوغۇللار، تېخىمۇ مۇھىمى جايلارنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغداۋاتقان سادىق قوغدىغۇچىلار بولۇپ، ئەڭ ئاددىي مەسئۇلىيەتچانلىقى ئارقىلىق چېگرا رايون بىخەتەرلىكىنىڭ پۇختا توسۇقىنى مۇستەھكەملىدى.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خاتىرىلىدى
قومۇلدىكى يۈز چاقىرىملىق شامال رايونىدا، مۇخبىر شىسەنجيەنفاڭ مېتېئورولوگىيە پونكىتىنى زىيارەت قىلغاندا، ئويلاپمۇ باقمىغان بىر مەيدان زىيارەتنى باشتىن كەچۈردى. ئىلگىرىكى جاپالىق، ئاددىي پونكىت ئۆيلىرى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن، توك بىلەن تەمىنلەش مۇقىم، ئاپتوماتىك كۆزىتىپ ئۆلچەش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلانغانىدى، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى چېگرا رايوننىڭ تەرەققىياتىنى قوغداۋاتقانىدى.
بىرىنچى سەپ ئەڭ جانلىق دەرسخانا. 2026 - يىلى باھار بايرىمىدا، مۇخبىرلار دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەر، ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەربىر جانلىق مەنزىرە، ھەربىر چىن ھېسسىياتقا تولغان بايانلار ئارقىلىق، شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك تومۇر سوقۇشىنى ئىگىلەپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىشنىڭ قىزغىن ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلدى.
مۇخبىر يىغىندى قارنى كېچىپ، قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان 34.5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كۆمۈر توشۇش كارىدورىنى زىيارەت قىلىپ، 7 مىليون توننا «قارا ئالتۇن»نىڭ «كارىدور» ئارقىلىق تاغدىن چۈشۈشىدىن ئىبارەت يېشىل ئۆزگىرىشنى خاتىرىلىدى، ئارداق دۆۋلەتنىڭ كۆمۈر توشۇيدىغان شوپۇردىن چارلاپ تەكشۈرۈش خادىمى بولۇشقىچە بولغان كەسپىي جەھەتتىكى كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولدى، شۇنداقلا ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ئورتاق گۈللىنىشىنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چۈشەندى.
«بىر پورت تۆت دۆلەتنى تۇتاشتۇرىدىغان» جېمىنەي پورتىدا، مۇخبىر سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى كۆردى: چېگرا ھالقىغان ساياھەت بويىچە باھار بايرىمىلىق ساياھەت ئۆمەكلىرى تولۇق جابدۇنۇپ يولغا چىقتى، جۇڭگو - قازاقىستان ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ئاممىنىڭ «ماڭىمەن دەپلا ماڭىدىغان» چېگرا ھالقىغان ساياھىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى؛ چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرىدا، ئامما ئىمپورت قىلىنغان قەنت - گېزەك، شاكىلات، سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق تاۋارلار لىق قاچىلانغان خالتىلارنى كۆتۈرۈپ قايتتى، خۇشال كۈلكە سادالىرى ئىچىدە چېگرا سودىسىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى تولۇق نامايان بولدى.
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا - كەنتلەرمۇ ئوخشاشلا ھاياتىي كۈچكە تولدى. گۇما ناھىيەسى مۇجى بازىرىدىكى بازاردا لەڭپۇڭ يايمىسى ئالدىدىكى خېرىدار چاقىرغان سادالار، تىرىك چارۋا سودىسىدىكى ئالىقانلارنى بىر - بىرىگە ئۇرۇشقان سادالار، پۇقرالار سەھنىسىدىن ياڭرىغان ناخشا سادالىرى گىرەلىشىپ كەتتى، بىۋاسىتە ھېس قىلغىلى بولىدىغان قويۇق تۇرمۇش پۇرىقى دەل زامانىۋى يېزا - كەنتلەرنىڭ ئەڭ جانلىق، ئەڭ تەسىرلىك قىياپىتى.
چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىدىكى يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش كارخانىسى سېخلىرىدىن تەرەققىيات رايونىدا جىمجىت يۈرۈشۈۋاتقان يېشىل ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش نەق مەيدانىغىچە؛ 10 مىڭ مولۇق مۇنبەت ئېتىزنىڭ يېنىدا تولۇق جابدۇنۇپ يولغا چىقىشقا تەييارلىنىپ تۇرغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چاسا سېپىدىن يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پايدا تەقسىملەش نەق مەيدانىدىكى تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىرايلارغىچە... تەسىرلىك، جانلىق خەۋەرلەردە كىچىك ئىشلار ئارقىلىق چوڭ ئىشلار ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، نۇقتىدىن دائىرىگە كېڭەيتىلىپ، ھەم تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ سالمىقى خاتىرىلىنىپ، ھەم خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ھارارىتى ھېس قىلدۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ پۇختا ئاساسى ۋە كۈچلۈك قۇۋۋىتى جانلىق چۈشەندۈرۈلدى.
ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك پەيتلىرىنى خاتىرىلىدى
خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق، پۇقرالارنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. مۇخبىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئىگىلىگىنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى بولۇپلا قالماي، يەنە كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭگەن خەلق تۇرمۇشى ھارارىتى بولدى.
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3600 مېتىر كېلىدىغان كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدىكى چىرا ناھىيەسىنىڭ نۇرى يېزىسى چىمەنباغ كەنتىدىكى 55 ياشلىق چارۋىچى ئىمىنتوختى مەتتۇرسۇن مۇخبىرنى باشلاپ ئىلگىرى ئېڭىشىپ ئاران كىرەلەيدىغان تۇرالغۇسى − گەمە ئۆيگە كىردى؛ ئون نەچچە مېتىر كېلىدىغان جايدا، ئۇ ھازىر ئولتۇرۇۋاتقان رەڭلىك پولات تاختايلىق ئۆيدىكى مەشتە ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتاتتى. گەمىدىن رەڭلىك پولات تاختايلىق ئۆيگىچە بولغان قىسقىغىنا ئون نەچچە مېتىر ئارىلىق ئۇنىڭ يېرىم ئۆمۈرلۈك تۇرمۇش ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولدى.
باھار بايرىمى كەيپىياتى قەلەم - سىياھ ئارىسىغا سىڭدى. مۇخبىر يەنە ئاۋات ناھىيەلىك دولان مەدەنىيىتى (دېھقانلار رەسىمى) غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، دولان دېھقانلار رەسىمى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسى نەبىجان ئابدۇراخمان بىلەن كۇرسانتلارنىڭ ئات يىلى باش تېمىلىق رەسىم ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلغان كۆرۈنۈشنى خاتىرىلىدى. ئۇلار ئاتنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، رەسىم ئارقىلىق ھېسسىياتنى ئىپادىلەپ، كېۋەزلىكتىن مول ھوسۇل ئېلىنغان، ھەر مىللەت ئامما مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئەمگەك قىلىۋاتقان بەخت مەنزىرىسىنى رەسىم رەختىگە سىزىپ، شۇنداقلا ياڭليۇچىڭ باھار بايرىمىلىق رەسىملىرىدىكى بەدىئىي تۈزۈلۈش ماھارىتىنى رەسىم ئەسەرلىرىگە سىڭدۈرۈپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن خەلق تۇرمۇشى بەختى يۇغۇرۇلۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان گۈزەل كۆرۈنۈشنى نامايان قىلدى.
تىيانشان تۇپرىقىنى قەدەملىرى بىلەن ئۆلچەپ، مۇخبىرلار، مۇھەررىرلەر ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى، چىن قەلبىدىن سىرداشتى، ئىشلەپچىقارغان كۆپ خىل ھالەتتىكى مەھسۇلاتلىرىدا قەغەز تاراتقۇنىڭ سالمىقى بولۇش، تېرمىنال، تورنىڭ ئېقىمى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ساداسىنى تېخىمۇ ياڭراق، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر تارقاتتى.






