2026-يىللىق باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭىڭ ئىستېمال بازىرىدا تەمىنلەش يېتەرلىك بولۇپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغىدى، سودا ئىشلىرى تارماقلىرى نۇقتىلىق كۆزىتىپ ئۆلچىگەن پارچە سېتىش، يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.1 ئاشقان. يارقىن سانلىق مەلۇماتنى نامايان قىلغان بۇ نەتىجىلەر قانداق قولغا كەلدى؟ بۈگۈنكى «رەقەم ئارقىلىق يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەش» سەھىپىسىدە بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى.

2026-يىللىق باھار بايرىملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئىستېمال بازىرىدا سېتىۋېلىش بىلەن سېتىش تەڭ جانلاندى
2026-يىللىق باھار بايرىملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئىستېمال بازىرىدا تەمىنلەش يېتەرلىك بولۇپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغىدى، سودا ئىشلىرى تارماقلىرى نۇقتىلىق كۈزىتىپ ئۆلچىگەن پارچە سېتىش، يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.1 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستېمال بازىرىدا «تەمىنلەش يېتەرلىك بولۇش، باھا مۇقىم بولۇش، بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇش» ۋەزىيىتى نامايان بولدى.
ئىستېمال قۇرۇلمىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى
باھار بايرىمى مەزگىلىدە
ئاشلىق، ياغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى
بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.9 ئاشتى
كىيىم-كېچەك تۈرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى
بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.8 ئاشتى
ئىچىملىك تۈرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى
بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.6 ئاشتى
كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى تۈرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى
بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.7 ئاشتى
گىرىم بۇيۇملىرى تۈرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى
بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.2 ئاشتى
خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى تۈرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى
بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشتى
كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك، ئىستېمال ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۈچلۈك بولدى
ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى ياردەم پۇل مەبلىغى تارقىتىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدە تور سىرتىدىكى يوللار ئارقىلىق ياردەم پۇل بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەرقايسى جايلارنى ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەپ، سېتىش كارخانىلىرىنى زاۋۇت ياردەم پۇلى، دۇكان ياردەم پۇلى، يەككە مەھسۇلات سېتىۋېلىپ مەلۇم سوممىغا يەتسە پۇلنى كېمەيتىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشقا يېتەكلىدى.
2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە ياردەم پۇل ئىلتىماس قىلىنغان ئىستېمال بۇيۇملىرى جەمئىي 73 مىڭ دانە (تال) بولۇپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئىلتىماس قىلىش مىقدارى 9131.9 دانە (تال) بولدى. 2-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە، ياردەم پۇل ئىلتىماس قىلىنغان ئىستېمال بۇيۇملىرى جەمئىي 306 مىڭ دانە (تال) بولۇپ، ياردەم پۇل سوممىسى 190 مىليون يۈەن بولدى ھەم 1 مىليارد 790 مىليون يۈەن ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى.
بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى
بايرامدىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى مەدەنىيەت-ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق يەتتە تارماق بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە «باھار بايرىمىدا خۇشال-خۇرام مال سېتىۋېلىش . تىيانشاندا ئېتىباردىن بەھرىمەن بولۇش» تېمىسىدىكى باھار بايرىمىلىق ئالاھىدە پائالىيەتنى يولغا قويۇپ، ئات يىلى مەدەنىيىتى ۋە باھار بايرىمىلىق ئىستېمال ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، 79 مەيدان ئىستېمالنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى پىلانلىدى.
ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر پائال ئاۋاز قوشۇپ، يەرلىك مالىيە مەبلىغىدىن 200 مىليون يۈەنگە يېقىن ئاجرىتىپ، ياردەم پۇل ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تاۋار سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن مەدەنىيەت-ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇپ، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.
«تارىختىكى ئەڭ ئۇزاق داۋاملاشقان» باھار بايرىمىدىكى مۇھىم ئىستېمال پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، 2026-يىللىق باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىستېمال كەسىپ ھالىتىنى سىجىل بېيىتىپ، ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سودا، ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساغلاملىقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى، پۈتۈن رايوندىكى ئىستېمال بازارلىرىدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ، قىزغىنلىق ئاشقان، سېتىۋېلىش بىلەن سېتىش تەڭ جانلانغان، ئاۋات، تەرتىپلىك بولغان ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولدى.
نازارەت قىلغۇچى: دىڭ تاۋ
بىرتۇتاش پىلانلىغۇچى: ۋاڭ لېي
پىلانلىغۇچى: جى جوۋ
مۇھەررىر: ۋاڭ دۇڭشېڭ
ئىشلىگۈچى: جاۋ جىڭ
شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) ئىشلىگەن
يېتەكچى ئورۇن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى






