تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى رۈي، چىن مېيخۇا فوتوسى، خەۋىرى) يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇرغۇن باشلانغۇچ مەكتەپلەر مول ئىجادىيلىقنى نامايان قىلىپ، بىلىم ئېلىش بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزگىچە «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»نى ئېلىپ كەلدى. 3-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنى تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ، مەكتەپتە «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس قاتناش بىخەتەرلىكىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزگىچە «ئوقۇش باشلاش بىخەتەرلىك چوڭ سوۋغىسى» تەقدىم قىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىدىن كەلگەن تەشۋىقات ئېلىپ بارغۇچى خەلق ساقچىلىرى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە بىلىش ئىقتىدارىغا بىرلەشتۈرۈپ، زېرىكىشلىك نەزەرىيەلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، «ھەمتۈرتكە بولۇپ ھېس قىلىش + قىزىقارلىق سوئال-جاۋاب» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مۇرەككەپ قاتناش قائىدە-نىزاملىرىنى بالىلار ئاسان چۈشىنىدىغان تىلغا ئايلاندۇردى.
شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 53-باشلانغۇچ مەكتەپ 2025-، 2026-يىللىق ئوقۇش يىلىنىڭ 2-مەۋسۇمىلىك ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، پەن-تېخنىكا بىلەن ئەنئەنىنى ئەپچىللىك بىلەن يۇغۇردى. مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ماشىنا ئىت مەكتەپ قۇت بەلگىسى بىلەن بىرلىكتە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋالدى؛ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش كارىدورىدا ئادەمسىز ئۇچقۇ توسالغۇدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشكە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەن-تېخنىكا قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى؛ تەنتەربىيە مەيدانىدا قىشلىق تەتىللىك ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا ئەسەرلىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، راكېتا، ئالەم بوشلۇقى پونكىتى مودېلى ئىجادىيەتلىرى بىلەن تولغانىدى. ئوقۇغۇچىلار يەنە AI تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ رەسىم ئەسەرلىرىنى «ھەرىكەتكە» كەلتۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، قىزىقارلىق پانۇس تېپىشمىقى تېپىش پائالىيىتى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قەلبلەرگە سىڭدۈردى، ئېسىل ئاۋىياتسىيە مودېلى ئۇچۇش ماھارىتى نەق مەيدان كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.
مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ ۋېنخۇي مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، پەن تېخنىكا كۆرگەزمىسى، ئەنئەنىۋى تەسىرات ۋە روھىي ئىلھام بىر-بىرىگە يۇغۇرۇلدى، شۇنداقلا كۆپچىلىككە مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش خاسلىقى ۋە ئادەم تەربىيەلەش يۆنىلىشى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا بارلىق ئوقۇتقۇچىلار تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىرلىكتە ئارزۇنى قوغلىشىپ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.»

3-ئاينىڭ 2-كۈنى ھەمتۈرتكە بولۇش ھېس قىلىش ھالقىسىدا، شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنى تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بەس-بەس بىلەن قاتناش بىخەتەرلىكى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرمەكتە.

3-ئاينىڭ 2-كۈنى ھەمتۈرتكە بولۇش ھېس قىلىش ھالقىسىدا، شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنى تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرى كىچىك ئويۇنىغا قاتناشماقتا.

3-ئاينىڭ 2-كۈنى قاتناش ساقچىسى شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنى تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قاتناش بەلگىلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرمەكتە.

3-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 53-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەرقايسى يىللىقلارنىڭ قىشلىق تەتىللىك ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

3-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 53-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاۋىياتسىيە مودېلى ئويۇنىنى كۆرمەكتە.

3-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 53-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىككى ئوقۇغۇچىسى بىرلىكتە پانۇس تېپىشمىقى تاپماقتا.

3-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 53-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ قىشلىق تەتىللىك ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا ئەسەرلىرىنى ئېلىپ مەكتەپكە كىردى.

3-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 53-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەرقايسى يىللىقلارنىڭ قىشلىق تەتىللىك ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.






