https://mp.weixin.qq.com/s/asPqGcZdmYu-OpfJqh2rhg
بېشىم ئاغرىمىغان، بېشىم قايمىغان تۇرسا، قان بېسىمىم يۇقىرىراق بولسىمۇ چوڭ چاتاق يوق، ئەنسىرىمىسەممۇ، داۋالانمىساممۇ بولىدۇ.
بۇ بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان خاتا قاراش.
يۇقىرى قان بېسىمى دائىم «يوشۇرۇن قاتىل» دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى يۇقىرى قان بېسىمى ھەمىشە ئادەمدە روشەن بىئاراملىق تۇيغۇسى پەيدا قىلمايدۇ. نۇرغۇن ئاغرىقتا قان بېسىمى ئۆرلىگەندە گەرچە روشەن بىئاراملىق كۆرۈلمىسىمۇ، لېكىن كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بولماسلىقى خەۋپنىڭ يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئۇزاق مۇددەتلىك يۇقىرى قان بېسىمى يۈرەك، مېڭە، بۆرەك قاتارلىق مۇھىم ئەزالارغا زىيان يەتكۈزىدۇ.
شۇڭا، يۇقىرى قان بېسىمىغا ھۆكۈم قىلىشتا ھەرگىز ئۆز سەزگۈسىگە تايىنىشقا بولمايدۇ. قانۇنىيەتلىك كۆزىتىش، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىچىش ئەڭ مۇھىم ھالقا.
نۇرغۇن كىشى باش ئاغرىش، باش قېيىش ھېس قىلمىسىلا، قان بېسىمىم يۇقىرىراق بولسىمۇ چوڭ چاتاق يوق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، يۇقىرى قان بېسىمى ھەمىشە ئادەمدە روشەن بىئاراملىق تۇيغۇسى پەيدا قىلمايدۇ. ئادەتتە ئۇ «يوشۇرۇن قاتىل» دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئۇ بەلكىم سىز قىلچە سەزمىگەن ئەھۋالدا، بەدەنگە ئاستا-ئاستا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. كېسەللىك ئالامىتىنىڭ بولماسلىقى قان بېسىمىنىڭ بىخەتەر دائىرىدە تۇرغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، پەقەت بەدىنىڭىز ۋاقتىنچە «ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى» بەرمىدى خالاس.
يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرى ئىچىدە، پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەردىلا باش ئاغرىش، باش قېيىش يۈزبېرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرى ئىچىدە تەخمىنەن %24 ~ %13.6 كىشىدە باش ئاغرىش، تەخمىنەن %14.2 ~ %7.4 كىشىدە باش قېيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن.
يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ كۆپ ئەزالارغا بولغان تەھدىتى
يۇقىرى قان بېسىمى ئۇزاق مۇددەت تىزگىنلەنمىسە، پۈتۈن بەدەندىكى نۇرغۇن ئەزا سىستېمىلىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ، روشەن بىئاراملىق بولمىغان تەقدىردىمۇ، قان تومۇر، يۈرەك، بۆرەك، كۆز، چوڭ مېڭە قاتارلىق ئەزالارمۇ ئاستا-ئاستا يۇقىرى بېسىمدىن بولغان زەخىملىنىشكە بەرداشلىق بېرىپ، ئاخىرىدا ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئالدى بىلەن، يۇقىرى قان بېسىمى يۈرەك قان تومۇر ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇپ، يۈرەك، بۆرەك، چوڭ مېڭە ۋە قان تومۇرلارنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى كۆپ خىل مېخانىزملارنىڭ ئورتاق رولىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نۇرغۇن مۇھىم ئەزاغا بولغان ئاستا خاراكتېرلىك زەخملەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئاخىرىدا يۈرەك كېسىلى، يۈرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش، بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش، مېڭە سەكتىسى ۋە كۆرۈش تور پەردىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
نېمە ئۈچۈن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسە ئەكسىچە تېخىمۇ خەتەرلىك بولىدۇ؟
نۇرغۇن كىشى يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ھېچقانداق ئالامىتى بولمىسىلا ھېچ ئىش بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش ئىنتايىن خەتەرلىك. كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقىرى قان بېسىم كۆپ ھاللاردا تېخىمۇ يوشۇرۇن بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ بەدەنگە بولغان زەخمى يەنىلا يۈزبېرىدۇ، لېكىن كېسەللىك ئالامىتى يۈزبەرمىگەنلىكتىن، نۇرغۇن كىشى قان بېسىمىنى تىزگىنلەشنىڭ مۇھىملىقىغا سەل قارايدۇ.
فىرانسىيە تەتقىقاتچىلىرى 1914 نەپەر يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقىنى 30 يىل زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، باش ئاغرىيدىغان يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرىنىڭ باش ئاغرىمايدىغان يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرىغا قارىغاندا پۈتۈن سەۋەبلىك ئۆلۈش نىسبىتى ۋە يۈرەك قان تومۇر سەۋەبلىك ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىدىن ئېلىندى
باش ئاغرىقىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئالامىتى قىلىپ، ئاغرىققا يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەسكەرتىپ، ئاغرىقنى تېخىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش ياردىمى تەلەپ قىلىش ھەمدە دوختۇرنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن قان بېسىمىنى باشقۇرۇشنى تېخىمۇ خالايدىغان قىلىش كېرەك.
گەرچە باش ئاغرىش ئالامەتلىرى بولمىغان يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاقىۋىتى تېخىمۇ ناچار بولسىمۇ، لېكىن باش ئاغرىيدىغان يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە نىشان ئەزالىرىغا زەخىم يەتكۈزۈش خەۋپى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.
شۇڭا، يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرىدا مەيلى كېسەللىك ئالامىتى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، قان بېسىمىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇشى ۋە ساغلاملىقىنى ئاسراش ئىنتايىن مۇھىم.
يۇقىرى قان بېسىمىنى قانداق قىلغاندا توغرا تىزگىنلىگىلى بولىدۇ؟
يۇقىرى قان بېسىمىنى تىزگىنلەشنىڭ يادروسى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش ۋە دورا ئارقىلىق تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، قان بېسىمى سەۋىيەسىگە داۋاملىق دىققەت قىلىپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىش كېرەك.
1. ساغلام يېمەك-ئىچمەك
بىرىنچىدىن، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش كېرەك، بۇمۇ قان بېسىمىنى تىزگىنلەشتىكى ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئىستېمال ئادىتىنى ساقلاش مۇھىمنىڭ مۇھىمى. تۇز تەركىبىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىپ، تەركىبىدە كالىي، كالتسىي ۋە ماگنىي مول بولغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، كۆكتات، مېۋە-چېۋە ۋە ياغ تەركىبى تۆۋەن سۈت مەھسۇلاتلىرىنى كۆپەيتىش قان بېسىمىنى كونترول قىلىشقا ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىدۇ. تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىش، ھەر كۈنى ئالتە گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك، دورا-دەرمەكلەر ئىچىدىكى يوشۇرۇن تۇزغا دىققەت قىلىش كېرەك.
2. مۇۋاپىق ھەرىكەت
ھەرىكەتمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر قىسمى. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، مەسىلەن، ھەر كۈنى 30 مىنۇت تېز ماڭغاندا قان بېسىمىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ ساغلاملىق ھالىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەدەن ئېغىرلىقىنى ساغلام دائىرىدە ساقلاش قان بېسىمىنى كونترول قىلىشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. سېمىزلىك يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى قان بېسىم مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، ساغلام بولغان يېمەك-ئىچمەكنى ماسلاشتۇرۇپ قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت قىلىش قان بېسىمىنى باشقۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
3. دورىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش
ئىككىنچىدىن دورا بىلەن كونتىرول قىلىش. قان بېسىمى بىر قەدەر يۇقىرى ياكى تۇرمۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق كونتىرول قىلىش تەس بولغان بەزى ئاغرىقلارنى دورا بىلەن داۋالاش زۆرۈر. نۇرغۇن كىشى دورىغا تايىنىپ قېلىش ياكى ئەكس تەسىرىدىن ئەنسىرەيدۇ، لېكىن دورىنى توختىتالماسلىق ئەھۋالىنى قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورا كەلتۈرۈپ چىقارماستىن، بەلكى يۇقىرى قان بېسىمى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بىز يۇقىرى قان بېسىمىنى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ قىلالمايمىز، شۇڭا تەكلىپ قىلغان ياردەمچى (قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورا)دىن ئايرىلىشقا ئامالسىز قالدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرى قان بېسىمىنى جىددىي تۆۋەنلەتمەسلىكى كېرەك، چۈنكى بۇ ناچار ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، مەسىلەن، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ياكى سەكتە.
دورا ئىشلەتكەندە، چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك، دورا مىقدارىنى خالىغانچە كۆپەيتىشكە ياكى توختىتىشقا بولمايدۇ. بەزىلەر قان بېسىمى نورمال بولسىلا دورا ئىچىشنى توختاتسا بولىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن خەتەرلىك. يۇقىرى قان بېسىمى بىر خىل ئۇزاق مۇددەتلىك سوزۇلما كېسەللىك، دورا ئارقىلىق كونترول قىلىش سىجىل جەريان، دورىنى تۇيۇقسىز توختىتىش قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ھەتتا ئېغىر يۈرەك قان تومۇر ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
4. قان بېسىمىنى قەرەللىك ئۆلچەپ تۇرۇش
بۇنىڭدىن باشقا، قان بېسىمىنى قەرەللىك ئۆلچەپ تۇرۇشمۇ يۇقىرى قان بېسىمىنى باشقۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا. نۇرغۇن كىشى ئادەتتە سالامەتلىك تەكشۈرتكەندىلا قان بېسىمىنى ئۆلچەشكىلا تايىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە، ئائىلىدە قەرەللىك ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قان بېسىمىنىڭ داۋالغۇش ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىگىلى بولىدۇ. ھەر كۈنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا قان بېسىمىنى ئۆلچەپ، نەتىجىسىنى خاتىرىلىگەندە، دوختۇرنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى باھالاپ، دورا مىقدارىنى تەڭشىشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.
ئومۇمەن، يۇقىرى قان بېسىمىنى توغرا تىزگىنلەش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش ۋە دورا بىلەن داۋالاشنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، قان بېسىمىنىڭ ساغلام دائىرىدە بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندە ئاندىن ھەرىكەت قىلماسلىق كېرەك، كۈندىلىك ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئېغىر ئاقىۋەتتىن ساقلىنىشنىڭ ئاچقۇچى. قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، ئۆلچەملىك دورا ئىشلىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ زەخىمىدىن قوغداشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى.






