تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

داشۆ پۈتكۈزگەن پادىچى

2-ئاينىڭ 26-كۈنى، قاۋۇلجان تاھىر قويلارغا يەم-خەشەك بەرمەكتە.

2-ئاينىڭ 26-كۈنى، قاۋۇلجان تاھىر كۈرەكلىك ماشىنا ھەيدەپ يەم-خەشەك توشۇماقتا.

   □شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لىخۇا خەۋىرى، فوتوسى

   2-ئاينىڭ 26-كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ چۈلى بازىرى ئىللىقلىققا تولدى. ئۆلچەملەشكەن قوي قوتىنىدا قاۋۇلجان تاھىر ئېڭىشكىنىچە ساغلىقلارنىڭ تۆللەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى.

   بۇ ياش پادىچى 2020-يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ، ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى. بەش يىلدىن بۇيان، ئۇ داشۆدە ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى چارۋىچىلىق مەيدانى ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئىزدىنىپ، بىر تەرەپتىن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا قوي بېقىشنىڭ بىر يۈرۈش «خاس مەخپىي كىتابى» ئۈستىدە ئىزدەندى.

   يەرلىك قوينىڭ تۆللەش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، قاۋۇلجان تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇرتىدىن چىقىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ ۋە ئۆگىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك شىزاڭ قوچقىرىنى كىرگۈزۈپ، يەرلىك قارا باش قوي بىلەن شالغۇتلاشتۇرۇپ نەسىل ياخشىلىدى. ئۇ يېزىدا يىلتىز تارتىپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، قايتا-قايتا تاللاپ يېتىشتۈرۈش، ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق كېسەلگە تاقابىلچانلىقى كۈچلۈك، كۆپىيىش ئۈنۈمى يۇقىرى يېڭى نەسىللىك قوچقارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بۇ بۆسۈش قوزىلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپلا قالماي، ساغلىقلارنىڭ تۆللەش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، كەنتنىڭ كۆلەملەشكەن، ئىلمىي باقمىچىلىقىغا ئاساس سالدى.

   بۈگۈنكى كۈندە، ئىلمىي باشقۇرۇش ۋە تۈجۈپىلەپ بېقىشقا تايىنىپ، قاۋۇلجاننىڭ باقمىچىلىق بازىسىدا بېقىلىۋاتقان قوي 1700 تۇياققا يېتىپ، يىللىق كىرىمى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، ئۇ يىراق-يېقىنغا تونۇلغان داشۆ پۈتكۈزگەنلەر ئىچىدىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. «مەن چارۋىچىلىق كەسپىدە داۋاملىق چوڭقۇر ئىزدىنىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ياشلىق كۈچۈمنى قوشىمەن» دېدى قاۋۇلجان.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.