تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

باھار بايرىمىدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش | K4126 قېتىملىق ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىدا «يۈەنشياۋ بايرىمى» ئۆتكۈزۈلۈپ، يولۇچىلار سەپىرى ئائىلە پۇرىقىغا تولدى

3-ئاينىڭ 2-كۈنى، يولۇچىلار ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىغا قاراپ يولغا چىققان K4126 قېتىملىق ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىدا پانۇس تېپىشمىقى تاپماقتا.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) 3-ئاينىڭ 2-كۈنى، يۈەنشياۋ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىغا قاراپ ماڭغان K4126 قېتىملىق ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزى قويۇق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى. سەپەردىكى يولۇچىلارغا ئەنئەنىۋى كاتتا بايرامنىڭ ئىللىقلىقى ۋە خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، پويىز خىزمەتچىلىرى ئۆزگىچە «پويىزدا يۈەنشياۋ بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش» پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، يولۇچىلار بىلەن بىرلىكتە پانۇس تېپىشمىقى تېپىپ، تاڭيۈەنگە ئېغىز تېگىپ، كاتتا يۈەنشياۋ بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزدى.

   پويىز ئاشخانىسىغا كىرگەندە، قىزىل پانۇس، 福 خېتى ۋە رەڭگارەڭ پانۇس تېپىشماقلىرى پويىزنى خۇشال تۈسكە كىرگۈزگەنىدى، بۇ يەر ۋاقىتلىق پائالىيەت مەيدانى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. تاماق ئۈستىلى قىزىق ھورى چىقىپ تۇرغان تاڭيۈەنلەر بىلەن تولغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى كۈنجۈت قىيمىلىقى، خاسىڭ قىيمىلىقى بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تەملىك تائاملىرىمۇ بار بولۇپ، تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن يولۇچىلارنى «ئۆي»نىڭ تەمىنى تېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. پويىز خىزمەتچىلىرى رەتلىك كىيىنىپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، يولۇچىلارغا تاتلىق، يۇمشاق تاڭيۈەنلەرنى سوۋغا قىلىپ، «جەم بولۇش» گۈزەل تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

3-ئاينىڭ 1-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىغا قاراپ ماڭغان K4126 قېتىملىق ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ ئاشخانا ۋاگونىغا يۈەنشياۋ بايرىمى پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا.

3-ئاينىڭ 2-كۈنى، يولۇچىلار ۋە خىزمەتچى خادىملار ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىغا قاراپ ماڭغان K4126 قېتىملىق ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ ئاشخانا ۋاگونىغا يۈەنشياۋ بايرىمى پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا.

   «ئۇچىسىغا گۈللۈك كىيىم كىيىۋالغان، قورسىقىغا خەزىنە يوشۇرۇنغان، بىر يېمەكلىك بار ـــ بۇ نېمە؟» «بەنشىر!» «توغرا ئەمەس، تاڭيۈەن!» پانۇس تېپىشمىقى تېپىش باسقۇچىدا، يولۇچىلار بەس-بەستە تالىشىپ جاۋاب بەردى، كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمىدى. مەيلى ياشانغانلار بولسۇن، ياكى شوخ بالىلار بولسۇن، ھەممىسى جاۋاب بېرىش خۇشاللىقىغا چۆمدى. توغرا جاۋاب بەرگەن يولۇچىلار يەنە كىچىك پانۇس، ئات يىلىدىكى ئاسما بېزەك بۇيۇملىرى قاتارلىق خاتىرە بۇيۇملىرىغا ئېرىشتى، نەق مەيدان قىزغىن ھەم ئىللىق كەيپىياتقا چۆمدى.

   پويىز باشلىقى فۇ رۇيشۆنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، K4126 قېتىملىق پويىز باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە كۆپەيتىلگەن ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزى بولۇپ، جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى يولۇچى توشۇش ئۇچاستىكىسى شىئەن پويىز ئەترىتى بەش گۇرۇپپا نۆۋەتچىلىك قىلىپ، بايرام مەزگىلىدە سىرتقا ساياھەتكە چىققان، يۇرتىغا قايتىپ تۇغقان يوقلىغان يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا مۇلازىمەت قىلىدىكەن. بۇ قېتىم يۈەنشياۋ بايرىمى باش تېما پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش تەسىراتىنى ئۆستۈرۈپ، سەپەرنى ئىللىقلىققا چۆمدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

3-ئاينىڭ 2-كۈنى، يولۇچىلار ۋە پويىز خىزمەتچى خادىملىرى ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىغا قاراپ يولغا چىققان K4126 قېتىملىق ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىدا تاڭيۈەن يېمەكتە.

3-ئاينىڭ 1-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىغا قاراپ ماڭغان K4126 قېتىملىق ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ ئاشخانا ۋاگونىغا يۈەنشياۋ بايرىمى پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا.

   پويىز جۇڭگو زېمىنىدا ئۇچقاندەك ماڭماقتا، دېرىزە سىرتىدا قىش كېتىپ باھار كەلگەن مەنزىرە بولۇپ، پويىز ئىچى ئىللىق بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. بىر قاچا تاڭيۈەن بىلەن بىر قېتىملىق ھەمتۈرتكە بولۇش كىشىلەر ئارىسىدىكى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە «ئۆي»نىڭ پۇرىقىنىمۇ يەتكۈزدى. بۇ جەم بولغان كۈندە، K4126 قېتىملىق ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىغا يولۇچىلارنىڭ قايتىش سەپىرى يۈكلىنىپلا قالماي، يەنە قويۇق مېھىر-مۇھەببەت مۇجەسسەملەنگەن.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.