2-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى ئالمىلىق بازىرى يېگولىن مەھەللىسىدىكى ئىلى ئۆسۈملۈك باغچىسى پارنىكى «پىڭگويۈەن»نىڭ ئىچى ئىللىق ئىدى، ھەر خىل گۈل-گىياھلار بەس-بەستە ئېچىلغانىدى. تىروپىك بەلباغ، سۇبتروپىك بەلباغ، چۆل-باياۋان خاس ئۆسۈملۈكلىرى باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، گۈل-چېچەكلەر ۋە يېشىل ئۆسۈملۈكلەر بىر-بىرىنى جۇلالاندۇرۇپ تۇراتتى، ھەر قەدەمدە بىر مەنزىرە، ھەممە يەر يېڭىلىق ئىدى. «پىڭگويۈەن»نىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 5505 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، تۆت چوڭ باش تېمىلىق كۆرگەزمە سارىيىدىن تەركىب تاپقان، يېتىشتۈرۈش، پەن تەتقىقات، كەسىپ يېتىلدۈرۈش ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال سۇپا قىلىپ بېكىتىلگەن. نۆۋەتتە، پارنىكتا 1700 خىلدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك يىغىلغان بولۇپ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى مۇھىم ئۆسۈملۈك گېن ئامبىرى ۋە ئېكولوگىيە بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بازىسىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىشلىق ئىستىراھەت، ئېكولوگىيە بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى ئاۋات جايغا ئايلاندى، رەڭگارەڭ ئۆزگىچە مەنزىرە بىلەن ئىلىنىڭ قىشلىق مەدەنىيەت ساياھىتىگە يارقىن تۈس قوشتى.






