ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى راۋ جۈنخۇا خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇش باشلايدىغان كۈن، ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى بالدۇر يولغا چىقىشقا ئەسكەرتتى.
ئەگەر قاتناش قىستاڭچىلىقىغا دۇچ كەلسە، سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاش، ئاپتوموبىلدىن يانداپ ئۆتمەسلىك، يولغا قىستىلىپ كىرمەسلىك، خالىغانچە يول ئۆزگەرتمەسلىك، نەق مەيداندىكى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش كېرەك.
قاتناش ساقچىلىرى مۇنداق ئەسكەرتتى: ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە ئاپارغان ئاتا-ئانىلار ئاپتوموبىلنى مەدەنىي توختىتىشى، ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ئوقۇغۇچىلارنى چۈشۈرۈپ بولغان ھامان مېڭىشى كېرەك؛ مەكتەپكە بېرىش، مەكتەپتىن قويۇپ بېرىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە، مەكتەپ ئەتراپىدا قاتناش نىسبەتەن قىستاڭ بولىدۇ، ئاتا-ئانىلار قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇن-نىزاملىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، نەق مەيداندىكى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشى، ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ئوقۇغۇچىلارنى چۈشۈرۈپ بولغان ھامان مېڭىشى، ئوقۇغۇچىلارنى تەرتىپلىك ئاپىرىشى-ئەكىلىشى كېرەك.
ئاتا-ئانىلارغا مۇنداق تەۋسىيە قىلىنىدۇ: ئاتا-ئانىلار مېترو، ئاممىۋى ئاپتوبۇس قاتارلىق يېشىل ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئالدىن تاللاپ ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىش-ئەكىلىش ئارقىلىق مەكتەپ ئەتراپىدىكى يوللارنىڭ قاتناش قىستاڭچىلىقىنى يېنىكلىتىش؛ ئۆيى مەكتەپكە يېقىن جايدىكى ئاتا-ئانىلار پىيادە مېڭىش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىق يولغا چىقىش ئۇسۇللىرىنى ئالدىن تاللاپ مېڭىش؛ ھەقىقەتەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئاپىرىش-ئەكىلىشكە توغرا كەلسە، ئاپتوموبىلنى مەكتەپ ئەتراپىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا توختىتىپ، ئازراق يولنى پىيادە مېڭىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىش-ئەكىلىش كېرەك.
ھەربىر قاتناش قاتناشقۇچىلىرىنى قاتناش قانۇن-نىزاملىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا، بىخەتەر، ئىناق بولغان قاتناش مۇھىتىنى ئورتاق قوغداشقا چاقىرىق قىلىمىز.
ئاتا-ئانىلار ياخشى ئۈلگە بولۇشى كېرەك: ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە، چوقۇم پۈتۈن مۇساپىدە بىخەتەرلىك تاسمىسىنى ياخشى تاقىشى كېرەك؛ توكلۇق ۋېلىسىپىت مىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ-ئەكەلگەندە، جەزمەن بىخەتەرلىك قالپىقىنى توغرا كىيىشى كېرەك؛ ھەممە ئاتا-ئانا ئۆز يولىدا يۈرۈشى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يولىغا بۆسۈپ كىرمەسلىكى، تەتۈر يۆنىلىشتە ماڭماسلىقى، قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتمەسلىكى، چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىدىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.
ئوقۇغۇچىلار قاتناش ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك: پىيادە مەكتەپكە بارغاندا پىيادىلەر يولىدا مېڭىشى، يولدىن ئۆتكەندە پىيادىلەر سىزىقىدا مېڭىشى ھەم سىگنال چىرىغىغا رىئايە قىلىشى كېرەك؛ ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە بېرىشنى تاللىغان ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇس يول يۈرگەندە تۇتقۇچنى چىڭ تۇتۇشى، چىڭ ئولتۇرۇشى، بىر-بىرى بىلەن ئوينىشىپ، جىدەللەشمەسلىكى، خەۋپ-خەتەر يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛ ۋېلىسىپىت مىنگەنلەر 12 ياشقا توشقان بولۇشى، توكلۇق ۋېلىسىپىت مىنگەنلەر 16 ياشقا توشقان بولۇشى ھەمدە قالپاق كىيىشى كېرەك.
بارلىق قاتناش قاتناشقۇچىلىرى: مەكتەپ ئەتراپىدىكى يول بۆلەكلىرىدىن ئۆتكەندە، جەزمەن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ مېڭىشى، يول ئېغىزىدىكى ئەھۋاللارنى ياخشى كۆزىتىپ، پىيادىلەرگە، بولۇپمۇ مەكتەپكە ماڭغان-قايتقان ئوقۇغۇچىلارغا يول بېرىشى كېرەك.
«ئوقۇش باشلىغان مەزگىلدە، ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى مەكتەپ ئەتراپىدىكى يوللارنى چارلاش، باشقۇرۇش-تىزگىنلەش ۋە قوماندانلىق قىلىش- راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ.» قاتناش ساقچى تەرەپ مۇنداق ئەسكەرتتى: كەڭ شوپۇرلار قاتناش بەلگىسى، بەلگە سىزىقى ۋە كۆرسەتكۈچنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىشى، نەق مەيداندىكى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، رادىيو، يول باشلاش يۇمشاق دېتالى ئېلان قىلغان يول ئەھۋالى ئۇچۇرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئاستا يۈرىدىغان يول بۆلەكلىرىدىن مۇۋاپىق ئايلىنىپ مېڭىشى كېرەك.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






