تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە يۈەنشياۋنى تەبرىكلىدى: پانۇسلار جەم بولۇش شادلىقىنى نامايان قىلدى قوشنىلارنىڭ قەلبى ئىللىدى

2-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە، ئاھالىلەر چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ تاڭيۈەن تۈگمەكتە.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى) 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى تىيانشان رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە «يۈەنشياۋنى خۇشال ئۆتكۈزۈش، ھەممە شۇ پەيتتە جەم بولدى» باش تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزدى، ھەر مىللەت ئاھالىسى بىر يەرگە جەم بولۇپ، خەلق ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلىش ئارقىلىق كاتتا بايرامنى تەبرىكلەپ، دوستلۇق رىشتىنى چىڭىتىپ، ئىللىقلىق يەتكۈزدى.

   پائالىيەت مەيدانى ئىللىقلىققا تولغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلار، بالىلار قول تۇتۇشۇپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئامىلىغا سىڭىشىپ كەتكەن ئىجادىي گۈللۈك پانۇس ياسىدى. مەھەللە يەنە تۆت تۈرلۈك پانۇس تېپىشمىقى ۋە ھەمتۈرتكە ئويۇنى تەسىس قىلدى، چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن خۇشال بولۇشۇپ، بەس-بەستە قاتناشتى، نەق مەيداندا كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمىدى. خىزمەتچى خادىملار يەنە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر ۋە يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلاردىن ھال سوراپ، تاڭيۈەن، پانۇس ۋە ھال سوراش بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلىپ، غەمخورلۇق ۋە ئىللىقلىقنى ئاممىغا يەتكۈزدى.

   «قوشنىلار بىلەن بىللە پانۇس ياساپ، پانۇس تېپىشمىقى تېپىپ، بايرامنى ئۆز ئۆيىمىزدىنمۇ بەكرەك قىزىتىۋەتتۇق، مەھەللە چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق» دېدى ئاھالە رىزۋانگۈل ئابدۇرېھىم.

2-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاھالىلەر چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ تاڭيۈەن تۈگمەكتە.

2-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاھالىلەر پانۇس تېپىشمىقى تاپماقتا.

2-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئوقۇتقۇچى كىچىك دوستلارنىڭ پانۇس ياسىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

2-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئوقۇتقۇچى كىچىك دوستلارنىڭ پانۇس ياسىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

2-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاھالىلەر بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ «تاڭيۈەن» توشۇش ھەمتۈرتكە ئويۇنىغا قاتناشماقتا.

2-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاھالىلەر خۇلا چەمبىرىكى يەتكۈزۈش ھەمتۈرتكە ئويۇنىغا قاتناشماقتا.

2-ئاينىڭ 28-كۈنى، كىچىك دوستلار پانۇس ياساشنى ئۆگەنمەكتە.

2-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاھالىلەر ياسىغان پانۇسلارنى كۆرسەتمەكتە.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.