تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بايرامدىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش ئالدىراش بولدى، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق يېڭى مەنزىرە سىزىپ چىقىلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

باغچە رايونىدىكى كارخانىلاردا ماشىنىلار گۈرۈلدەپ زاكازلارنى ئۈلگۈرتۈۋاتاتتى، پورتلاردا يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى تاموژنىدىن ئۆتۈش بىلەن ئالدىراش بولدى، ئېتىزلاردا ئەتىيازلىق ئوسا قىلىش ۋە ئەتىيازلىق چاتاش ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، پارنىكلاردا مايسا يېتىشتۈرۈلۈپ، مېۋە - كۆكتاتلار ئۈزۈلۈپ يېشىللىققا پۈركەندى ... باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىن كېيىن، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەممىلا جايدا تىرىشقانلار باھارنى بالدۇر كۈتۈۋالىدىغان، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق يېڭى مۇساپىنى باشلايدىغان قاينام - تاشقىنلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولدى.

پۈتۈن زەنجىرلىك مۇلازىمەت قىلىش

يېڭىچە دېھقانلار «يېڭى دېھقانچىلىق ئىشى»نى زىممىگە ئېلىش

«ھازىر ھاۋا ئىللىشقا باشلىدى، يازغى بۇغداي تېرىيدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى. بىز ئۇرۇق، ئوغۇت، تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسىنى ئالدىن، ياخشى تەييارلاپ قويدۇق، تېخنىكلار نەق مەيدانغا كېلىپ، قانداق ئوغۇتلىسا، ئۇرۇق سالسا، يازغى بۇغداينىڭ ھوسۇلىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يېتەكچىلىك قىلدى.» 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، خوشۇت ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ چىڭيۈەن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزىدا، تېرىقچىلىق ئاھالىسى ياڭ باۋشى بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان يۇقىرى ئات كۈچىگە ئىگە ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنىڭ يازغى بۇغداي تېرىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇراتتى، ئۇ، بۇ يىل ئاشلىقنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئېشىپ مول ھوسۇل ئېلىشقا قارىتا ئىشەنچكە تولدى.

بۇ يىل، خوشۇت ناھىيەسى 25 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە يازغى بۇغداي تېرىشنى پىلانلاپ، باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىن كېيىن ئۇرۇق سېلىش خىزمىتىنى باشلىدى، ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى دېھقانلارغا بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئارقىلىق ئۇرۇق سېلىش تېخنىكىسىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئۇرۇق سېلىش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. يېزىدا يىلتىز تارتقان يېڭىچە دېھقانلار، قۇر ئارىلىقى 10.5 سانتىمېتىر كېلىدىغان يېڭى تىپتىكى بۇغداي تېرىش ماشىنىسىنى ئىشلىتىپ ئۇرۇق سېلىشنى، ئارىلىقى 40 سانتىمېتىر كېلىدىغان تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش تېخنىكىسىنى ناھايىتى تېزلا ئىگىلىدى، بۇنداق قىلغاندا ئېتىزنىڭ شامال ئۆتۈشۈش، يورۇقلۇق چۈشۈش شارائىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، سۇغىرىشنىڭ تېخىمۇ تەكشى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بۇغداينى ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە يېتەرلىك يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق ۋە سۇ بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

شۇ كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ شىفاڭ جيۇساۋ جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ چۈچۈكبۇيا ئۆستۈرۈش بازىسىدا، چوڭ تىپتىكى كولاش ماشىنىسى گۈرۈلدەپ تۇپراق قاتلىمىنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇپ، پىشقان چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى كولاپ چىقىۋاتاتتى، ئىشلىگۈچىلەر ئۇنىڭغا يېقىندىن ئەگىشىپ، تېز سۈرئەتتە يىغىش، ئايرىش، توپىسىنى تازىلاش، باغلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە ئىدى، توشۇش ئاپتوموبىللىرى ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈشۈپ، يېڭى چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى كارخانىنىڭ پىششىقلاش سېخىغا توشۇماقتا ئىدى.

بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى جاۋ زېلۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ يىل، بىز ماشىنىلاشقان مەشغۇلات سەۋىيەمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پىششىقلاش ھۈنەر - سەنئىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، چۈچۈكبۇيا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز».

شىنجاڭ خۇڭچىپو دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مېۋىلىك بېغىدا ئورمانچىلىق تېخنىك خادىملىرى باغۋەنلەرنى نوتىنى قەلەمچە قىلىپ تىكىش، قېرى دەرەخلەرنى ئۆزگەرتىش، شاخلارنى پۇتاپ ئۇلاش، ئەتىيازلىق ئوسا قىلىپ ئوغۇتلاش قاتارلىق تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىل، بۇ شىركەت «بىڭتاڭشىن» ئالمىسىنىڭ يادرولۇق سۈپىتىنى ساقلاش ئاساسىدا، «يېڭى تېخنىكا، يېڭى سورت، يېڭى ئەندىزە، يېڭى مېخانىزم، يېڭى ھالەت» ئىدىيەسى ئارقىلىق كەسىپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كونا مېۋىلىك باغلارنى يېڭىلاش - ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، «خۇڭچىپو» ماركىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى، ھەتتا خەلقئارا بازاردىكى تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرىدۇ.

«يىلنىڭ ئىشى باھاردىن باشلىنىدۇ. بىز ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، ئاقسۇ بىڭتاڭشىن ئالمىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتا زاكازنى كۆپەيتىپ، بازار ئىگىلەپ، باغۋەنچىلىكتە ئۆستۈرۈش - پەرۋىش قىلىش، چارۋىچىلىقتا تۆل ئېلىش - قوزىلارنى پەرۋىش قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ كۆزلەپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتىمىز» دېدى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، شىنجاڭ خۇڭچىپو دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋاڭ ۋېنبىن.

تولۇق نورمىدا ئىشلەپچىقىرىش

تۇنجى پەسىلدە تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشقا ئاتلىنىش

«15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىلدا، 1 - پەسىللىك ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق ئارىسىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىتقا ئوخشايدىغان شەھەر - بازارلار ۋە سانائەت باغچە رايونلىرىدا، تۈرلۈك كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، تۇنجى پەسىلدە تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشقا جاسارەت بىلەن ئاتلاندى.

باش باھار كىرىشى بىلەن، شىنجاڭدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان تۇنجى تەرەققىيات رايونى − شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، شىنجاڭ گېئېنسى كىرېمنىي پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى مۇقىم بولغان قەرەللىك مال بازىرى ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەم ئەلا سۈپەتلىك ئورگانىك كىرېمنىي خېرىدارلىرى بايلىقىغا تايىنىپ، يېتەرلىك زاكازغا ئېرىشتى. مەھسۇلاتنى ۋاقتىدا، ئوڭۇشلۇق تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىركەت باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ قويمىدى، دەم ئالغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى بايرامدىن كېيىن ئىش ئورنىغا قايتىپ، تولۇق ئىشلەپچىقىرىپ زاكازنى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى چېن شاۋمىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل 1 - پەسىلدە 48 مىڭ توننا كىرېمنىي پارچىسى ئىشلەپچىقىرىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشۇرۇشنى مۆلچەرلىدۇق، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىيات رايونىدا تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىمىز.

شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى تيەنلىن ئاليومىن ياسىمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاليومىن تاياقچىسى قۇيۇش سېخىدا ئىشچىلار ئىش ئورنىدا نۆۋەتلىشىپ دىجورنىلىق قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈردى. «نۆۋەتتە زاكاز يىل ئاخىرىغىچە تىزىلىپ كەتتى. باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كارخانىمىزدىكى 80 نەپەر ئىشچى - خىزمەتچى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ زاكازنى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋۇ دۇڭچياڭ.

ساۋەن شەھىرىدىكى شىنجاڭ خۇڭجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرى ياسىمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەيتتى، كەپشەر ئۇچقۇنلىرى ئەتراپقا چاچرايتتى، ئىشچىلار جىددىي، تەرتىپلىك ھالدا كەپشەرلەش، قۇراشتۇرۇش، تەڭشەش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىۋاتاتتى. بۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل زاۋۇتلىرى باشلىقى ياڭ سۇڭجيې مۇنداق تونۇشتۇردى: 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىركىتىمىز قازاقىستاننىڭ نۇرغۇن ماشىنا ۋە ئۈسكۈنە زاكازىنى قوبۇل قىلدى، نۆۋەتتە بارلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرى تولۇق نورمىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونىدا سوغۇق جاندىن ئۆتىدىغان بولۇپ، لەپىلدەپ قار يېغىۋاتاتتى، قاراماي شەھىرى فۇچېڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى مايلىق قۇم كېنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش نەق مەيدانى قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئىشلەپچىقىرىش كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. ئاپپارات كونترول ئۆيىدىكى ئېكراندا، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتلىرى ھەرۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇراتتى؛ SAGD قۇدۇق گۇرۇپپىلىرى ئەتراپىدا چارلاپ تەكشۈرگۈچىلەر يىغىندى قارنى دەسسەپ ئىلگىرىلىدى؛ بىر تەرەپ قىلىش پونكىتى ئىچىدە، ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئايلىنىۋاتقان ئاۋازىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مېلودىيەسى ياڭرىماقتا ئىدى...

«باھار بايرىمى مەزگىلىدە بىز ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتمىدۇق، 69 جۈپ SAGD قۇدۇق گۇرۇپپىسىنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىم بولدى، نۆۋەتتە كۈندىلىك نېفىت ئېلىش مىقدارى 430 توننىغا يېتىپ، مەھسۇلات مىقدارى تەدرىجىي ئېشىش ھالىتىنى ساقلىدى.» بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ تۇڭخۇي مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىركىتىمىز تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ مايلىق قۇمدىن 200 مىڭ توننا نېفىت ئېلىش يىللىق نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قاراماي شەھىرىنىڭ ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق يېڭى سەھىپە پۈتۈش

ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش «يىغىلىش سىگنالى»نى ياڭرىتىش

باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەر ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش «يىغىلىش سىگنالى»نى ياڭرىتىپ، «بايرام ھالىتى»نى تېزدىن «ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى»گە ئالماشتۇردى.

2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، تۇرپان شەھىرى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، شەھەر بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار . تۇرپاندا ئۆرۈك چېچەكلىدى» دېگەن يېڭى تونۇش ۋە «كېيىن تەرەققىي قىلىشتىكى يېڭى ھاياتىي كۈچ، يېتىشىۋېلىپ ئېشىپ كېتىش - ھالقىش» يېڭى ھالىتى بىلەن يېڭى يىل باشلانغان باش ئەتىيازدىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا سەپەرۋەر قىلدى؛ 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، خوتەن ۋىلايىتىدە 1 - پەسىلدە تۈرلەردە ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردە ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، ئىش باشلانغان، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن تۈر 380 بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنما 85 مىليارد 758 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنىدە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى كارخانىلار تېزدىن «ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى»گە كىرىپ، تۇنجى پەسىلدە «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»قا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى...

پامىر ئېگىزلىكىدىكى تورغات پورتىدا ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش نەق مەيدانى ئالدىراشلىققا چۆمگەنىدى. 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، شىنجاڭ يىنو خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى توشۇشنى ئۈستىگە ئالغان 100دىن ئارتۇق ئېكسپورت تاۋار ئاپتوموبىلىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتى ئوڭۇشلۇق بېجىرىلىپ، قىرغىزىستانغا قاراپ يولغا چىقتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇ پورت ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنغان تاۋار ئاپتوموبىل 2700دىن ئاشتى.

تەۋەلىك رايوندىكى تاشقى سودا ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، تىجارەتنى راۋانلاشتۇرۇشىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتىنىڭ تورغات چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى «14×7 سائەت» تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتى ئاپتوموبىللىرى ھەم بىللە كەلگەن خادىملارنى كەلگەن ھامان تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈش ھالقىلىرىنى ئىخچاملاپ، تەكشۈرۈش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى سودىسىنىڭ سىجىل جانلىنىشىغا كۈچ قوشتى.

2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سەھەردە، پىچان ناھىيەسى تەۋەسىدىكى G30 ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا پوجاڭزا ئاۋازىغا ئەگىشىپ ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ياڭرىدى... جۇڭگو تۆمۈريول 1 - ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىنىڭ G30 ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قومۇل - تۇيۇق بۆلىكىدىكى 10 - ئۆلچەملىك تۈر بۆلۈمىدە ئىش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. بۇ تۈرنىڭ مەسئۇلى چاڭ ۋېنجۈن مۇنداق بىلدۈردى: تۈردىكى بارلىق قۇرۇلۇشچىلار تولۇق غەيرەتكە كېلىپ قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك، مۇقىم ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلماقتا.

باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش بازىرى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى چىڭگىل ناھىيەلىك شۆبە شىركىتىنىڭ قوبۇل قىلىش - يەتكۈزۈش بۆلۈمىدە ئايرىش، قاچىلاش، يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلار تەرتىپلىك يۈرۈشتۈرۈلۈپ، پوچتا يوللانمىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە يەتكۈزۈش ئۈنۈمى ئەسلىگە كېلىپ بايرامدىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە يەتكۈزۈلدى، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ سۈرئىتى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلدى. نۆۋەتتە، بۇ شۆبە شىركەت دىققەتنى ئوقۇش باشلاش پەسلى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى، ئېلېكتىرونلۇق سودىدا قايتا زاكاز قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ئېھتىياجغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يەتكۈزۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتىنى ئاشۇردى، ناھىيە بازىرىدا ئالدىن كېلىشىپ ئېلىۋالىدىغان پوسۇلكىلارغا ئىككى سائەت ئىچىدە ئىنكاس قايتۇرۇش، يېزا - كەنتلەردە شۇ كۈندىكى يوللانمىلارنى شۇ كۈنى يەتكۈزۈپ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

(مۇخبىر جاڭ جىلى، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋېي يۇڭگۇي، گې يوۋجۈن، چېن جياڭلىن، دۇ جيەنخۇي، جاڭ رۇيلىن، رايىدە، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چاڭ فېي، چېن يەن، گاۋ يۈفېي، رەن يۈنچۇ، سۇڭ لياڭبى، لى ئەننا، ساۋ پېڭ، شيې شياۋيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.