

خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن «تۆت ئورگان» تەلىپى بويىچە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.
—— 2024-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى، شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇشۇنداق تەكىتلىدى






