يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا، تارباغاتاينىڭ «ساۋما قىلىپ كارخانا سۇپىسىغا كىرىش» نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، بۇ، رەقەملەشتۈرۈش ۋاسىتىسى ئارقىلىق قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ يەرلىكتە نۇقتىدا سىناق قىلىشتىن پۈتۈن شىنجاڭدا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كېڭەيتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۇزاقتىن بۇيان، بەزى جايلارنىڭ كارخانىلارغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشىدىكى «كۆپ تەرەپ تەكشۈرۈشى، تەكرار تەكشۈرۈشى، خالىغانچە تەكشۈرۈشى» نۇرغۇن كارخانىنى «روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن چارچىتىپ»، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە ئېغىر كاشىلا قىلدى. كىشىنى تېخىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، تەكشۈرۈش ئۆلچىمى بىرلىككە كەلمىگەن، تەرتىپى مۈجمەل بولغاچقا، كارخانىلار ھەمىشە «نېمىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلەلمەي»، تەكشۈرۈشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن پايپېتەك بولۇپ كېتەتتى. قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى بۇ خىل «ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش» قىلمىشى ھەم تىجارەت - سودا مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ھەم ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزدى.
بۈگۈنكى كۈندە، تارباغاتاي ۋىلايىتى كارخانىلارغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى رەقەملەشكەن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش يولىغا كىرگۈزدى، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار كارخانىلارغا كىرىپ تەكشۈرگەندە، جەزمەن ساۋما قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، كودنى كۆرسىتىپ خەۋەرلەندۈرۈپ، تىزىملىك بويىچە تەكشۈرۈپ، پۈتكۈل جەرياننى سۈرۈشتۈرگىلى بولۇش، پۈتكۈل جەرياننى نازارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشقا چەكلىمە ئورناتتى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتى «ساۋما قىلىپ كارخانا سۇپىسىغا كىرىش»نى يولغا قويغاندىن بۇيان، كارخانىلارغا ئالاقىدار تەكشۈرۈش قېتىم سانى %32.9 تۆۋەنلىگەن.
كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «ساۋما قىلىپ كارخانا سۇپىسىغا كىرىش» ئاغرىق نۇقتىغا بىۋاسىتە تېگىش قىلىپ، يۈكنى يېنىكلىتىپ، ئىشەنچنى ئاشۇردى. ئەلۋەتتە، «ساۋما قىلىپ كارخانا سۇپىسىغا كىرىش»نى كېڭەيتىشتە، «ساۋما قىلىش» بىلەنلا توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ، قانداق قىلغاندا «ساۋما قىلىش»نىڭ شەكىلگە ئايلىنىپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا «ئىش بولمىسا ئاۋارە قىلماسلىق» بىلەن «ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش»نىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئالاقىدار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىدىيە مەنبەسىدىن قانۇن ئىجرا قىلىش مەقسىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن تېخنىكا كۈچ قوشۇشنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش بىلەن بىللە، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىغا توغرا كېلىدۇ.
«تەكشۈرۈشنى كۈتۈۋېلىش تەشۋىشى» بىر ئۈلۈش ئازايسا، تەرەققىيات ئىشەنچى بىر ئۈلۈش ئاشىدۇ. «ساۋما قىلىپ كارخانا سۇپىسىغا كىرىش»نىڭ تېخىمۇ كۆپ جايلاردا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىنى، رەقەملەشتۈرۈش ۋاسىتىسى ئارقىلىق قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى، كارخانىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشنى، تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)






