ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ 40 يىللىق كىنو كۆرۈش ئەسلىمىسىگە تولغان «1-ماي» كىنوخانىسى يېڭىدىن بېزىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، يېقىندا رەسمىي تىجارەت باشلاپ خېرىدار كۈتۈۋالدى. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى سېلىنغان بۇ كونا كىنوخانا سەككىز يىلغا يېقىن تەييارلىق قىلىش، ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، يېپيېڭى بوشلۇق، ئىلغار ئۈسكۈنە ۋە خەلقچىل مۇلازىمەت بىلەن يەنە بىر قېتىم شەھەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىكى يارقىن يەر بەلگىسىگە ئايلاندى.

2-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىغا جايلاشقان «1-ماي» كىنوخانىسى يېپيېڭى قىياپەتتە قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. دىلنار جارقىن فوتوسى
«1-ماي» كىنوخانىسى خۇاڭخې يولىنىڭ يادرولۇق يول بۆلىكىگە جايلاشقان، ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى تۈركۈمدە سېلىنغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كىنوخانىنىڭ بىرى. 2018-يىلى 10-ئايدا، كىنوخانا كەسىپ ھالىتى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە بازار رىقابىتى ئېھتىياجى سەۋەبىدىن تىجارەتنى ۋاقىتلىق توختاتقان بولۇپ، كۆپ يىل كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاش، ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈندە قايتىدىن رەسمىي ئېچىلدى.

2-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىغا جايلاشقان «1ـ ماي» كىنوخانىسىنىڭ يېپيېڭى تۈستىكى كىنو كۆرۈش ئورۇندۇقى. دىلنار جارقىن فوتوسى
بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىشتە كىلاسسىك ئىمارەتنىڭ ئەسلىي قىياپىتى ساقلاپ قېلىنغان، ئىچكى بوشلۇقى ئومۇميۈزلۈك يېڭىلانغان. كىنوخانىنىڭ ئومۇمىي ئىشلىتىش كۆلىمى 1460 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، كۈل رەڭ بىلەن جۈزىرەڭ ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا يەنە يېقىملىق رەڭدىكى يۇمشاق بېزەك ماتېرىياللىرى قوشۇلۇپ، ئاددىي ھەم ئىللىق ئۇسلۇبتا بېزەلگەن. كىنوخانىدا مەخسۇس كىنو كۆرۈش زالىدىن توققۇزى پۈتۈنلەي يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان كىنو كۆرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. «1-ماي» كىنوخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى خې خاۋ مۇنداق دېدى: قاتتىق ماتېرىيال ئەسلىھەلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى رەقەملىك كىنو قويۇش سىستېمىسى، چۆكۈش شەكلىدىكى ئايلانما ئاۋاز ئۈنۈمى، بەدەنگە ماسلاشقان راھەت، يۇمشاق ئورۇندۇقلارنى سەپلىدۇق ھەم توسالغۇسىز لىفىتنى كۆپەيتىپ ئورناتتۇق، بۇنىڭ بىلەن قەۋەتلەر ئارا يۈرۈش تېخىمۇ قولايلىشىپ، كىنو كۆرۈش تەسىراتى زور دەرىجىدە ئاشتى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك كىنو تارقىتىش-قويۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كىنو ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مى يۈنشيانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كىنوخانا يېڭىدىن بېزەلگەندىن كېيىن تىجارەت ئەندىزىسى ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كىنو كۆرۈش، ئىستىراھەت، ئىجتىمائىي ئالاقە بىر گەۋدىلەشكەن بىرىكمە تىپتىكى مەدەنىيەت بوشلۇقى بەرپا قىلىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك كىنو كۆرۈش تەسىراتى ئېلىپ كېلىدىكەن. كىنوخانا شەھەر ئاھالىلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تىجارەت باشلاپلا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قويۇلىدىغان ھەممە مەيدان كىنونىڭ بېلەت باھاسىنى بىر تۇتاش 35 يۈەن قىلىپ بېكىتىپ، خەلققە يېقىشلىق باھا بىلەن تېخىمۇ كۆپ شەھەر ئاھالىسىنى دەۋر ئەسلىمىسىگە تولغان بۇ كىنوخانىغا كىرىپ كىنو كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.
2-ئاينىڭ 28-كۈنى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى مەخسۇس بۇ يەرگە داكا قىلغىلى كەلدى. شەھەر ئاھالىسى فاڭ خۇي مۇنداق دېدى: «1-ماي» كىنوخانىسى 60-، 70-، 80-يىللاردا تۇغۇلغان بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ياشلىق ئەسلىمىسى بولۇپ، يېڭىدىن بېزەلگەندىن كىيىن مۇھىتى ئىللىق، مۇلازىمىتى ياخشى، بېلەت باھاسى خەلققە يېقىشلىق بوپتۇ، ئېرىم ئىككىمىز ياشلىق چاغلىرىمىزنى ئەسلەش ئۈچۈن مەخسۇس كەلدۇق».
«1-ماي» كىنوخانىسى كىنو لېنتىسىنى ئايلاندۇرۇش دەۋرىدىن رەقەملەشكەن نۇر تېخنىكىسى دەۋرىگىچە ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىپ ھاياتىي كۈچكە تولۇش ئارقىلىق دەۋر ھېكايىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ، كونا يەر بەلگىسىدە يېڭىچە دەۋر سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






