
3-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىخو شەھىرىنىڭ گەنخېزى بازىرىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ يۈەنشياۋ بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش.خۇشال-خۇرام، ئىناقلىق ئىلكىدە كاتتا بايرامنى تەبرىكلەش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، يۈەنشياۋ كاتتا بايرىمى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋېلىندى. پەرىزە سېرىك فوتوسى
3-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9-شى 167-تۇەن ئاھالىلەرنى تەشكىللەپ «چېۋەر قوللار بىلەن پانۇس ياساپ، يۈەنشياۋ بايرىمىنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋېلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، جۈپ-جۈپ چېۋەر قوللار شەكلى ھەر خىل، جانلىق ئىجادىي پانۇسلارنى ياساپ چىقتى. جياڭ جيەنبو فوتوسى
2-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى 29-تۇەن «جەم بولۇپ يۈەنشياۋ بايرىمىنى تەبرىكلەش» باش تېمىسىدىكى باھار بايرىمىلىق سەييارە كوچا ئويۇنى كۆرىكى ئۆتكۈزدى. مەھەللە، ليەندۈي، ئورگان ۋە كورلا شەھىرى شاڭخۇ بازىرىدىن كەلگەن 15 كوچا ئويۇنى ئەترىتى بۇ پائالىيەتتە نۆۋەت بىلەن نامايان بولدى. لى ۋېيپىڭ فوتوسى
3-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ مول مەزمۇنلۇق باھار بايرىمى ئۆرپ-ئادىتى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە پانۇس تېپىشمىقى تېپىپ، تاڭيۈەن يەپ، چۇەنجۈ تىياتىرى چىراي ئۆزگەرتىش ماھارىتىنى كۆرۈپ، يۈەنشياۋ بايرىمىنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋالدى. سۈن جېنسۇڭ فوتوسى
2-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى نەنۋەن كوچىسى كوچا باشقارمىسى يەنئەن يولى مەھەللىسى تىيانشان رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، تىيانشان رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ يەنئەن يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەشكىللەپ «ئىللىق مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان مەھەللە، يۈەنشياۋ بايرىمىنى خۇشال ئۆتكۈزۈش» باش تېمىلىق پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، بالىلارغا قىزىقارلىق پائالىيەت جەريانىدا ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ-ئادىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇردى. روشەنگۈل فوتوسى
3-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5-شى 86-تۇەن «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئارقىلىق باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش تۇلپار چاپتۇرۇپ يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش» مىڭ كىشىلىك كوچا ئويۇنى كۆرىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، پۈتۈن تۇەن بويىچە ھەرقايسى ئورۇنلاردىن كەلگەن 10 كوچا ئويۇنى ئەترىتىدىن 1000دىن ئارتۇق كىشى ئويۇن قويۇشقا قاتناشتى، ھەر مىللەت ئامما قىزغىن، قاينام-تاشقىنلىققا تولغان كەيپىياتتا كاتتا بايرامنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈپ، باھار بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. لۈ شيەنلىڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى كوچا ئويۇنى ئەترىتى 2-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى «داقا-دۇمباق چېلىپ لۇڭ ئۇسسۇلى ئويناش»كوچا ئويۇنى كۆرىكى پائالىيىتىگە قاتناشتى. ۋاڭ جې فوتوسى






