تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

«بېشىنى قويسىلا ئۇخلاش» كېسەللىك ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن

 «بېشى ياستۇققا تەگسىلا ئۇخلاش» دائىم ئۇيقۇ سۈپىتى يۇقىرى بولۇشنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىدۇ، لېكىن يەنە بەزى قاراشلاردا: «سېكۇنت ئىچىدە ئۇخلاش» بەدەن چىقارغان سىگنال بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە كىشىلەردە كۆپىنچە ئۇخلىغانسېرى چارچاش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ. ئۇنداقتا ھەقىقىي ياخشى ئۇيقۇغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۆلچىمى بارمۇ-يوق؟ ئۇيقۇغا ياردەم بېرىدىغان قانداق ئىلمىي، مۇۋاپىق ئۇسۇللار بار؟ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالايلى.

 نېمە ئۈچۈن «سېكۇنت ئىچىدە ئۇخلاش»قا ھەۋەس قىلمىسىمۇ بولىدۇ؟

 «سېكۇنت ئىچىدە ئۇخلاش» تېبابەتتە ئۇيقۇغا كىرىشىش يوشۇرۇن مەزگىلىنىڭ بەش مىنۇتقا يەتمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى يېتىپ بەش مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇخلاپ بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە ئاڭلىماققا ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۇيۇلسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇيقۇنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسى ئەمەس. بۇ خىل «سېكۇنت ئىچىدە ئۇخلاش» ھادىسىسى كۆپ ھاللاردا ئۇيقۇنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل ئىكەنلىكى ياكى ئۇيقۇ توسالغۇسىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن توسالغۇغا ئۇچرىغان ئۇيقۇنى تولۇقلىغاننىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ، مەسىلەن: ئۇدا كېچىچە ئۇخلىمىغان، يۇقىرى سىجىللىقتا خىزمەت قىلغان ياكى ئۇزۇن سەپەرگە چىققاندىن كېيىن، چوڭ مېڭىنىڭ «مەجبۇرىي ئۆچۈرۈش» ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل «سېكۇنت ئىچىدە ئۇخلاش» ئۇزاق داۋاملاشسا، ئۇنىڭغا يوشۇرۇنۇش ئېھتىمالى بولغان پاتولوگىيەلىك مەسىلىلەردىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

 دوختۇر مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: ئۇزاق ۋاقىت «سېكۇنت ئىچىدە ئۇخلاش» ئەھۋالى كۆرۈلسە بۇ بەلكىم سىزدە توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش، قوزغىلىش خاراكتېرلىك ئۇخلاش كېسىلى، ئالاھىدە قوزغىلىشچان ئۇيقۇغا خۇمار بولۇش كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەر بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن، شۇنداقلا قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى چېكىنىش، خامۇشلۇق كېسىلى ياكى مېڭە زەخىملىنىش قاتارلىق نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كېسەللىكلەر بىلەن ئالاقىدار بولۇشى مۇمكىن. بۇ كېسەللىكلەر كېچىدە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، ئۇيقۇ قۇرۇلمىسى قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم كۈندۈزى داۋاملىق چارچاش ھالىتىدە تۇرىدۇ ھەم دىققىتىنى يىغالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇ خىل ھالەت داۋاملىشىۋەرسە يەنە يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھەقىقىي ساغلام ئۇيقۇ نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

  تېبابەتتە ئۇيقۇ سۈپىتىگە باھا بېرىشتە، پەقەت «تېز ئۇخلىغان-ئۇخلىمىغانلىقى»غا قارىمايدۇ، بەلكى مىقدارلاشتۇرغىلى بولىدىغان بەش يادرولۇق ئۆلچەم ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

  ئۇيقۇغا كىرىش يوشۇرۇن مەزگىلى: ساغلام بولغان ئۇيقۇغا كىرىش ۋاقتى ئادەتتە 10 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە بولىدۇ، بۇ جەريان بەدەننىڭ «سىمپاتىك نېرۋىدىن پاراسىمپاتىك نېرۋا»غا تەبىئىي ئالمىشىشىنى تاماملاشقا ياردەم بېرىدۇ.

  ئۇيقۇ ۋاقتى: كۈندىلىك ئومۇمىي ئۇخلاش ۋاقتى (كېچىلىك ئۇيقۇ + كۈندۈزلۈك قىسقا ئۇيقۇنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كۆپ ھاللاردا ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، ئۇخلاش ۋاقتى ئادەتتە قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ (18 ياشتىن 64 ياشقىچە) ئادەتتە 7 سائەتتىن 9 سائەتكىچە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ (13 ياشتىن 17 ياشقىچە) 8 سائەتتىن 10 سائەتكىچە، ياشانغانلارنىڭ (65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقانلار) تەخمىنەن 5 سائەتتىن 7 سائەتكىچە بولىدۇ.

   ئۇيقۇنىڭ ئىزچىللىقى: ساغلام ئۇيقۇنىڭ ئۈنۈمى %85تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك (مەسىلەن: كارىۋاتتا سەككىز سائەت ياتقاندا، ئەمەلىي ئۇخلىغان ۋاقىت 6.8 سائەتتىن ئاشقان ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولۇش كېرەك)، كېچىدە ئويغىنىش قېتىم سانى ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك ھەمدە ھەر قېتىم تېز سۈرئەتتە قايتا ئۇخلىيالايدىغان بولۇش كېرەك.

 ئۇيقۇ قۇرۇلمىسى: كېچىدە تۆتتىن بەشكىچە مۇكەممەل بولغان «يېنىك ئۇيقۇ — قاتتىق ئۇيقۇ  تېز سۈرئەتلىك كۆز ھەرىكىتى ئۇيقۇسى» دەۋرى بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە قاتتىق ئۇيقۇنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %20تىن %30كىچە بولۇپ، ئورگانىزمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەستە تۇتۇشنى مۇستەھكەملەشتە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ؛ تېز سۈرئەتلىك كۆز ھەرىكىتى ئۇيقۇسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %20تىن %25كىچە بولۇپ، كەيپىياتنى تەڭشەش ۋە بىلىشنى بىرىكتۈرۈش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

 ئويغانغاندىن كېيىن ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش: ھەقىقىي ياخشى ئۇيقۇ ئويغانغاندىن كېيىن ئادەمنى روھلۇق، كەيپىياتىنى تۇراقلىق قىلىدۇ، كۈندۈزى دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ياخشى بولىدۇ، خىزمەت قىلغان ياكى ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە زىيادە مۈگدەش بولمايدۇ، قەھۋە ياكى قېنىق چايغا تايىنىپ روھىنى ئۇرغۇتمىسىمۇ بولىدۇ.

 قانداق قىلغاندا ئۇيقۇ سۈپىتىنى ئىلمىي ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟

 ئەگەر ئۆزىڭىزدە ئۇيقۇ مەسىلىسى بارلىقىنى بايقىسىڭىز ياكى ئۇيقۇ سۈپىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلسىڭىز، تۆۋەندىكى ئىلمىي، ئاسان ئۇسۇلنى سىناپ باقسىڭىز ھەم ئىشنى تۇرمۇشتىكى ئىنچىكە ھالقىلاردىن باشلاپ، ساغلام بولغان ئۇيقۇ رىتىمىنى تەدرىجىي بەرپا قىلسىڭىز بولىدۇ.

 ئالدى بىلەن، خىزمەت ۋە دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئىمكانقەدەر مۇقىم قىلىش، ھەر كۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلاش ۋە ئورنىدىن تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش، ۋاقىت پەرقى 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بۇ بەدەننىڭ بىيوسائىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق. ئاندىن، ئۇخلاشتىن ئىككى-ئۈچ سائەت بۇرۇن كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇش، بەك تويۇنۇپ كەتمەسلىك ياكى زىيادە ياغلىق يېمەكلىكلەرنى  يېمەسلىك؛ ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن يان تېلېفون، كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەردىن يىراق تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىش ياكى ۋەقەلىكى جىددىي بولغان كىنو-تېلېۋىزىيەلەرنى كۆرۈشتىن ساقلىنىپ، بۇنى كىتاب ئوقۇش، يېنىك شاۋقۇن ئاۋازى (مەسىلەن، يامغۇر ئاۋازى، دېڭىز دولقۇنى ئاۋازى)نى ئاڭلاشقا ئۆزگەرتىپ، چوڭ مېڭىنى تەدرىجىي ئارام ئالدۇرۇش، كۆپ نەرسە ئويلىماسلىق كېرەك؛ ياتاق ئۆينىڭ قاراڭغۇ، تىنچ بولۇشى ۋە مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىسىنى ساقلىغاندا، كېچىدە ئويغىنىشنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتىنى 20 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە تىزگىنلەش، ئەڭ ياخشىسى چۈش سائەت 12دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 2گىچە ئۇخلاش؛ چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن كېيىن قەھۋە، قېنىق چاي، كولا، شاكىلات قاتارلىق تەركىبىدە كوففېئىن بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

 ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت بەك تېز ئۇخلاش، كۈندۈزى ئۇيقۇ خۇمارى ئېغىر بولۇش ياكى ئويغانغاندىن كېيىن قاتتىق چارچاش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، كەسپىي باھالاش ئارقىلىق يوشۇرۇن ئۇيقۇ توسالغۇسى ياكى باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى تۈگىتىش كېرەك.

 ​«شىنخۇا تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.