3-ئاينىڭ 8-كۈنى، 116-قېتىملىق خەلقئارا ئاياللار بايرىمى. بۈگۈن، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋانات باغچىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ باغچا 3-ئايدا «ئاياللارنى قەدىرلەش ئېيى» پائالىيىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، بارلىق ئاياللار ئون كۈن ئىچىدە باغچىغا ھەقسىز كىرىپ تاماشا قىلسا بولىدىكەن.

پائالىيەت ۋاقتى: 2026-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 15-كۈنى (جەمئىي 10 كۈن)
ئېتىبار بېرىش ئوبيېكتى: بارلىق ئايال ساياھەتچىلەر
باغچىغا كىرىش ئۇسۇلى: ئاياللار باغچىغا كىرىش بېلىتى سېتىۋالماي ھەقسىز كىرسە بولىدۇ (ئارىلىق ئاپتوموبىلى بېلىتى، يىرتقۇچ ھايۋانلار رايونى ھېس قىلىش ئاپتوموبىل بېلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).







