تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ ھەپتە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ئۆرلەيدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاينىڭ 2-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە: ئۇدا تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەندىن كېيىن، بۇ ھەپتە (3-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن-8-كۈنىگىچە) پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ئۆرلەپ، ھاۋا تەدرىجىي ئىللىشقا باشلايدىكەن. ھەپتە ئىچىدە گەرچە ئىككى قېتىم ئاجىز شىۋىرغانلىق ھاۋا رايى ۋە ئىككى قېتىم رايون خاراكتېرلىك قىيپاش شەرق شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ھاۋا رايى ياخشىلىنىشقا  يۈزلىنىدىكەن، جايلار تەدرىجى قويۇق باھار تۈسىگە كىرىدىكەن.

   بۇ ھەپتە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھاۋا رايىدا «تەدرىجىي ئىللىش ئاساس، شىۋىرغان قوشۇمچە» بولۇشتەك ئالاھىدىلىك نامايان بولىدىكەن. 3-ئاينىڭ 4-كۈنى كېچىدىن 3-ئاينىڭ 6-كۈنى كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى ۋە شىمالى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلاردا ئازراق قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ كېيىن قارغا ئايلىنىدىكەن، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال قار يېغىپ قېلىن قارغا ئايلىنىدىكەن؛ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىسمەن رايونلاردا بەش بال غەربىي شىمال شامىلى، شامال ئېغىزلىرىدا 10 بال ئەتراپىدا بوران چىقىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىدا بەش بال قىيپاش شەرق شامىلى، 8-7 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن.

3-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 8دىن 3-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 8گىچە مەملىكەت بويىچە بوراندىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش خەرىتىسى.  سۈرەت مەنبەسى\ھاۋا رايى تورى

   بۇنىڭدىن سىرت، 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە شۇنداقلا 3-ئاينىڭ 4-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسمى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدا بەش بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا  11-10 بال بوران چىقىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا شىۋىرغان چىقىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن؛ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا ئارىلاپ تۇمانلىق ھاۋا رايى (قار)كۆرۈلىدىكەن.

   ئۈرۈمچى شەھىرىدىمۇ بۇ ھەپتە تېمپېراتۇرا ئوخشاشلا مۇقىم ئۆرلەيدىكەن، ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، شەھەر رايونى، مىدۇڭ رايونى، گەنچۈەنپۇدا بەزىدە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، چارشەنبە كەچ، يەكشەنبە كەچتە ئۇلانبايدىن خۇڭيەنچى ئەتراپىغىچە بولغان جايلاردا يەتتە بال ئەتراپىدا شەرقىي جەنۇب ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىن سەيۋوپۇ ئەتراپىغىچە 6-5 بالغىچە شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىدىكەن؛ ھەپتە ئىچىدە شەھەر رايونىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 14 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 3 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 8 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولۇپ، ھاۋا تەدرىجىي ئىللىشقا باشلايدىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.