− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى
شەرق شامىلى مەۋج ئۇرۇپ، بارلىق مەۋجۇداتلار ھاياتىي كۈچكە تولدى، گۈللەپ ياشنىدى، 2026 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن پات ئارىدا ئېچىلىدۇ. خەلقنىڭ باش ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، بۇ باھاردا، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدە يېڭى سەھىپە پۈتۈپ چىقىلىدۇ.
«خەلق دېموكراتىيەسى سوتسىيالىزمنىڭ جېنى، دېموكراتىيە بولمىسا سوتسىيالىزم بولمايدۇ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش بولمايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايدۇ.»
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، جۇڭخۇا مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق دېموكراتىيەسى تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشىغا تۈرتكە بولدى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان تەشەببۇسكارلىق روھى ۋە ئىجادكارلىق روھىنى مۇجەسسەملىدى.
(1) ئەنئەنىدە يىلتىز تارتتى، ئەسلىي مەقسەتنى مەنبە قىلدى، ئەمەلىيەتتىن كەلدى − «خەلق دېموكراتىيەسى سوتسىيالىزمنىڭ جېنى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىكى زۆرۈر مەزمۇن»
2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ، يىغىندا خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ.
بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش جەريانى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ھەقىقىي ئىپادىسى. 2025 - يىلى 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىگە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، تور ئەھلىنىڭ جەمئىي 3 مىليون 113 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق پىكىر - تەكلىپى تاپشۇرۇۋېلىنىپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش پايدىلىق پايدىلانما بىلەن تەمىنلەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «<15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىگە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ بىر قېتىملىق جانلىق ئەمەلىيىتى بولدى.»
2026 - يىلى 1 - ئايدا، ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بەشتە چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈپ يولغا قويۇشتىن ئىبارەت ئۇزاق ئەمەلىيەت داۋامىدا پارتىيەمىز ياراتقان ۋە توپلىغان مول تەجرىبىلەرنى يىغىنچاقلىدى، «دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇش» بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مەزمۇن قىلىندى.
شاڭخەي، «ئەسلىي مەقسەت باشلانغان جاي»دىن «خەلقنىڭ شەھىرى»گىچە، تارىخ بۇ جايدا قاتلاممۇقاتلام ماھىيەتلىك مەزمۇننى مۇجەسسەملىدى. بۇ جاي چوڭقۇر مەنىلىك بىر پەيتكە گۇۋاھ بولدى −
2019 - يىلى 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇڭچياۋ كوچا باشقارمىسى گۇبېي شەھەر ئاھالىلىرى مەركىزىگە كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە قاتنىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، باش شۇجى چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىزنىڭ ماڭغىنىمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولى، خەلق دېموكراتىيەسى بىر تۈرلۈك پۈتۈن جەريانلىق دېموكراتىيە.»
دېموكراتىيەنىڭ ماھىيىتىگە بولغان چوڭقۇر تونۇش ئىزچىل داۋاملاشقان ئەمەلىيەت ۋە ئويلىنىشتىن كەلگەن. «جۇڭگونىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە تارىخىي مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، خەلقنىڭ ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن».
خەلق دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس مۇقىم بولغاندىلا دۆلەت تىنچ بولىدۇ. ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، جۇڭگو خەلقى چوڭقۇر بولغان خەلقنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسىنى مۇجەسسەملەپ، ئۆزگىچە دېموكراتىيە قارىشىنى شەكىللەندۈردى.
2021 - يىلى 3 - ئايدا، ۋۇيىشەندىكى جيۇچۈشى ئېقىنى بويىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇ شى باغچىسىغا كىردى.
«دۆلەت خەلقنى ئاساس قىلىدۇ، ھاكىمىيەتمۇ خەلق ئۈچۈن تىكلىنىدۇ»... باش شۇجى باغچە تېمىغا يېزىلغان جۇ شىنىڭ خەلقنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسىنىڭ كىلاسسىك بايانلىرىغا قەدىمىنى توختىتىپ ئۇزاققىچە زەن سالدى.
2018 - يىلى 6 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دەل مۇشۇ قەدىمىي سۆزنى نەقىل كەلتۈردى.
ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر. قەدىمكىنى قوبۇل قىلىپ ھازىرقىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش.
«پەقەت ئۆز دۆلىتىنىڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، يېتەرلىك ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلغان تۈزۈملا ئەڭ ئىشەنچلىك بولىدۇ، ئەڭ ئەسقاتىدۇ.» خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق دېموكراتىيەسىدە چىڭ تۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر ئېغىشمايدىغان ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىغا، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنىڭ شانلىق تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلدى.
2021 - يىلى 9 - ئايدا، شەنشى يۈلىندە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سۈيدې ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ كونا ئورنىغا كەلدى. كۆرگەزمە زالىدىكى ئىككى قۇر خەت كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى: «ئەڭ كۆپ ساندىكى ئەمگەكچى خەلق تەرەپتە تۇرۇش» «ھەقىقىي تۈردە پۇقرالار تەرەپتە تۇرۇش».
باش شۇجى شى جىنپىڭ بوش ئاۋازدا ئوقۇدى.
«ھەقىقىي تۈردە دېگەن بۇ سۆز گۇەنجۇڭچە سۆز بولۇپ، پۇختا، دۇرۇس دېگەن مەنىدە.» قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى ئەسلەپ، باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى خەلقنىڭ قەلبىنى مايىل قىلغانلىقىدىن، مىليونلىغان خەلق ئاممىسىنىڭ بىز تەرەپتە تۇرۇشنى قەتئىي تاللىغانلىقىدىن بولدى.
شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا پاسىل رايونىدىكى «پۇرچاق تاشلاپ سايلاش»تىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا تەنتەنىلىك بېلەت تاشلاشقىچە؛ «ئۈچ تەڭ نىسبەت تۈزۈمى» پىرىنسىپ قىلىنغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش دېموكراتىك ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىشتىن خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت تۈزۈمىنى تىكلەشكىچە...
ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە، پارتىيەمىز ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق ئىزدىنىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، بىر يۈرۈش مۇكەممەل تۈزۈم سىستېمىسى ۋە تەرتىپ مېخانىزمىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇردى، خەلق دېموكراتىيەسى سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ سىياسىي ئۇل تېشىغا ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىگە ئايلاندى.
«دۆلىتىمىزنىڭ نامى، ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىمىزنىڭ نامى <خەلق> دېگەن نام بىلەن ئاتالدى، بۇ، بىزنىڭ جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم ھاكىمىيىتىگە بولغان ئاساسىي ئورۇن بېكىتمىمىز.» پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە مۇقەررەر يولى.
زامان - ماكان ھالقىپ، يولداش شى جىنپىڭ دېموكراتىيەگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.
40 نەچچە يىل ئىلگىرىكى خېبېي جېڭدىڭدىكى كوچىدا، ئۈستەل يېنىدا ئولتۇرۇپ موماينىڭ يۈرەك سۆزىنى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، «چوڭ كوچىغا ئۈستەل قويۇپ، بازارغا كەلگەن پۇقرالارنى چاقىرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى»؛
فۇجيەندە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: ھۆكۈمەت سۆزىنىڭ ئالدىدىكى «خەلق» دېگەن سۆزنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش كېرەك؛
جېجياڭدا «خوۋچېن تەجرىبىسى»نى كېڭەيتىپ، بۇ، يېزا ئاساسىي قاتلام دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشىدىكى پايدىلىق ئىزدىنىش، دەپ كۆرسەتتى؛
شاڭخەيدە «ئۈچ زىيارەت، ئۈچ مۇلازىمەت» خىزمىتىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكتى...
بىر ناھىيەنى ئىدارە قىلىش، بىر ئۆلكىنى پىلانلاشتىن 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەتكە يول باشلاشقىچە، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇردى، خەلق رايىنى توپلىدى، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملىدى، بۇ جەرياندا ھەر ۋاقىت ئۇنتۇپ قالمىدى، باشتىن - ئاخىر ئاڭلىق بولدى.
2021 - يىلى 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، جۇڭنەنخەيدىكى خۇەيرېنتاڭ زالىدا، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى، دۆلەت گېربى چۈشۈرۈلگەن قىزىل رەڭلىك بېلەت تاشلاش ساندۇقى دەل ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ، سايلام ئىشلىرىغا ئالاقىدار چۈشەندۈرۈشنى تەپسىلىي ئاڭلاپ، سايلىغۇچىلىق گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ خىزمەتچى خادىملارنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ، بىر ۋاراق سايلام بېلىتىنى ئېلىپ، سايلام بېلىتى تولدۇرۇش ئورنىدا سايلام بېلىتىنى ئەستايىدىل تولدۇرغاندىن كېيىن، بېلەت تاشلاش ساندۇقى ئالدىغا كېلىپ، تەنتەنىلىك ھالدا ئۆزىنىڭ بىر بېلىتىنى تاشلىدى.
ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى سالاھىيىتى بېيجىڭ شەھەر رايونى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىغا قاتنىشىدىغان سايلىغۇچى ئىدى.
بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىدا، 1 مىلياردتىن ئارتۇق سايلىغۇچىنىڭ ھەربىرى بىر بېلەت تاشلاپ، بىۋاسىتە سايلاش شەكلى ئارقىلىق ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك 2 مىليون 600 مىڭدىن كۆپرەك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى سايلاپ چىقتى.
ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، نەمۇنىلىك ھالدا پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى؛ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ھويلا - ئارانلىرىدا، ئېتىز باشلىرىدا، بىر چاسا ئۈستەل، بىرنەچچە پاكار ئورۇندۇق بىلەن بىر ۋاقىتلىق يىغىن مەيدانى ھازىرلاپ، كادىرلار، ئامما بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلاشتى؛ ھەر يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولدى.
ئەمەلىيەت ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، تونۇش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «خەلققە يېقىندىن تايىنىپ تارىخ يارىتىش» يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش»نى تەكىتلىدى؛
پارتىيەنىڭ 3 - تارىخىي قارارىدا، «پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش» شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش»قا كىرگۈزۈلدى؛
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش» جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلەپلىرىنىڭ بىرى قىلىندى؛
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارار»ىدا «دىققەتنى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش» يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى «دىققەتنى يەتتىگە مەركەزلەشتۈرۈش»نىڭ بىرى قىلىندى؛
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «تەكلىپ»ىدە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛
...
پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ بېيىدى، مەزمۇنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.
2021 - يىلى 10 - ئايدا، پارتىيە تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى سىستېمىلىق، مۇپەسسەل بايان قىلدى:
«دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدە جەريان دېموكراتىيەسى بىلەن نەتىجە دېموكراتىيەسى، تەرتىپ دېموكراتىيەسى بىلەن ماھىيەتلىك دېموكراتىيە، بىۋاسىتە دېموكراتىيە بىلەن ۋاسىتىلىك دېموكراتىيە، خەلق دېموكراتىيەسى بىلەن دۆلەت ئىرادىسىنىڭ بىرلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئۇ پۈتۈن زەنجىرلىك، ھەر تەرەپلىمە، تولۇق قاپلىغان دېموكراتىيە، ئەڭ كەڭ، ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ ئەسقاتىدىغان سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە.»
«خەلقنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنىڭ بار - يوقلۇقىغا قاراش، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقنىڭ كەڭ دائىرىدە قاتنىشىش ھوقۇقىنىڭ بار - يوقلۇقىغا قاراش كېرەك؛ خەلقنىڭ سايلام جەريانىدا قانداق ئاغزاكى ۋەدىلەرگە ئېرىشكەنلىكىگە قاراش، تېخىمۇ مۇھىمى سايلامدىن كېيىن بۇ ۋەدىلەرنىڭ قانچىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا قاراش كېرەك...»
نېمىنىڭ ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك دېموكراتىيە ئىكەنلىكىگە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «سەككىزنى قىلىش - قىلالماسلىق» «تۆتكە قاراش، تۆتكە تېخىمۇ قاراش» ئۆلچىمىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، دېموكراتىيەنىڭ چىن مەنىسىنى كۆرسىتىپ بەردى، دېموكراتىيەدىكى «قايمۇقۇش»نى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى پارتىيەمىزنىڭ دېموكراتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىگە بولغان تونۇشىنى تارىخىي يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى، بۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى ۋە جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ دېموكراتىك سىياسىي جەھەتتىكى مەركەزلىك ئىپادىسى بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيغا بولغان ئىشەنچى ۋە غەيرىتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە كۈچەيتتى.
(2) پۈتۈن زەنجىرلىك، ھەر تەرەپلىمە بولۇش، تولۇق قاپلاش − «دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدە مۇكەممەل تۈزۈم تەرتىپى بولۇپلا قالماي، يەنە مۇكەممەل قاتنىشىش ئەمەلىيىتى بار»
2024 - يىلى ئالتۇن كۈزدە، بىر ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى مۇھىم يىغىن − مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا ئۇدا قاتناشتى.
«بىز پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇشىمىز، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز، ياخشى يۈرۈشتۈرۈشىمىز كېرەك» «پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش جەريانىدا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك»...
ئىككى قېتىملىق يىغىندا، «پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى» ئوخشاشلا باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن ئاچقۇچلۇق سۆز بولدى.
ھاكىمىيەتنىڭ گۈللىنىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشقانلىقىدا. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى، تەرتىپلىشىشى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى قىممەت ئىدىيەسىدىن جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتقان تۈزۈم ھالىتى، ئىدارە قىلىش مېخانىزمى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش شەكلىگە ئايلاندى.
ئىدارە قىلىشنى تۇرغۇزۇشتا سىستېما بار بولدى، ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇشتا تەرتىپ بار بولدى. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى ۋە تۇراقلاشتى.
2017 - يىلى 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي زالىدا كەيپىيات قىزغىن ئىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايدا 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. شېنگۇ گۇرۇھىدىن كەلگەن ئالىي ئىشچى تېخنىك ۋەكىل شۈ چياڭ ئۆز خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ سۆز قىلدى.
«ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى يولداشلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇشى دۆلىتىمىز خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى.» باش شۇجىنىڭ سۆزى بۇ ئاددىي ئىشچىنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالدى.
كەڭ كەتكەن ئېتىزلاردىن كەلدى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام مەھەللىلىرىدىن كەلدى، ئالدىراشلىققا تولغان زاۋۇت سېخلىرىدىن كەلدى... ھەر يىللىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ خەلق سارىيىغا جەم بولۇپ، خەلققە ۋاكالىتەن تەنتەنىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.
خەلق ئارىسىدىن كېلىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى بەش دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە، بىۋاسىتە سايلام ئارقىلىق سايلاپ چىقىلغان ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋەكىللەر ئومۇمىي سانىنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى، دېھقان ۋەكىللىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %16تىن ئاشىدۇ.
«ماقۇللاندى!»
2025 - يىلى 3 - ئايدا، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىدا ۋەكىللەر قانۇنىنى تۈزىتىش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەكىللىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى، ۋەكىللىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ۋەكىللىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان ۋە كاپالەتلەندۈرىدىغان بۇ تۈپ قانۇن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى تۈزۈم سىستېمىسىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
ھازىرغىچە، پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلام قانۇن چىقىرىش ئالاقىلىشىش نۇقتىسى 60قا يېتىپ، «ئىشىك ئالدىدىكى سادا» ئالىي قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى؛ 2025 - يىلى 1020 ئادەم قېتىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش خىزمىتىنى چۆرىدەپ 60 قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەندى، 50 پارچە دوكلات شەكىللەندۈرۈلدى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىر يىلدىن بۇيان 22 نازارەتچىلىك خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلىدى ۋە قاراپ چىقتى، نازارەتچىلىك تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى...
«خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ خاراكتېرىنى نامايان قىلىدىغان، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ياخشى تۈزۈم.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى، زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشىدا، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى، تېخىمۇ تۇراقلاشتى، بۇ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ ئىشەنچلىك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.
كېڭىشىش ئارقىلىق بىرلىككە كەلگىلى، مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى.
2023 - يىلى 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، بېيجىڭ دوستلۇق مېھمانخانىسىنىڭ جۈيىڭ زالى ئىللىق كەيپىياتقا تولدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ، سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى. ئەزا چېن شياۋپىڭ سۆزىدە باش شۇجىنىڭ جېجياڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئىشلارنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى.
«سىز ئۇ چاغدا قەيەردە خىزمەت قىلاتتىڭىز؟» باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆز ئارىلاپ سورىدى.
«مەن ئەينى چاغدا خاڭجوۋ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشتە خىزمەت قىلاتتىم. سىز بىزنىڭ جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتىمىز، يەنە جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە - گۇرۇھ بىلەن ئۆزىڭىز ئالاقىلەشكەنىدىڭىز».
«شۇنداق، شۇ چاغدا دوست بولغانىدۇق.» باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى.
«مەن فۇجيەندىن باشلاپ دوست بولدۇم. مەن فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان چاغدىمۇ بىرلىك سەپ خىزمىتىگە مەسئۇل ئىدىم، شۇڭا دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار بىلەن بولغان ئالاقەم كۆپ ئىدى» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.
2025 - يىلى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 98 مەيدان قېتىم تۈرلۈك مۇھىم كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە مەخسۇس تېمىدىكى ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئىككى قېتىم، مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى ئىككى قېتىم، قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى 13 قېتىم، يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىش يىغىنى تۆت قېتىم، مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنى 18 قېتىم ئېچىلدى... جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، كەڭ دائىرىدە قەلبنى مۇجەسسەملىدى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملىدى، كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
ئەڭ چوڭ ئورتاقلىق ئۈستىدە ئىزدەندى، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەر سىزىپ چىقتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشكەن تەرەققىياتى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كېڭىشىش دېموكراتىيەسى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ شەكلى كۈنسېرى بېيىدى، دېموكراتىيە يوللىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، دېموكراتىيەنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.
«جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە، مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىش، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىش، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى ۋە تەلىپىنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقىنى تېپىپ چىقىش خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ چىن مەنىسى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزدى.
سەككىز دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنى بىر - بىرلەپ ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ زىيارەت قىلدى، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتىدە دوستلۇقنى بايان قىلدى... خەلق داھىيسى ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتى ۋە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىدا يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىش، يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولدى. جۇڭگونىڭ يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمى ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۈنۈمنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇردى.
«قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى» تەسىس قىلىشتىن توردا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىشنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇشقىچە، مەخسۇس تېمىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنىدىن مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنىغىچە، ساھەلەر كېڭىشىش يىغىنىدىن مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنىغىچە... دېموكراتىيە جارى قىلدۇرۇلۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى توپلىنىپ، تەكلىپ بېرىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئورۇنلۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك چارە - تەدبىرلەر كۆرسىتىلدى.
كەڭ تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشتى. تېخىمۇ جانلىق - جۇشقۇن بولغان دېموكراتىيە ئەمەلىيىتى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ئۈچۈن ئۈزۈلمەس ھاياتىي كۈچ قوشتى.
بىر ئادەتتىكى خۇتۇڭدا، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ جانلىق ئىزلىرى قالدى.
2019 - يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى دۇڭچېڭ رايونىدىكى ساۋچاڭ سىتياۋ خۇتۇڭدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ھال سورىدى. «ھويلا كېڭىشىش زالى»دا، كوچا باشقارمىسى، مەھەللە، ئاھالە قاتارلىق تەرەپلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر خۇتۇڭدىكى قورۇلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش توغرىسىدا سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئېچىۋاتاتتى.
«قاچاندىن باشلاپ ئۆزگەرتىسىلەر؟»
«تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتى بار ئۆيلەر كۆپمۇ؟»
باش شۇجى كۆپچىلىكنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.
«<ئاھالىلەرنىڭ ئىشىنى ئاھالىلەر كېڭىشىش، ئاھالىلەرنىڭ ئىشىنى ئاھالىلەر بېكىتىش> مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەھەللىنى ئىدارە قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى تۈجۈپىلەشتۈرۈش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.
خەلق دۆلەتنىڭ ئىگىسى، خەلق رايى ئەڭ چوڭ سىياسىي. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى تۈزۈم سىستېمىسى تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللىشىپ، ھەم خەلقنىڭ قانۇن بويىچە دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈشنى يولغا قويۇپ، دېموكراتىك كېڭىشىش ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ھەم خەلقنىڭ قانۇن بويىچە دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
كەنت (ئاھالە) كېڭىشىش يىغىنى، دېموكراتىك سەمىمىي سۆزلىشىش يىغىنىدىن «قانۇن چىقىرىش راۋان يولى»، توردىكى «كېڭىشىش توپى»غىچە؛ شەھەر - يېزا مەھەللىلىرىنى دېموكراتىك باشقۇرۇش ئارقىلىق پۇقرالارنى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئىشلار ۋە ئاممىۋى مەنپەئەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا تولۇق قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ھۆكۈمەت تارماقلىرى پىكىرگە كەڭ يول ئېچىپ، مۇھىم مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەشنى خەلق رايىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقىچە...
قايناق تۇرمۇش پۇرىقىغا تولغان تۈرلۈك ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتى، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دېموكراتىيە شەكىللىرى بەس - بەستە بارلىققا كەلدى، بىر قاتار تۈزۈم، ئورۇنلاشتۇرۇشلار خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈردى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتى.
(3) ئەڭ كەڭ، ئەڭ چىن، ئەڭ ئەسقاتىدىغان بولۇش − «دېموكراتىيە زىننەت بۇيۇمى ئەمەس، ئۇنى تىزىپ قويۇشقا ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىش كېرەك»
«بۈگۈن كۆپچىلىك بىرلىكتە مائارىپ ئۇلۇغۋار پىلانى توغرىسىدا ئورتاق كېڭىشەيلى.»
2025 - يىلى 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى باھار تۈسىگە چۆمگەنىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دوستلۇق مېھمانخانىسىغا كېلىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالارنى سەمىمىي يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.
باش شۇجى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرغان ئەزالار ئىچىدە، كەسپىي مەكتەپلەردىن كەلگەن مەسئۇللار بار، يەنە تەتقىقات تىپىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن مەكتەپ مۇدىرلىرى بار؛ ئاساس مائارىپنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۇزاق مەزگىل تۆھپە قوشقانلار بار، يەنە پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا جاسارەت بىلەن ئالدىدا ماڭغانلار بار... كۆپچىلىك ۋەزىيەت توغرىسىدا سۆزلەشتى، مەسىلىلەرنى سۆزلىدى، تەكلىپ بەردى، يىغىن مەيدانىدا سەمىمىي ھەم قىزغىن كەيپىيات ئۇرغۇپ تۇراتتى.
ئوخشاش بولمىغان مائارىپقا كۆڭۈل بۆلدى، ئوخشاشلا كەڭ - كۇشادە پىكىر بايان قىلدى. مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەڭ جانلىق ئاۋازى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ «ئەڭ كەڭ، ئەڭ چىن، ئەڭ ئەسقاتىدىغان بولۇش» روشەن ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىندى.
پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ھەم دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ ھەم توغرا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى، دۆلەتنىڭ ئىرادىسى، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى زىچ يۇغۇرالايدۇ.
«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى ياخشى تۈزۈش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يەتتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى يۈزتۇرا ئاڭلىدى. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى توغرىسىدا توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات مەخسۇس باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا يوللاندى ھەم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا سۇنۇلۇپ، پۇقرالارنىڭ قەلب ساداسى بىۋاسىتە جۇڭنەنخەيگە يەتكۈزۈلدى.
دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاش پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ھۆججىتىنى تەييارلاش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى، كارخانا ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىسلاھات ھۆججىتىنىڭ چىقىرىلىشىغا ئەڭ كەڭ خەلق رايى ۋە ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملىدى.
تور ئەھلىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە بولغان پىكىر - تەكلىپلىرىنى تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ توردا پىكىر ئېلىشنى قانات يايدۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىشىدىكى بىر خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، شۇنداقلا پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ جانلىق ئىپادىسى».
...
پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئويلىغانلىرى ۋە ئۈمىدىنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا سىڭدۈردى.
بىر يول جۇڭگو دېموكراتىيەسىنىڭ ئەسقاتىدىغان، ياخشى پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقىنى قانداق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى؟
2019 - يىلى 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىدا گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. جىشىشەن ناھىيەسىدىن كەلگەن باۋئەن مىللىتىدىن بولغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دۇڭ سەييۈن باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: «يۇرتۇمدا تېخى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول يوق، بىزمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ تۇتىشىپ، يۇرتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى تېزلىتىشىنى ئويلايمىز».
باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ جاۋاب قايتۇردى: «ھەرقايسى مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلاردىكى يولداشلارنىڭ ھەممىسى بار، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپىنى پائال قوبۇل قىلىش كېرەك.»
يىغىندىن كېيىن، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەتقىق قىلىپ دەلىللىشى ئارقىلىق، شۇ جايدىكى ئامما كېچە - كۈندۈز ئويلايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىپ، ئىلگىرىكى بېكىنمە ھالەتتىكى جىشىشەن ناھىيەسىدە سىرتقا تۇتىشىدىغان «چوڭ تومۇر» بار بولدى.
ھېچكىم ئويلاپ باقمىغىنى شۇكى، 2023 - يىلى 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، بۇ يولدا قاتناش باشلىنىپ پەقەت 37 كۈن بولغاندا، جىشىشەن ناھىيەسىدە 6.2 بال يەر تەۋرەپ، 50 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىلىك ئامما ئاپەتكە ئۇچرىدى. يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بىردىنلا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى «ھاياتلىق لىنىيەسى»گە ئايلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ تېز يېتىپ كېلىشىگە كۈچ قوشتى.
بىر نەپەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ تەكلىپى ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، بىر چەت، يىراق رايوندىكى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشى دەل باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە دېموكراتىيەنى جۇڭگودا يولغا قويۇشقا بولىدۇ، ناھايىتى ئەسقاتىدۇ» دېگەن سۆزىگە دەل ئۇيغۇن كەلدى.
بۇ خىل ئەسقاتىدىغان بولۇش نەچچە ئون يىل مىللەتلەر رايونىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا يىلتىز تارتقان پەن جيۇرېننىڭ نەزەرىدە، ئۆزىنىڭ باش شۇجىغا بەرگەن پىكىر ۋە تەكلىپىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىگە سىڭدۈرۈلگەنلىكى بولۇپ، ئۇ تۇرۇۋاتقان مەكتەپنىڭ «ئوقۇتقۇچىلار كۈچى كۈچەيدى، ئوقۇتۇش بىناسى، تەنتەربىيە مەيدانى، مەكتەپ دەرۋازىسى يېڭىلاندى».
بۇ خىل ئەسقاتىدىغان بولۇش ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى روبېرت لاۋرېنس كۇئىننىڭ نەزەرىدە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ ھەقىقىي تۈردە تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى بولۇپ، روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە».
باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، خەلقنىڭ بەختىنى ئىشقا ئاشۇردى.
ھەممىدە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىگەنلەرنى خەلق ھىمايە قىلىدۇ.
2019 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، خېنەن پۇياڭدىن كەلگەن دېھقان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى ليەنچېڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا دېھقانلارنىڭ سەككىز ئارزۇسىنى دوكلات قىلدى.
«بالىلارنى يېقىن ئەتراپتا ياخشى مەكتەپتە ئوقۇتۇش، ياخشى دوختۇرخانا تېپىپ كېسەل كۆرسىتىش، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلماسلىق، كەنتتە ياخشى ئېكولوگىيە - مۇھىت بولۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش...»
باش شۇجى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جاۋاب قايتۇردى: «بۈگۈن سىزنىڭ ئېيتقانلىرىڭىز دەل كەڭ دېھقانلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش تەلىپى... بىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتىمىز خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى چۆرىدەپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش. بىزنىڭ بۇ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەريانىمىز قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، كۈچنى كۈچكە ئۇلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانى.»
ئۆتكەن 13 يىلدىن بۇيانقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆمەك، گۇرۇپپىلارنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە مۇزاكىرىسىگە 60 قېتىمدىن ئارتۇق قاتنىشىپ، نەچچە يۈز ۋەكىل، ئەزانىڭ سۆزىنى يۈزتۇرا ئاڭلىدى. ئەقىل - پاراسەت بۇ يەردە يۈكسەلدى، ئورتاق تونۇش بۇ يەردە مۇجەسسەملەندى، دېموكراتىيە بۇ يەردە جانلاندى.
«سۇمۇرغ كۆكتە پەرۋاز قىلغاندا، بىرلا قانىتىغا تايانغان ئەمەس؛ تۇلپار ئۇچقاندەك چاپقاندا، بىرلا پۇتىنىڭ كۈچىگە تايانغان ئەمەس». جۇڭگو ئېگىزدە پەرۋاز قىلىش، ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش ئۈچۈن، بارلىق خەلقنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشى ۋە قوزغىتىشى كېرەك.
بارلىق تارىخنى خەلق يارىتىدۇ؛ ئۇلۇغ كۈچ خەلقتىن كېلىدۇ.
باشلىنىش يىلىدا باھار شامىلى مەۋج ئۇردى. بىپايان ۋەتەن زېمىنىدا جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى توختىماي كۈرەش قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكى قەلبلەرنى روھلاندۇرىدۇ: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىشى، جەزمەن خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، خەلق ئارىسىدىكى پۈتمەس - تۈگىمەس ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ئاندىن يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز ياراتقىلى بولىدۇ.»
(مۇخبىرلار: جۇ جىچەي، لو شا، شى يۈسېن، جاڭ يەن، شۈ جۇاڭ)
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)






