تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتنى تاۋلاش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 2026 - يىللىق ئەتىياز مەۋسۇمىلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتنى تاۋلاش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 2026 - يىللىق ئەتىياز مەۋسۇمىلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىن قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى، بۇنىڭدا ھەم سىياسىي نەتىجە يارىتىشقا ئالدىراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى ئويلىنىش بار، ھەم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ئويلىنىش بار. «سىياسىي نەتىجىنى كىم ئۈچۈن يارىتىش»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى كۆزلەش ئەسلىي مەقسىتىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ «قانداق سىياسىي نەتىجە يارىتىش»نى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ «سىياسىي نەتىجىنى نېمىگە تايىنىپ يارىتىش»نى بىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك. شىنجاڭدا دەل جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئىنتىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە ئىنتىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشكە ئىنتىلىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشقا ئىنتىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان سىياسىي قابىلىيەتنى تاۋلاپ، ئىلمىي نەزەرىيەلەرنى قوللىنىپ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئېنىق ئايرىيالايدىغان سىياسىي ئىقتىدار، دەۋر تېمىلىرىنى تەھلىل قىلالايدىغان تەپەككۇر ئىقتىدارى، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلالايدىغان، تۈرتكە بولالايدىغان ئەمەلىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش قابىلىيىتىنى تاۋلاپ، ئومۇملۇقنى كۆزلەپ ئومۇمىيەتنى پىلانلاش، ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەپ ئاساس سېلىش، بىر پۈتۈنلۈكنى كۆزلەپ بىرتۇتاش پىلانلاشنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىنى تاۋلاپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئۆزىگە تايىنىش - ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش قابىلىيىتىنى تاۋلاپ، ئۆزگىرىشنى سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتىش، ئۆزگىرىشنى دەل جايىدا تونۇش، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ئۇيغۇنلىشىش، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ خەلقئارا كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى تاۋلاپ، خەلقئارا ۋەزىيەتنى كۆزىتىش، ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، خەلقئارا قائىدىنى پىششىق تەتبىقلاش، خەلقئارا ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، خەلقئارا خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى خىزمەتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.