

خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىرلىك سەپنىڭ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇش سىياسىي رولىنى جارى قىلدۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار، يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار ۋە دىنىي زاتلارغا بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقە باغلاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى كۈچەپ ياخشى سىزىپ چىقىشى كېرەك.
—— 2024-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇشۇنداق كۆرسەتتى






