تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ باھارىغا تولىمۇ تەقەززامىز!

3-ئاي كىردى، باھارنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئاز قالدى

يىغىلىپ قالغان قارلار، مۇز كۆللەر ئېرىگەندە

 شىنجاڭنىڭ باھارى

بىپايانلىقى ۋە ئىللىق تۇيغۇسى بىلەن ئۇچرىشىشقا ئاتلىنىدۇ

بىر قىش ساقلىغان ئارزۇلار

ئۆرۈك چېچەكلىرىنىڭ شاخلارغا ھۆسىن قوشۇشىنى

دەنشيانىڭ كۆل يۈزىدە ئەكس ئېتىپ، باھاردىكى كۆكتاتلارنىڭ بىخ سۈرۈشىنى كۈتمەكتە

...

مانا بۇ شىنجاڭنىڭ باھارىنىڭ قىياپىتىدۇر

گۈل خەۋەر بەردى

تاغ-دالىلار رومانتىك تۈسكە كىردى

شىنجاڭدا باھاردا

گۈللەر ئېچىلىپ تاغ-دالىلارنى قاپلايدۇ

باش باھار ئۆرۈك چېچىكىنىڭ ئاساسىي مەيدانى

10 مىڭ مولۇق ئۆرۈكلۈك

باھارنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلايدۇ

تۇرپان شەھىرى

پامىر ئېگىزلىكى، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا

شامال چىققاندا بىر مەيدان «ئۆرۈك چېچىكى يامغۇرى» پەيدا بولىدۇ

3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 5-ئاينىڭ باشلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ

مۇز يېرىپ چىققان ئاق زەپە

باھارنىڭ ئەلچىسى

ئۇنىڭغا «بەخت يېتىپ كېلىش ئالدىدا» دېگەن ئۈمىد يوشۇرۇنغان

3-ئاينىڭ باشلىرىدىن 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ

كورلا شەھىرىدە نەشپۈت چېچىكى

بەس-بەستە ئېچىلىدۇ

«نەشپۈت چېچىكى باھاردا يامغۇر ئېلىپ كېلىدۇ»

دەرەخلەر زىچ، چېچەكلەر قويۇق بولۇپ

قۇيۇق خۇش ھىدى كىشىگە قىزغىنلىق بېغىشلايدۇ

4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 5-ئاينىڭ باشلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ

ئالما چېچىكىنىڭ گۈللىرى

يېڭى، يۇمران يېشىل بىخلار ئارىسىدا جۇلالىنىپ

سۇس ھال رەڭ بەرگىسى قۇياش نۇرىدا پارقىراپ

سۇس خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ

4-ئاينىڭ باشلىرىدىن 5-ئاينىڭ باشلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ

كەڭ تۇپراق ئويغىنىدۇ

ئۇنىڭغا چەكسىز مۇلايىملىق يوشۇرۇنغان

بىر قىش جىمجىتلىقنى باشتىن كەچۈرۈپ

يىغىلىپ قالغان قارلار ئېرىپ، دەريا سۈيى شىلدىرلاپ ئېقىپ، ئوتلاق كۆكىرىدۇ

ھەربىر مەنزىرە

باھارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە بىپايانلىقىنى بايان قىلىدۇ

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ۋە كىلىمات پەرقى تۈپەيلىدىن

چاچى يايلىقى

ئىلىدىكى بىرقەدەر بالدۇر كۆكىرىدىغان يايلاقلارنىڭ بىرىدۇر

ھەر يىلى 4-ئاينىڭ باشلىرىدا ئوتلاق تەدرىجىي كۆكىرىدۇ

يەنە تاغ-دالىلارنى قاپلىغان ياۋا گۈللەرنى كۆرگىلى بولىدۇ

4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدىكى نارات يايلىقى

قار سىزىقى تېخى ئېرىمەي تۇرۇپلا چىملىق يېشىللىققا پۈركىنىدۇ

ياۋا گۈللەر ھەممە يەرنى قاپلايدۇ

شەمشادلار بۇلۇتلارغا خۇيمۇ يارىشىدۇ

بۇ يەردە نەپەس ئالسىڭىز ئۆزىڭىزنى تولىمۇ ئەركىن ھېس قىلىسىز

باھاردا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ شىنجاڭغا كەلگەندە

S101 يۈز چاقىرىملىق دەنشيا رەڭلىك تون كىيىدۇ

ئالتاي-قۇمقاناس تاشيولىنىڭ

ھەربىر دوقمۇشىغا ھەيران قالارلىق خۇشاللىقلار يوشۇرۇنغان

قاراقۇرۇم تاشيولى

بەيشاخۇ كۆلى بىلەن ئېگىزلىكنىڭ باھار مەنزىرىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ

...

باھار شامىلى يۈزنى سىيپاپ ئۆتىدۇ، يول بويى رەڭگارەڭ گۈللەر ۋە قارلىق تاغلار

شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ

 مەززىلىك تائاملار

سىزگە باھار ھىدىنى تېتىتىدۇ

شىنجاڭنىڭ باھارى

تاماق ئۈستىلىدىكى مەززىلىك تەمگە يوشۇرۇنغان

ھەربىر كاپام باھار قورۇمىسى

تەبىئەتنىڭ پەسىللىك سوۋغىسى بولۇپ

باھارنىڭ ئەڭ ھەقىقىي تەمىنى ھېس قىلدۇرىدۇ

باش باھاردىكى تۇنجى يېڭى كۆكتات بېدە

قايناقسۇغا بېسىۋېتىپ سوغۇق سەي قىلىشقا بولىدۇ

ساپ ھەم كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ

چۆچۈرە، سامسا قىلسىمۇ بولىدۇ

بىر چىشلەم مەززىلىك تەم قەلبلەرگە بىۋاسىتە يېتىپ بېرىپ 

باھار پۇرىقىنى يەتكۈزىدۇ

مامكاپ يۇمران بىخىنى سوغۇق سەي قىلسىمۇ

شورپىغا سالسىمۇ بولىدۇ

ئىسسىقنى ياندۇرىدۇ ھەم تەملىك

دەملەپ ئىچكەندە باھاردىكى چەكلىك كۈتۈنۈش ئىچىملىكلىرىنى ئىچكەندەك تۇيغۇدا بولىسىڭىز

چۆللۈكتە ئۆسكەن ساسۇڭ

تاماق ئۈستىلىدىكى «قىممەتلىك مەززىلىك تائام» بولۇپ

چۈرۈك، يۇمران، ئاچچىق ئەمەس

باھاردىكى تۇنجى ئورىمىنىڭ تەمى ئەڭ ياخشى

ئازراق ياغ بىلەن تۇخۇم قورۇمىسى قورۇغاندا ياكى ئاددىي سوغۇق سەي قىلغاندا

ئۆزگىچە تەمىنى گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ

قارىياغاچ پوستىكىنىڭ شەكلى مىس يارماققا ئوخشايدىغان بولۇپ

«ئېشىنچا پۇل» دېگەن مەنىدە

يۇمران بىخ ھالىتىدە ئۈزۈپ، پاكىز تازىلىغاندىن كېيىن

ئۇن، ياغ، تۇز سېلىپ دۈملەپ پىشۇرۇپ

ئاچچىق ياغ ۋە سامساق قىيمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ يېسە، تاتلىق ۋە ئاچچىق تەم تىل ئۈستىدە ئۇچرىشىدۇ

بۇنىڭغا شىنجاڭلىقلارنىڭ باھارغا بولغان گۈزەل ئارزۇسى يوشۇرۇنغان

گەرچە شىنجاڭدا باھار سەل كېيىن كەلسىمۇ

لېكىن ئەزەلدىن كەم بولۇپ باقمىدى

ھەممىمىز بۇ باھاردا تاغ-دەريالارنى كېزىپ

پورەكلەپ ئېچىلغان باھار گۈللىرىنى كۆرۈپ

بىپايان تاغ-دەريالاردىن ھۇزۇرلىنىپ، پەسىللىك يېڭى تەمدىن ھۇزۇر ئېلىپ

ئۈمىدنى يەردە قويماي، باھار نۇرىغا چۆمۈلەيلى

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.