ئەزا ليۇ تاۋ:
ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، چېگرا رايون ئۈچۈن سۆزلەيمەن
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ
2026 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى 3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ليۇ تاۋ ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇپ تەكلىپ ماتېرىياللىرىنى رەتلەۋاتاتتى. ئۆتكەن بىر يىلدا، ئۇ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق مۇھىم تېمىلارنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جاۋاب قەغىزىگە يېزىپ، ئىللىقلىققا تولغان، سالمىقى بار تەكلىپلەر ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.
«سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەم ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تېخىمۇ مۇھىمى بىرىنچى سەپكە رىشتە باغلاپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا ئېلىپ بېرىشى كېرەك» دېدى ليۇ تاۋ. 2025 - يىلى، ئۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى خاس بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ساھەگە قويۇپ، سانائەت باغچە رايونلىرى، مەكتەپ، مەھەللىلەرگە كۆپ قېتىم چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىرىنچى سەپنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلىدى، ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تېپىپ چىقتى.
قومۇلنىڭ ماي تەركىبى يۇقىرى كۆمۈرى «قارا ئالتۇن» دەپ تەرىپلىنىدۇ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپىسى كۆپ، ماي نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك بايلىق. ليۇ تاۋ بۇ بايلىق زاپىسىنىڭ سالمىقىنى پىششىق ئىگىلىگەچكە، 3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى كۆپ قېتىم سەنتاڭخۇ، نوم كان رايونىغا بېرىپ نەق مەيداندا زىيارەتتە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ماي تەركىبى يۇقىرى كۆمۈرنى ئېچىپ پايدىلىنىشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، تېخنىكا بوغما ھالىتى ۋە تەرەققىيات ئېھتىياجىنى تەپسىلىي ئىگىلەشكە تەشكىللىدى. تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، «قومۇلنىڭ ماي تەركىبى يۇقىرى كۆمۈرىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى سۇنۇپ، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق تەجرىبىخانا قۇرۇش، دۆلەت پەن - تېخنىكا مەخسۇس تۈرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئارىلىق سىناق ئارقىلىق ئايلاندۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىش، ساھە ئۆلچىمى سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتە كونكرېت تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماي تەركىبى يۇقىرى كۆمۈرنى پاكىز يېقىلغۇ، نەپىس خىمىيەۋى بۇيۇم ۋە يېڭى ماتېرىيالغا ئايلاندۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا يولىنى ئېچىپ، ماي تەركىبى يۇقىرى كۆمۈرنىڭ كۆمۈر ئاساسىدىكى نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقى ۋە خىمىيە سانائىتى خام ئەشياسى سۈپىتىدە ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولدى.
«ماي تەركىبى يۇقىرى كۆمۈر شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل بايلىقى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بايلىقى. بىز پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك» دېدى ليۇ تاۋ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا.
ياش - ئۆسمۈرلەر ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، تور بوشلۇقىنىڭ ساپ بولۇش - بولماسلىقى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. «ياش - ئۆسمۈرلەر ئەندىزىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق، ناچار ئۇچۇرلار چىرىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ليۇ تاۋ مەكتەپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، «قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئالاقە تورىدا كۆرۈۋاتقان مەزمۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىنى قوغداش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى شەكىللەندۈردى. ئۇ سۇپىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، «ياش - ئۆسمۈرلەر ئەندىزىسى»نى مەجبۇرىي ئېچىش ۋە چىراي پەرقلەندۈرۈپ دەلىللەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا رايونغا خاس تور مەزمۇنىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تور بىخەتەرلىكى تەربىيەسىنى مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈپ، ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت ماسلىشىپ ئورتاق تۈزەش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئۈچۈن تور بىخەتەرلىكى «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» شەكىللەندۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.
مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان بىر يىلدا ئۇنىڭ قەدىمى توختاپ قالمىدى. ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداشقىچە، ليۇ تاۋنىڭ تەكلىپى ھەم ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە، ھەم خەلق تۇرمۇشى ھارارىتىگە ئىگە بولدى. 2026 - يىلىغا قەدەم قويغاندا، ئۇ دىققىتىنى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئېنېرگىيە بايلىقى تەرەققىياتىغا سىجىل مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكلىپلەرنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلاپ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە خاس بايلىقلارنى چوڭقۇر ئېچىشقا تۈرتكە بولدى.
چېگرا رايوندىكى مېھىرلىك تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ، دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا رىشتە باغلىدى. بۇ يىل ليۇ تاۋ مول تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرى ۋە ئاممىنىڭ ئۈمىدىنى ئېلىپ كاتتا يىغىنغا قاتنىشىدۇ. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: داۋاملىق تۈردە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئەزالىق مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، كۆپرەك ھەقىقىي تەكلىپ بېرىپ، ياخشى تەدبىر كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا چامىمنىڭ يېتىشىچە كۈچ قوشىمەن.






