تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مايتاغ-كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىن كەلگەن ئەڭ يېڭى خەۋەر!

  تىرىشقانلار باھارنى بالدۇر كۈتۈۋالىدۇ، بۇ دەل جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان پەيت. باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئەمدىلا ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن، G3033 لىنىيەسىنىڭ كۈيتۈن-مايتاغ-كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «مايتاغ-كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى» دېيىلىدۇ) تۈر قۇرۇلۇشىدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاتاكا سىگنالى تېزدىن چېلىندى.

   3-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، مايتاغ-كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تۈرىدە 1-سەپتە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلىپ، باشلامچى قۇرۇلۇشنىڭ ئۈنۈمى خۇلاسىلەنگەن، يىللىق نىشان-ۋەزىپىلەر، تۈگۈن پىلانى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەم بىخەتەرلىك سۈپىتى، سۈرئەتنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئىشنى بىخەتەر، تەرتىپلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  تۈردە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى كۆزدە تۇتۇپ، مايتاغ-كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تۈر شىركىتى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش، تىرانسپورتقا كاپالەتلىك قىلىش، قۇرۇلۇش قىلىشنى تەشكىللەش قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك بېجىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى مايتاغ-كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قاتناش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى مايتاغ-كۇچا شىركىتى» دېيىلىدۇ)نىڭ ئالاقىدار تارماقلار بىلەن پائال ئۇدۇللىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئالاقىدار ئاچقۇچلۇق رەسمىيەتلەرنىڭ بېجىرلىشىنى ئالغا سىلجىتتى. نۆۋەتتە، تۈر باشلامچى بۆلىكىنىڭ ئالاقىدار رەسمىيەتلىرى تولۇق بېجىرىلىپ بولدى.

  ئاساسىي لىنىيە قۇرۇلۇشىنى بۆلەكلەر بويىچە تەستىقلاشقا يوللاش، بۆلەكلەر بويىچە ئىش باشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىلدى. نۆۋەتتە، تۈر ئاساسىي لىنىيەسىنىڭ ئىككى بۆلىكىگە خېرىدار چاقىرىش تاماملاندى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش مەيدانىغا كىرىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، 2-تۈركۈمدىكى توپا-تاش قۇرۇلۇشىغا خېرىدار چاقىرىشمۇ باشلاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-ترانسپورت نازارىتى مايتاغ-كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بويىنىڭ گېئولوگىيەلىك تۈزۈلىشى مۇرەككەپ، كۆۋرۈك-تونېل نىسبىتى يۇقىرى بولۇشتەك تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قاتناش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى مايتاغ-كۇچا شىركىتىنىڭ لايىھىلەش ئورۇنلىرى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ كوللېكتىپىنى قوللاپ، دىققەتنى تاشيول ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، قۇرۇلمىنىڭ بىخەتەر، چىداملىق بولۇشى، پۈتۈن كۈنلۈك قاتناش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بەش چوڭ يۆنىلىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، گېئولوگىيەلىك رادار ئارقىلىق تەكشۈرۈش، توڭ تۇپراقنىڭ ئېرىپ چۆكۈشىنى كۆزىتىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەش سۇپىسى قاتارلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھۈنىرى، يېڭى ماتېرىياللارنى قوللىنىپ، قۇرۇلۇش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇردى.

  نۆۋەتتە، قۇرۇلۇش خەرىتىسى لايىھەسىنى كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈش تاماملاندى ھەم قۇرۇلۇش خەرىتىسىنى كوللېكتىپ تەكشۈرۈش، تېخنىكىنى دوكلاد قىلىش قاتارلىق مېخانىزملار ئارقىلىق دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىندى.

  مايتاغ-كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى دۆلەت تاشيول تورى پىلانىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 393.693 كىلومېتىر، ئومۇمىي گەۋدىسى جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان، كۈيتۈن شەھىرىنىڭ شەرقىدىن باشلىنىپ، G30 لىنىيەسى ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىغا تۇتىشىدۇ، كۇچا شەھىرىنىڭ شەرقىدە ئاخىرلىشىدۇ، G3012 لىنىيەسى تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىغا تۇتىشىدۇ. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ يول تورى قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جەنۇبىي-شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى  

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.