تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

بىپايان زېمىندا ھەممە يېڭى تۈسكە كىردى

—— باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

ئارزۇغا ئىنتىلىش ئۇزۇن سەپىرى بىر - بىرىگە ئۇلىشىپ داۋاملاشماقتا.

2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئېچىلىدىغان 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «تەكلىپ»ى بويىچە تۈزۈلگەن خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ لايىھەسى يىغىننىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى بىر مۇساپىسىدىكى ھەرىكەت پىروگراممىسىغا ئايلىنىدۇ.

بەش يىل، ۋاقىتنىڭ شىكالىسى، شۇنداقلا كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆلچىمى.

ئەمدىلا تاماملانغان «14 - بەش يىل»دا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاندى −

بۇ، «بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە گۈزەل» بولۇشتىكى ھەيۋەتلىك، گۈزەل سەھىپە: بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشقىچە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

بۇ، «خەتەرلىك ساھىللارنى بۆسۈپ ئۆتۈش، شىددەتلىك ئېقىنلاردىن كېچىپ ئۆتۈش»تىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش: چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپىسى ئالدىدا، دۆلىتىمىز ئەسىر يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە بەرداشلىق بېرىپ، بىر قاتار زور خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى يېڭى مۇساپىسى ئۈچۈن پۇختا ھەم چوڭقۇر سەھىپىنى پۈتۈشكە باشلىدى.

تاغ - داۋانلاردىن ھالقىپ ئۆتۈش سەپىرىگە تاغقا چىققۇچىلارنىڭ ئىزنالىرى ئويۇلغان، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش سەپىرىگە ئەزىمەتلەرنىڭ غەيرەت - شىجائىتى خاتىرىلەنگەن.

«15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ داۋاملىق كۈرەش قىلىش داۋامىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېپيېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ياراتتى.

«بىز ئىلگىرىكى تەرەققىيات ئاساسىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى تارىخىنى داۋاملىق پۈتۈۋاتىمىز»

2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سائەت 10لاردا، «فۇشىڭ ناملىق» ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ يەنئەن ۋوگزالىدىن يولغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، شىئەن - يەنئەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلاندى ھەم تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى، ئىنقىلابىي شەرەپلىك جاي يەنئەن «يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول دەۋرى»گە قەدەم قويۇپ، بىپايان غەربىي قىسىم ئۈچۈن يەنە بىر قويۇق رەڭدار سەھىپە پۈتۈلدى.

«14 - بەش يىل» تاماملىنىدىغان پەيتتە، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى 50 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى؛ دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى ئاساسىي رامكىسى بولغان «ئالتە ئوق، يەتتە كارىدور، سەككىز يول»نىڭ پۈتۈش نىسبىتى %90تىن ئاشتى؛

شۇنىڭ بىلەن بىللە، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «تەكلىپ»ىدە، «زامانىۋىلاشقان ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» «ئاجىز رايونلارنى قاپلاش ۋە راۋانلاشتۇرۇش كاپالىتىنى كۈچەيتىش» توغرىسىدا يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

بارلىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى داۋاملىق كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش داۋامىدا ئالغا سىلجىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

ۋاقىت ئىنتايىن قالتىس مۇساپىگە گۇۋاھ بولدى.

بىر ئۆرلەش ئەگرى سىزىقىغا بەش يىللىق غايەت زور ھالقىش خاتىرىلەندى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئۇدا 110 تىرىليون يۈەن، 120 تىرىليون يۈەن، 130 تىرىليون يۈەن، 140 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ھالقىپ ئۆتتى؛ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۇدا ئۈچ يىل 13 مىڭ دوللاردىن ئاشتى؛ ئاشلىق ھوسۇلى ئۇدا ئىككى يىل 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭلىق پەللىدە مۇقىم تۇردى؛ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئۇدا 16 يىل دۇنيا بويىچە باش ئورۇندا مۇقىم تۇردى...

بىر ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىدە بەش يىللىق قاينام - تاشقىنلىق نامايان بولدى: يېڭىلىق يارىتىش موتورى تېخىمۇ كۈچەيدى، شەھەر - يېزا رايونلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتى چوڭقۇر ئەۋزەللىككە ئىگە بولدى، گۈزەل جۇڭگو ئارزۇدىن رېئاللىققا ئايلاندى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتە يېپيېڭى قىياپەت نامايان بولدى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمى سىجىل ئاشتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى يەنىمۇ ئاشتى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشى قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە...

2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. «14 - بەش يىل»نى ئەسلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چەكسىز ھاياجانلاندى: «بىز تۈرلۈك زەربە، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.»

بەش يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، بىر بۆلەك بىر بۆلەكتىن كۈچ ئۇلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا تۈرلۈك - تۈمەن ئۆزگىرىش بارلىققا كەلتۈرۈلدى −

جياڭسۇ نەنتۇڭ، ۋۇشەن رايونىدىكى بىنجياڭ بەلبېغىدا تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغاندا، دەريا سۈيى مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى، دەريا قىرغىقى ياپ - يېشىل ئىدى.

2020 - يىلى 11 - ئايدا، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىچىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ۋە قانال قىرغىقى لىنىيەسى، سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، نەنجىڭدا چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

چاڭجياڭ دەرياسى كېچە - كۈندۈز توختىماي شەرققە قاراپ ئېقىپ، چوڭقۇر تەدرىجىي ئۆزگىرىشكە گۇۋاھ بولدى. «14 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدا، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۆرلەپ %47.3كە يەتتى، ئەلا سۇ سۈپىتى نىسبىتى %96.5كە ئۆرلىدى، ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر قاتارلىق بىر تۈركۈم دۇنيا دەرىجىلىك كەسىپ توپى قەد كۆتۈردى.

«14 - بەش يىل» مەزگىلى دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بىرىنچى بەش يىل، دۆلىتىمىز تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتكەن ئاچقۇچلۇق مەزگىل.

دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىپ، تەرەققىيات داۋامىدىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر تەرەققىيات سۈپىتىدە مەركەزلىك ئىپادىلەندى؛ دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، تاشقى زەربە، خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە.

«ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقاندا، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان بىلەن 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىپ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساسىي لىنىيەنى سۈرەتلەپ بەردى:

«<14 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىش كېرەك» «يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك».

2022 - يىلى 10 - ئاي، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا: «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

قەتئىي ئىرادە بىلەن، بىر پارچە ئۇلۇغۋار پىلان ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇلدى.

بەش يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈشتە بولغان ئىزلىرى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى قاپلاپ، جايلارنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى؛ دىققەتنى رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ كۆپ قېتىم مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلدى، قەدەممۇقەدەم چوڭقۇرلاشتۇردى؛ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىدىكى يادرولۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا ئۇزاققىچە كۈچەشكە مەركەزلەشتۈردى؛ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى...

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى نەزەرىيەسى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشقا ئېھتىياجلىق. 2024 - يىلى 1 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 11 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە دىققەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىچكى تەلەپ ۋە مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى، جەزمەن يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.»

جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغاندا تۇنجى قېتىم يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى دېگەن مۇھىم ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن سىستېمىلىق بايان قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىشقىچە، باش شۇجى «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى دېگەن نېمە، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك» دېگەن دەۋر تېمىسىغا چوڭقۇر جاۋاب بەردى.

ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، بىلىش، يەنە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، يەنە بىلىش، قەدەم توختاپ قالمىدى، ئىزدىنىشمۇ توختاپ قالمىدى.

بەش يىلدىن بۇيان، دەۋر سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولدى؛

مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇپ، ئادىمىيەت بىلەن ئىقتىساد بىر - بىرىگە ھۆسن قوشتى، قىممىتى ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇردى؛

تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى ۋە تۈگەتتى؛

...

بەش يىلدىن بۇيان، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈردى.

«يېڭى بولۇش» قەدىمى تېخىمۇ پۇختا بولدى: چوڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى «ئاسمانغا چىقتى، دېڭىزغا چۈشتى»، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىۋانت ئالاقىسى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەردە نەتىجىلەر مول بولدى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش خادىملىرى ئومۇمىي سانى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، دۇنيا يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى رەت تەرتىپىدە تۇنجى قېتىم ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىردى؛

«يېشىل بولۇش» ئاساسىي رېڭى تېخىمۇ روشەن بولدى: دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، دۇنيادىكى يېرىمدىن كۆپرەك يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل جۇڭگو زېمىنىدا قاتناپ، دۇنيا بويىچە ئېنېرگىيە سەرپىياتى سىجىللىقىنىڭ تۆۋەنلىشى ئەڭ تېز دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى؛

«ھەمكارلىشىش» خورى تېخىمۇ ياڭراق بولدى: بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى، غەربىي قىسىم، شەرقىي شىمال، ئوتتۇرا قىسىم، شەرقىي قىسىمدىن ئىبارەت تۆت چوڭ رايون بۆلىكىنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى نامايان قىلدى، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى ئانا دەريا ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى، يېشىل تەرەققىيات يولىدا ماڭدى.

...

سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسى تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى، ئەۋرىشىملىكى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى، بوشلۇق تېخىمۇ كېڭەيدى.

بەش يىللىق مۇساپىنى بېسىپ، تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ، قاتمۇقات ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىدە قالتىس مۇساپىنى پۈتتى −

دۇڭخەي دېڭىزى ساھىلى، نىڭبو - جوۋشەن پورتىدا غايەت زور پاراخوتلار توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. 2025 - يىلى، بۇ جاي دۇنيا بويىچە يىللىق مال كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى 1 مىليارد 400 مىليون توننىدىن ئاشقان تۇنجى چوڭ پورت بولۇپ قالدى.

2020 - يىلى ئەتىياز، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يامغۇرغا قارىماي بۇ جايغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى.

«ھازىرقى ۋەزىيەت زادىلا ئوخشىمايدۇ، كۆپ مىقداردا ئىمپورت قىلىپ كۆپ مىقداردا ئېكسپورت قىلىدىغان مۇھىت، شارائىت بۇرۇنلا ئۆزگەردى، جەزمەن يېڭى ۋەزىيەتكە ئاساسەن تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان يېڭى پىكىر يولىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.» ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى مۇجەسسەملەپ، بېيجىڭغا قايتىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ يىلى 10 - ئايدا، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتتە يېڭى ئەۋزەللىكنى شەكىللەندۈردى...

«14 - بەش يىل»دىن بۇيان، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى تېز بەرپا قىلىنىپ، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ مۇستەھكەم تايانچى پۇختىلاندى: 2021 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئوتتۇرىچە تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %86تىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىش داۋامىدا ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىق تېخىمۇ ياخشى قولغا كەلتۈرۈلدى.

تەرەققىيات يولى ھەرگىزمۇ تۈپتۈز بولمايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ساھىلدىن ئۆتۈش خەتىرى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قىيىنلىقى بار.

ئىككى قېتىملىق يىغىن ماكرولۇق ئىدارە قىلىشنىڭ روشەن ئىزىنى قالدۇردى:

2024 - يىلى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى يامرىغاندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى بىرقاتار كۆپەيمە سىياسەتلەرنى كەسكىن ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ «ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشتىكى بىر قېتىملىق ئابىدىلىك تەدبىر» دەپ تەرىپلەندى.

2025 - يىلى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى دەل خەلقئارا ئىقتىساد - سودا كۈرىشى كۈچەيگەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق يىغىنىدا دىققەت «ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەش»كە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەر چىقىرىلدى.

بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، سالماقلىق بىلەن ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، قېتىم - قېتىملاپ ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئاچقۇچلۇق تاللاش چىقاردى.

ۋاقىتقا، ۋەزىيەتكە ئاساسەن ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئۆزگىرىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، سوتسىيالىزمنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلىدى؛

مەسىلىنى دەل جايىدا كۆزلەپ، دىققەتنى كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىدىكى تۈپ خاراكتېرلىك، يۆنىلىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر بايان قىلدى؛

ئېغىر - بېسىق، تەمكىن بولۇپ، ۋەزىيەتكە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، سىرتنىڭ بېسىمى ۋە توسقۇنلۇقى ئالدىدا، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز كۈچىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىغا قويۇشتا چىڭ تۇردى؛

ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇپ، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى؛

بىرلىكنى قوغداپ، تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئومۇمىي تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛

دۇنياغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بوران - چاپقۇندا خىرىسقا تاقابىل تۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى؛

...

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەردانە ھالدا مۇنداق جاكارلىدى: «يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى كۈتۈۋالىدىغان يېڭى باسقۇچ» «بىز ئىلگىرىكى تەرەققىيات ئاساسىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى تارىخىنى داۋاملىق يېزىۋاتىمىز».

قاتمۇقات تاغ - تىزمىلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈردى؛ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالساق، چەكسىز داغدام يول نامايان بولىدۇ.

«بارلىق خىزمەتتە خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەيمىز»

2021 - يىلى 2 - ئاي، «14 - بەش يىل» ئەمدىلا باشلانغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، مياۋزۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىغا كىرىپ، خاس مياۋزۇ كەشتىچىلىك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، سەمىمىيلىك بىلەن يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا، بىرمۇ مىللەتنى چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ».

«14 - بەش يىل» تاماملىنىدىغان يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم گۇيجوۋغا بېرىپ، دۇڭجەيگە كىرىپ، كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭۈل قويۇپ سوراپ، ئىنچىكىلىك بىلەن مۇنداق تاپىلىدى: «1 - شۇجى تۈزۈمىدە يەنىلا چىڭ تۇرۇش كېرەك، نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسى ئوخشاشلا مۈشكۈل، بۇ جەھەتتە يەنىلا كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.» «بۇمۇ يېڭى دەۋردىكى <فېڭچياۋ تەجرىبىسى>نىڭ بىر خىل ئىپادىسى. زىددىيەتنى ئاساسىي قاتلامدا ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك.» «مىللەتنىڭ بۇ خاسلىقىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش داۋامىدا ئۇنىڭ نۇرىنى تېخىمۇ ياخشى جۇلالاندۇرۇش كېرەك.»

2025 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى تاماملانغاندىن كېيىنكى بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر يىلى. تەكشۈرۈش داۋامىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «يېزا خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە يۈزلەندۈرۈشتىن ئىبارەت، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش جەزمەن پولاتتەك مۇستەھكەم بولۇشى، ھەرگىز كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش ئەھۋالى يۈزبەرمەسلىكى كېرەك.»

يېزا ئىگىلىكى - يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇملۇقى ۋە سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك. بەش يىلدىن بۇيان، بۇ ئىزچىل باش شۇجى كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن چوڭ ئىش بولدى.

شەنشى يەنئەندە، باغقا كىرىپ ئالما ھوسۇلى ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىگىلىدى؛ گۇاڭشى چۈەنجوۋدا، يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىمىغا: «تۆھپىڭىزنى زېمىنغا يېزىڭ» دەپ تاپىلىدى؛ فۇجيەن جاڭجوۋدىكى بېلىقچىلىق كەنتىدە «<دېڭىز> ئىشىنى ياخشى قىلىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى... تاغ - دەريالاردىن ئېشىپ، كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا ئىگىلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، يېزىلارنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش، دېھقانلارنى تېخىمۇ بېيىتىشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن بىرتۇتاش پىلانلىدى، ئىلمىي ئالغا سىلجىتتى.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا «<مىڭ - تۈمەن قۇرۇلۇش> تەجرىبىلىرىنى قوللىنىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش»نى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە، يەنە بەش يىل مەركەزنىڭ 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدە دىققەتنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىشقىچە... يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، ئاساسىي قۇرۇلما بەرپا قىلىپ، كونكرېت خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش يولىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.

شەھەر، يېزا - كەنتلەر خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىدىكى مۇھىم تايانچ. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى.

2023 - يىلى 11 - ئايدا، شاڭخەي شەھىرى مىنخاڭ رايونى يېڭى دەۋر شەھەر قۇرغۇچىلىرى، باشقۇرغۇچىلىرى ئائىلىسى. يېڭى شاڭخەيلىك جېڭ لەنيۈ ئاپىسى بىلەن ئىجارىگە ئالغان ئىككى ياتاق، بىر مېھمانخانىسى بار ئۆيدە باش شۇجى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى.

«ئىجارە ھەققى قىممەتمۇ؟» «قىممەت ئەمەس، ناھايىتى ئازادە تۇرۇۋاتىمىز.» باش شۇجىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، جېڭ لەنيۈنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت، مېنىڭ شاڭخەيدە ئۆيۈم بار بولدى».

«شەھەر يۈكسەكلىككە ئىگە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىللىقلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك.» باش شۇجى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: خەلقنىڭ شەھىرى ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرالغۇغا بولغان كۆپ خىللاشقان، كۆپ مەنبەلەشكەن ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ كېلەلەيدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، خاتىرجەم ئولتۇراقلىشالايدىغان، ئىگىلىك تىكلىيەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق قۇرىدۇ، خەلقنىڭ شەھىرى خەلقنى كۆزلەيدۇ.

2025 - يىلى 7 - ئايدا، مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىندا «زامانىۋىلاشقان خەلقنىڭ شەھىرى»نى قۇرۇشنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شەھەر خىزمىتى نىشانى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

شەھەرلەر بىلەن يېزىلار قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى: 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، دۆلىتىمىزدە دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇسنىڭ شەھەر - بازارلىشىش نىسبىتى %67.89كە ئۆرلىدى، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم سىلىشتۇرمىسى 2.31:1گە تۆۋەنلىدى. ناھىيە رايونى ئىقتىسادى تېز جانلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمى ئۇدا بەش يىل مۇقىم ھالدا 30 مىليون ئادەمدىن ئاشتى.

جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەمىشە يېزىلارغا بېرىپ كۆردى، مەھەللىلەرگە بېرىپ كۆردى. «مەن ياشانغانلار - بالىلاردىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمەن.»

مەسىلە دەۋرنىڭ ساداسى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇس تەرەققىياتىمۇ بىر يېڭى مەزگىلگە كىردى.

نوپۇس تەرەققىياتىدا نامايان بولغان بالىلار ئازىيىش، ياشانغانلار كۆپىيىش، رايونلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئازىيىشىدا ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىش قاتارلىق روشەن يۈزلىنىش خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكلەرگە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىققەتنى نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

مائارىپ، سەھىيە ئىشلىرىدا ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش قىلدى؛ تۇغۇتقا مەدەت بېرىش سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، بالا بېقىش ياردەم پۇلى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تۇغۇت سۆيەر جەمئىيەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولدى؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى كېچىكتۈرۈش سىياسىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك يولغا قويۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك كاپالىتى ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى؛ ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ياشانغانلار ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى...

«14 - بەش يىل»دىن بۇيان، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى ۋە ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى بولدى.

يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خەلققە بەخت يارىتىشتىكى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، سىجىل كۈچىدى.

2035 - يىلىغا بارغاندا، «پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.» پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا تېخىمۇ يىراق كەلگۈسى نىشان كۆزلىنىپ ئورتاق بېيىش پىلانلاندى. بۇنداق بايان قىلىش پارتىيە ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ھۆججەتلىرىدە تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىدى.

تىرىشىپ ئىشلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ بېيىشقا ئىلھام بېرىش، ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، تەدرىجىي ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش... بەش يىلدىن بۇيان، نەزەرىيەنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئۈلگە كۆرسىتىپ يول ئىزدەشكىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويدى؛

ئاممىۋى سىياسەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تورت»نى ياخشى تەقسىملەپ، ھەممە كىشى بەھرىلىنىدىغان مۇۋاپىق تەقسىمات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى؛

جېجياڭغا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئورتاق بېيىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش، پۈتۈن مەملىكەت ئۈچۈن يول ئىزدەش بۇرچىنى يۈكلىدى...

قاينام - تاشقىنلىققا تولغان زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، خەلق باشتىن - ئاخىر تەرەققىياتنىڭ لوگىكىلىق باشلىنىش نۇقتىسى، قىممەت ئاساسىي مەقسىتى.

شىزاڭنىڭ دىڭرى ناھىيەسى پېنجى يېزىسى چيابا كەنتىنىڭ جودۈي تەبىئىي كەنتىدىكى يوللارنىڭ ئىككى تەرىپىگە زاڭزۇ ئۇسلۇبىدىكى يېڭى ئۆيلەر رەتلىك سېلىنغانىدى.

يىشى ساڭمۇنىڭ يېڭى ئۆيىگە كىرگەندە، 74 ياشلىق بۇ موماي زاڭزۇ ئۇسلۇبىدىكى يېپيېڭى سافاغا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى، قۇياش نۇرى قوش قەۋەتلىك ھىم ئاليومىن راملىق دېرىزىدىن موماينىڭ يۈزىگە چۈشۈپ تۇراتتى. موماي خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇنچە تېزلا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشىمىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن!»

2025 - يىلى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، دىڭرى ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش»نى تەلەپ قىلدى.

خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا.

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، كەلكۈن ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، كىرىزىسنى تۈگىتىپ، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ ۋە مۇستەھكەملەپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇردى، مەيلى قانچىلىك زور بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، باشتىن - ئاخىر ئېغىشمىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيەمىز خەلق ئۈچۈن ۋۇجۇدقا كەلدى، خەلققە تايىنىپ گۈللەندى، بارلىق خىزمەتتە خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەيدۇ.»

يېڭى مۇساپىدە، خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ باش ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرغاندا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ.

«سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك»

2026 - يىلى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى زالى. ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى.

«ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لارغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىلدىكى تۇنجى دەرسنى سۆزلەپ، ئېنىق قىلىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: «پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا <15 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەش كېرەك.»

بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتۇق. «1 - بەش يىل»دىن «14 - بەش يىل»غىچە، نەچچە ئەۋلاد كوممۇنىستلار ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، كۈچ ئۇلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش باش تېمىسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى. ھازىر، بىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا پەقەت ئون يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت قالدى.

ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلان چوڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كوردىنات، ئاساسىي ئوق ۋە يۆنىلىش بېكىتىپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەتنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈش ۋە داۋاملىق يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەجرىبىسى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكى.»

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز «12 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، «13 - بەش يىل»لىق ۋە «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈپ چىقتى ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

بۈگۈنكى كۈندە، كوممۇنىستلار دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىقى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ئەڭ ئالدىنقى سەپتە تۇردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ھۆججىتىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «تەكلىپ»ىنى تۈزۈش ئۈچۈن رول تۇتۇپ يول باشلىدى؛ ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، «15 - بەش يىل»لىق تەرەققىياتنى پىلانلاش ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاندى؛ سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، تور ئەھلىنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىگە قارىتا بەرگەن پىكىر - تەكلىپلىرىنى تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: كەڭ دائىرىدە خەلق رايىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاش كېرەك...

ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ نىشاننى بېكىتتى، تارىخىي ئورۇننى ئايدىڭلاشتۇردى −

دۆلىتىمىز «14 - بەش يىل» «15 - بەش يىل» «16 - بەش يىل»دىن ئىبارەت 3 بەش يىللىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى بىرىنچى قەدەمنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. «15 - بەش يىل» ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلايدىغان بەش يىل.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلى ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزگەندە ۋە ياخشى يولغا قويغاندا، 2035 - يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

ۋەزىيەتكە قاراپ پىلان تۈزدى، ئومۇمىيەت ۋە ئومۇمىي ئەھۋالنى ئىگىلىدى −

پۇرسەت ۋە خىرىسنى دىيالېكتىكىلىق تەھلىل قىلدى: چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئىچكى تەرەققىياتقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ.

ئەۋزەل شارائىتنى ئوبيېكتىپ ئىگىلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى مۇقىم، ئەۋزەللىكى كۆپ، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن ئىقتىدارى زور، ئۇزاق مەزگىللىك يۈكسىلىشكە تىرەك بولىدىغان شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرمىدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى، پەۋقۇلئاددە زور كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكى، مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى ئەۋزەللىكى، مول ئىختىساسلىقلار بايلىقى ئەۋزەللىكى تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالدى: «بۇ ۋاقىت كۆزنىكىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەۋزەللىكلەرنى پۇختىلاپ ۋە كېڭەيتىپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى تۈگىتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتە ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.»

«ماقۇللاندى!»

2025 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «تەكلىپ»ى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشى بىلەن، ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

بۇ ئۇلۇغۋار ئىستراتېگىيەلىك پىلان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىنى كۆزلەش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىشتىكى يول خەرىتىسى ۋە خىتابنامە.

باشلىنىش ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك، قەدەم ئېلىش كېيىنكى ۋەزىيەتنى بەلگىلەيدۇ. قانداق قىلىپ ئومۇمىي يىغىن روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قانداق قىلىپ پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى دۆلەتنىڭ ئىرادىسى ۋە يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغىچە، ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈردى، ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ مۇجەسسەملىدى.

2025 - يىلى 11 - ئايدا، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈشتە بولۇشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جەنۇبقا قاراپ يولغا چىقتى.

خەينەن ئەركىن سودا پورتىدا تاموژنا يېپىق يۈرۈشتۈرۈلۈش ئالدىدا، باش شۇجى ئومۇمىي ئەھۋالنى كۆزلىدى، تەدبىر بەلگىلىدى: «خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسەت خەينەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت.»

گۇاڭدۇڭ سەپىرىدە، باش شۇجى گۇاڭدۇڭنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنى «ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ باشلامچىسى، ئالدىن يولغا قويۇلغان جاي، تەجرىبە رايونى» دەپ تەكىتلەپ، «ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش»قا ئىلھاملاندۇردى.

مۇھىم يىغىنغا قاتنىشىپ، كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلىپ، يەرلىككە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «پىروگرامما لايىھەسى»نى تۈزۈش ۋە ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى: پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا پايدىلىق، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئىگىلەشكە پايدىلىق، ئىشلارنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق.

ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىيەت داۋامىدا يارىتىلغان ۋە توپلانغان مول تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇش، يىرىك پىلاننى قانۇندا بەلگىلەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش قاتارلىقلار.

دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ھەم مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: «بارلىق يىرىك پىلاندا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئەمەلىي بولغان، ساختىلىق بولمىغان ئېشىشقا ئىنتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.»

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغىچە، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزدى، سىجىل پىلانلىدى.

2026 - يىلى 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ يىجۇاڭغا جايلاشقان دۆلەت ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش - يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش - ئەمەلىي قوللىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 24 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، دىققەتنى كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈردى.

«15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىلدا تۇنجى قېتىم يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلغاندا زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ تەخىرسىزلىكى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

«<تەكلىپ>تە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش <15 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرنىڭ 1 - ماددىسى قىلىندى، بۇنىڭ ئۈچۈن چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈلگەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ شۇنداق كۆرسەتتى.

«15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم نۇقتا دەل جايىدا ئىگىلىنىپ، «تەكلىپ»تە زور يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش، تىرەك بولۇش رولىغا ئىگە ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر 12 جەھەتتىن ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك ئالدىن كۆرەرلىككە، قاراتمىلىققا، يېتەكچىلىككە ئىگە.

«قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك» «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك» «پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشتا پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك» «تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك» «ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك »... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا نۇقتىلىق ئىگىلەشكە تېگىشلىك تەرەپلەرنى نۇقتىلىق تەھلىل قىلدى، چوڭقۇر بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى.

«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «پىروگرامما لايىھەسى»گە كەڭ دائىرىدە ئەقىل - تەدبىر سورالدى، كەڭ تور ئەھلى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ھەمدە ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن پىكىر - تەكلىپ ئېلىندى، «تەكلىپ»نىڭ روھىغا ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە قاتتىق توغرىلىنىپ، «تەكلىپ»تە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يۆنىلىش خاراكتېرلىك تەلەپلەر ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي تەدبىرگە ئايلاندۇرۇلدى.

جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە.

بېسىپ ئۆتكەن يولىمىزنى ئەسلىسەك، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا يېڭى ئىجادىي ئىلگىرىلەش، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كۈچلۈك كاپالەتنى مۇستەھكەملەيدۇ؛ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئۇلۇغۋار ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك.

يېقىندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، پۈتۈن پارتىيەدە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلدى.

يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇق، سەمىمىي تەلىم بەردى:

«پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك» «ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىش كېرەك».

...

ئېگىز تاغلارنىڭ ھەيۋىتى چوققىسىغا باغلىق، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىمىز توختاپ قالمايدۇ.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بار، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى بار، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ بىر مەقسەتتە مۇجەسسەملىگەن قۇدرەتلىك كۈچى بار، يېڭى مۇساپىدە، ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى!

(مۇخبىرلار ئەن بېي، شيې شىياۋ، ۋاڭ يۈشياۋ، ۋېي يۈكۇن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.