تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇغا ئاۋازى ئاڭلىنىپ، يېزا - كەنت «بېيىش كۈيى» ياڭرىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا

ئەتىيازدا سوغۇق تېخى تولۇق يانماي تۇرۇپلا، ئىللىق ئېقىم تەدرىجىي كۈچىيىشكە باشلىدى. 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، مۇخبىر بورتالا شەھىرىنىڭ دالتۇ بازىرى شالتۇ بۇلاق كەنتىدىكى چىپار بۇغا باقمىچىلىق بازىسىغا يېتىپ بارماي تۇرۇپلا، يىراقتىن بۇغىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى. بازىغا كىرىپلا، بىر توپ چىپار بۇغا باش چۆكۈرۈپ يەم يەۋاتقان، تۇرۇپ - تۇرۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەتراپقا نەزەر سېلىۋاتقان «بۇغا ئاۋازى باھاردىن دېرەك بەرگەن، كەسىپ ئارقىلىق كەنت گۈللەنگەن» مەنزىرە كۆز ئالدىدا جانلىق نامايان بولدى.

«قاراڭ، بۇ بۇغىنىڭ مويلىرى پارقىراپ تۇرىدۇ، بۇ، ئۇنىڭ ئىنتايىن تىمەن ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.» بورتالا شەھىرى شۇاڭچۈەن باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى، 58 ياشلىق چېن شياۋلياڭ بۇغا قوتانلىرى ئارىسىدا ئۇيان - بۇيان مېڭىپ تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، قوللىرىغا يەنە يەم - خەشەك ئۇۋاقلىرى چاپلاشقان، چېھرى ئۈمىدكە تولغانىدى. بورتالادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن چېن شياۋلياڭ يېرىم ئۆمۈر كالا - قوي بىلەن ھەپىلەشكەن بولسىمۇ، باقمىچىلىق ئۈنۈمى يۇقىرى بولماسلىقتىن ئىبارەت قىيىن مەسىلە ئۇنى ئۇزاقتىن بۇيان مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. 2021 - يىلى، ئۇ چىپار بۇغا بېقىش ئويىغا كېلىپ، باشقا جايلاردىن 50 نەچچە چىپار بۇغا كىرگۈزۈپ، بۇغا بېقىش يولىغا قەدەم قويۇپ، باقمىچىلىق تەجرىبىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى.

بۇغا قوتىنىغا كىرگەندە، قوتاننىڭ پاكىز، رەتلىك يىغىشتۇرۇلغانلىقى، يەم - خەشەكلەرنىڭ رەتلىك، تەرتىپلىك دۆۋىلەپ قويۇلغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. «چىپار بۇغا بەك يەم تاللايدۇ، يەم - خەشەكلەر ياخشى تەڭشەلمەي قالسا ئۇلار يېمەيدۇ.» چېن شياۋلياڭ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، يەم - خەشەكنى ئۆرۈپ - چۆرۈپ تەپسىلىي تەكشۈردى. «بىز شىنجاڭنىڭ يەرلىك باقمىچىلىق تەجرىبىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەم تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشىمىز، ھەم بۇغىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك، بۇ، بىر - ئىككى كۈندىلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس.» ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: چىپار بۇغا باقمىچىلىقىنىڭ كالا - قوي باقمىچىلىقى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەرەپلىرى بار، لېكىن يەم - خەشەككە بولغان تەلەپ تېخىمۇ قاتتىق، ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەش، ئىزدىنىش ئارقىلىق، بېقىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش تېخنىكىنى ئىگىلىدۇق.

ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 50 مو كېلىدىغان بۇ باقمىچىلىق بازىسىغا جەمئىي 6 مىليون 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، 2025 - يىلى پۈتكەن، بۈگۈنكى كۈندە بېقىلىۋاتقان چىپار بۇغا 780 بولۇپ، شالتۇ بۇلاق كەنتىنىڭ كەسىپ خەرىتىسىنى جىمجىت ئۆزگەرتمەكتە. «ئىلگىرى كەنتىمىز ئاساسلىقى كالا - قوي باقمىچىلىقىغا تايىناتتى، لېكىن ئوتلاقنى قوغداش سالمىقىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋى باقمىچىلىق يولى بارغانسېرى تارايدى.» بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئېرزات دىيسەك مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: باقمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش تەخىرسىز ئىش، چىپار بۇغا باقمىچىلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانىدا كەنتىمىز ئۈچۈن ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت قوش پايدا ئالىدىغان يېڭى يولنى تېپىپ چىقتۇق.

تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى كەسىپ تەرەققىياتى پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش ئۈچۈن، كەنت «كەنت كوللېكتىپى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى ئىجادىي بەرپا قىلدى، كەنت كوللېكتىپى مەبلەغ چىقىرىپ قوتان قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى باشلامچى بولۇپ چىپار بۇغا نەسلى، تېخنىكا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سېتىشقا دائىر ئىشلارغا مەسئۇل بولدى، دېھقان ئائىلىلىرى ئۆز شارائىتىغا ئاساسەن ئۆز ئالدىغا بېقىش ياكى ۋاكالىتەن بېقىشنى ھاۋالە قىلىشنى تاللىسا بولىدىغان بولدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىنغان سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگەتتى. نۆۋەتتە، 11 ئائىلىلىك تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپى چىپار بۇغا باقمىچىلىقىدىن نەپكە ئېرىشتى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يەتتە ئەزاسىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ كەنتتىن بولۇپ، يەنە ئالتە كىشىنى قوبۇل قىلىپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇلارنىڭ ئايلىق مائاشى 5000 يۈەندىن ئاشتى. ھەر قېتىم ئادەم ئىشلىتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە، يەنە نەچچە ئون كەنت ئاھالىسىنىڭ يېقىن ئەتراپتا جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆپچىلىكنى ئىشىك ئالدىدىلا كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بازىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، چېن شياۋلياڭ بىر توپ تىمەن بۇغىلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق تونۇشتۇردى: «بىز چىپار بۇغىنى شىنجاڭنىڭ يەرلىك بۇغىسى بىلەن جۈپلەشتۈرۈشنى سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق.» نۆۋەتتە، جۈپلەشتۈرۈلگەن بۇغا 200دىن ئېشىپ، دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەم شەكىللەندى. يېتىلگەن جۈپلەشتۈرۈلگەن بۇغىنىڭ بويى ئىككى مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ كىلىماتىغا ۋە يەم - خەشەككە ماسلىشىشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپلا قالماي، يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى − ئادەتتىكى چىپار بۇغىدىن يىلدا ئېلىنىدىغان يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى ئىككى - ئۈچ كىلوگىرامغا، جۈپلەشتۈرۈلگەن بۇغىدىن ئېلىنىدىغىنى ئۈچ - بەش كىلوگىرامغا يېتىدۇ. «ھازىر يېڭى يۇمران بۇغا مۈڭگۈزىنىڭ ھەر گىرامىنى بەش يۈەندىن ساتقىلى بولىدۇ، بىز يۇمران بۇغا مۈڭگۈزىنى پىششىقلاپ يالپاقلاپ، سوۋغاتلىق بۇيۇم قىلىپ ياساپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىغا ئاپىرىپ سېتىۋاتىمىز، مەھسۇلاتىمىز ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ.» چېن شياۋلياڭ مۇنداق دېدى: بۇغا بېقىشقا دەسلەپكى مەزگىلدە سېلىنىدىغان مەبلەغ گەرچە بىرقەدەر كۆپ بولسىمۇ، لېكىن بۇغىدىن ئۇدا 20 يىلدىن ئارتۇق يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى ئالغىلى بولىدۇ، پايدىسى مۇقىم بولۇپ، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ.

نۆۋەتتە، باقمىچىلىق بازىسىنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، 2 - قارارلىق 6000 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى بۇ يىل پۈتىدۇ. «بىز ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بېقىلىۋاتقان بۇغا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ 2000غا يەتكۈزۈشنى پىلانلىدۇق.» كەلگۈسى تەرەققىيات ئۈستىدە توختالغاندا، چېن شياۋلياڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «مۇقىم كۆلەمگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، بىز يەنە يۇمران بۇغا مۈڭگۈزىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى قانات يايدۇرۇپ، بېقىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان زامانىۋىلاشقان باقمىچىلىق بازىسى بەرپا قىلىپ، چىپار بۇغىنى ھەقىقىي تۈردە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ <بېيىتىش بۇغىسى>غا ئايلاندۇرىمىز».

بازىدىكى ئېگىز جايدا تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغاندا، بۇغا توپلىرى بەخىرامان ھالدا يەم - خەشەك يەۋاتقان بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرە نامايان بولغانىدى. شالتۇ بۇلاق كەنتىنىڭ چىپار بۇغا كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ھالىتىدە يۈكسەلمەكتە، بۇغا ئاۋازى باھار بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇزىكىسى بولۇپلا قالماي، يەنە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ «بېيىش كۈيى» بولۇپ، بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا ئېكولوگىيەسى گۈزەل، كەسىپلەر گۈللەنگەن، پۇقرالار باي - باياشات بولغان باھار بايرىمىلىق جاۋاب قەغىزىنى پۈتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.