3-ئايدىكى شىنجاڭدا
سوغۇق تېخى يانماي تۇرۇپ، ئىللىق ھاۋا تەدرىجىي باش كۆتۈردى
يەر-جاھان شامالنى قەلەم
نۇرنى سىياھ قىلىپ
بۇ بىپايان تۇپراقتا
قىسقا، ئەمما كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مەنزىرىلەرنى سىزىپ چىقتى
چوڭقۇشتايدىكى شەمشادلار نېپىز قار بىلەن قاپلانغان بولۇپ
قارامتۇل يېشىل رەڭدە ئىدى
قىزىل چىپار ئۆردەك قانات قېقىپ
ئورمانلىقنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇۋەتتى
ئاشۇ جانلىق سىيما كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە
تىيانشان شەمشادىنىڭ شېئىرىي تۈس ئالغان مەنزىرىسىگە سىڭىپ كەتتى
تەپسىلىي تاماشا قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا
قەلبلەرگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنىدى
شامالنىڭ ئىزنالىرىغا ئەگىشىپ ئىلگىرىلەيمىز
قۇمتاغ قۇملۇقى ھەيۋەتلىكلىكى بىلەن
قار-مۇزنىڭ ساپلىقى بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ تۇرىدۇ
قۇم بىلەن قار گىرەلىشىپ كەتكەن ئاجايىپ مەنزىرە
قىش بىلەن باھارنىڭ ئىللىق ئالمىشىشى بولۇپ
قۇم دېڭىزىغا ئارتىلغان كۈمۈش لىباسلار
ئىللىق قۇياشنىڭ ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي يوقايدۇ
ئەمما ئەڭ گۈزەل ئۇچرىشىش ئارقىلىق
ئۆزىگە خاس بىپايانلىقى ۋە مۇلايىملىقىنى نامايان قىلىدۇ
شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئىچكىرىسىدىكى
كۆكتوقاي ناھىيەسىدە پاتقان قۇياش
ئۇپۇقنى قىزغۇچ سېرىق رەڭگە كىرگۈزدى
بۇ ئىللىق نۇر
ھامان تاغ تىزمىلىرىغا چۆكۈپ
نۇرلىرىنى يىغىپ
كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان قىياپىتى بىلەن گۇگۇمنى ئىللىتىدۇ
شۇنداقلا قەدىمىنى توختىتىپ ئەتراپقا نەزەر سالغان ھەر بىر كىشىگە ئىللىقلىق بېغىشلايدۇ
گۈزەللىكنىڭ ئاسانلا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق
ئۇزاق تۇتۇپ قالالمىغانلىقتىن ھەسرەتلىنىشنىڭ تېخىمۇ ئورنى يوق
شەمشادنى سىيپاپ ئۆتكەن قاناتلار
قۇم دېڭىزىغا سىڭىپ كەتكەن ئاپئاق قارلار
گۇگۇم ۋاقتىدىكى ئىللىق نۇر قەلبتىكى ئەڭ يۇمران ئىزناغا ئايلىنىپ
يىللارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئەسلىمىسى بولۇپ قالىدۇ
ھازىرقى ھەربىر دەقىقىدىكى گۈزەللىكنى قەدىرلىگەندىلا
ئاندىن ئالدىراش ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يىللاردا
تاغ-دەريالارنىڭ مۇلايىملىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ






