تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

مۇكاپاتلىق تالونغا ئالاقىدار! ئۈرۈمچى شەھەرلىك باج ئىدارىسى ئەسكەرتمە ئېلان قىلدى ←

   ئۈرۈمچىدە مۇكاپاتلىق تالون نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان مەزگىلدە، شەخسىي ئىستېمالچىلار (تەبىئىي كىشى) پارچە سېتىش كەسپى، ياتاق كەسپى، يېمەك-ئىچمەك كەسپى، مەدەنىيەت-سەنئەت كەسپى، كۆڭۈل ئېچىش كەسپى، ساياھەت كەسپى، تەنتەربىيە كەسپى، ئاھالىلەر مۇلازىمىتى كەسپىدىن ئىبارەت سەككىز ساھەدە تالون سوممىسى 100 يۈەندىن ئاشىدىغان تالون كەستۈرسە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 800 يۈەن مۇكاپات چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. يېقىندا، دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك باج ئىدارىسى: تۆۋەندىكى توققۇز خىل ئەھۋال مۇكاپاتلىق تالونغا چەك تارتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ، دەپ ئەسكەرتتى.

   پائالىيەتنىڭ تەلىپى بويىچە، مۇكاپاتلىق تالونغا چەك تارتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدىغان توققۇز خىل ئەھۋال تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: تالون كەسكۈچى تەرەپ تىزىمغا ئالدۇرغان جاي ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق بولمىسا؛ پائالىيەت ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ساھە دائىرىسىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تالون بولسا؛ تالون كەسكەن ۋاقىت پائالىيەت مەزگىلىدە بولمىغان تالون بولسا؛ شەخسىي ئىسىم-فامىلىسىنى تولدۇرمىغان تالون بولسا؛ باج تارماقلىرىنىڭ تالون تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەن تالون بولسا؛ قىزىل خەتلىك تالون، بىكار قىلىنغان تالون بولسا؛ نورمال تىجارەت قىلمىغان ئەھۋالدىكى تىجارەتچىلەر، تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەن تىجارەتچىلەر كەسكەن تالون بولسا؛ باج تارماقلىرى باج تاپشۇرغۇچىغا ۋاكالىتەن كەسكەن تالون بولسا؛ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىغا ۋە دۆلەتنىڭ مۇكاپاتلىق تالون نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسەت بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تالون بولسا.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك باج ئىدارىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: مۇكاپاتلىق تالون پائالىيىتى تالون باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىستېمال تەسىراتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىستېمال ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. قانۇن-بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا تالون كېسىش ئالدىنقى شەرت قىلىنىدۇ.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: مۇكاپاتلىق تالون پائالىيىتى ئىستېمالچىلارنى تالون ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، زۆرۈر بولغاندا ئىستېمالچىلار ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا ئىشلىتەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ «قېلىپلاشقان تىجارەتچى»لەرگە بولغان مايىللىقىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە سەمىمىي باج تاپشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنچىل، ئادىل تىجارەت-سودا مۇھىتىنى قوغداشقا پايدىلىق.

   ئىستېمالچىلار ئەگەر تىجارەتچىلەرنىڭ تالون كېسىشنى رەت قىلىشىغا ئۇچرىسا، 12366 باج تاپشۇرۇش مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ باج تارماقلىرىغا ئەرز قىلسا ياكى پاش قىلسا بولىدۇ. ئەگەر تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىلارنىڭ مۇكاپاتلىق چەك تارتىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن تالوننى ئايرىم ياكى بىرگە كېسىش، تالون ئۇچۇرىنى قايتا-قايتا تۈزىتىش قاتارلىق نامۇۋاپىق تەلەپلىرىگە يولۇقسا، نورمال تالون كېسىش تەرتىپى ۋە مۇكاپاتلىق تالوننى نۇقتىدا سىناق قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئادىل، ھەققانىي بولۇشىغا تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تالون كېسىشنى رەت قىلسا بولىدۇ.

   2-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان پائالىيەت مەزگىلىدە، باج تارماقلىرى «ساختا تالون كېسىش، تۈركۈملەپ قىزىل تالون كېسىش، تالون ئايرىش» قاتارلىق تالونغا ئالاقىدار نورمالسىز قىلمىشلار توغرىسىدا ۋاقتىدا ئالدىن سىگنال بېرىپ ھەمدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار، سەمىمىيەتسىز تىجارەتچىلەرنىڭ «مۇكاپاتلىق تالون» پائالىيىتىدىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپ ھالدا مۇۋاپىق بولمىغان مەنپەئەتكە ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، پائالىيەتتە سىجىل ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا  ھەقىقىي تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.