باھار كېلىپ يېڭى سەپەر باشلاندى، ئىش باشلاشنىڭ دەل ۋاقتى! مەيلى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپى، ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىدا بولسۇن، ياكى مۇلازىمەت كۆزنىكى، قۇرۇلۇش نەق مەيدانلىرىدا بولسۇن، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان ھەربىر سىيمانىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان قىياپىتىنى نامايان قىلماقتا.

2-ئاينىڭ 26-كۈنى، چاپچال ناھىيەسىنىڭ چاپچال بازىرى ئەندىڭ كەنتىدىكى كۆكتات پارنىكىدا، دېھقانلار كۆكتات ئۈزۈش، ئايرىش، يىپ بىلەن چىگىش بىلەن ئالدىراش بولدى، ئۇلار بۇ بىر تۈركۈم يۇمران كۆكتاتلارنى بىرىنچى ۋاقىتتا بازارغا توشۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى كۆكتات بىلەن تەمىنلىمەكچى. ۋاڭ چى فوتوسى

2-ئاينىڭ 26-كۈنى، تېخنىك خادىملار كۆنەكسىمان پەتنۇسقا سورت نامىنى بەلگە قىلماقتا. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزا تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ تېخنىك خادىملىرى راھەتباغ يېزىسىدا قوش پەسىللىك قوغۇن مايسىسى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرماقتا. ساۋ شىنجيا فوتوسى

2-ئاينىڭ 26-كۈنى، بىر يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8-شىسىنىڭ ئېتىزلىقلىرىدا قار كېچىش مەشغۇلاتى قىلماقتا. بۇ تۇەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ 40 نەچچە ماشىنىنى قار كېچىش مەشغۇلاتى قىلغۇزۇپ، كېيىنكى قەدەمدىكى يەر تۈزلەش، تېرىشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋاقتىنى چىڭ تۇتتى. شى خەي فوتوسى

2-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9-شى 167-تۇەن دۆلەت مۈلكى مەبلەغ سېلىش تىجارەت چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى-ـخىزمەتچىلىرى يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان خىمىيەۋى ئوغۇتنى قاچىلاپ-چۈشۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش، تەمىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا كۈچ قوشماقتا. شيۇڭ خۇيئې فوتوسى

2-ئاينىڭ 26-كۈنى، سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ خېڭئەن قەغەزچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا، خىزمەتچى خادىملار ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا. نۆۋەتتە، بۇ شىركەتنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 100 توننىغا يەتتى، مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىدى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا سېتىلدى. خې لۇڭ فوتوسى
2-ئاينىڭ 26-كۈنى، پوسكام ناھىيەلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت زالىدا، مەسلىھەت سوراش سۇپىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئاممىنى تۈرلۈك كەسىپلەرنى بېجىرىشكە يۇقىرى ئۈنۈملۈك، دەل جايىدا يېتەكلەپ، «يېڭى يىل كىرىشى بىلەن توختىماي كۈرەش قىلىش، ئاممىنى ئىش بېجىرىشتە <دەرھال رازى قىلىش> »نى قولغا كەلتۈردى. خۇاڭ دەيخۇي فوتوسى






