تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۆلچەرلىنىشىچە، 2026-يىلى ئەتىيازدا پۈتۈن شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن يۇقىرىراق بولىدىكەن

  مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا سەل يۇقىرى ياكى يۇقىرىراق بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدا 0.4 سېلسىيە گىرادۇستىن 0.8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە يۇقىرى بولىدىكەن، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى ۋە قومۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا 1.1 سېلسىيە گىرادۇستىن 1.5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە يۇقىرى بولدىكەن.

 مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا ھۆل-يېغىن «شىمالدا كۆپ، جەنۇبتا ئاز بولۇش»تەك تارقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، بورتالا ئوبلاستى، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلاردا %10تىن %30كىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ تۈزلەڭلىك رايونلىرى، تۇرپان شەھىرى ۋە قومۇل شەھىرىدە %10تىن %40كىچە ئاز بولىدىكەن.

  «新疆发布»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.