2-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى شىنجاڭدا 2026-يىللىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سىياسەتنى يولغا قويۇش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ياردەم پۇل مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئېلىش سالاھىيەت بېلىتىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتىنىڭ تەڭشەلگەنلىكى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى.
2026-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، بۇ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، رەقەملىك ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلات قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنى قاپلىدى، يۈنشەنفۇ APPسىدىكى «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» مەخسۇس كۆزنىكىدە ياردەم پۇل ئېلىش سالاھىيەت بېلىتى تارقىتىپ، ئاي بويىچە تەكشى تارقىتىش، ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، بازار ئىستېمالىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، ئاھالىلەر ئىستېمالىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

جىڭكەي ۋەندا مەيدانىدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ھېس قىلىش بېكىتى.
ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، 2026-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭدا ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئېلىش سالاھىيەت بېلىتىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى تارقىتىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈنگە تەڭشەلگەن. مەسىلەن: 3-ئاينىڭ 1-كۈنى تارقىتىلغان سالاھىيەت بېلىتىنى مەيلى قايسى ۋاقىتتا ئېلىشتىن قەتئىينەزەر، كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىردەك 3-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولىدىكەن. ئىلتىماس قىلغۇچى جەزمەن كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى ئىچىدە ئىلتىماس قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇشى كېرەك ئىكەن، تاپشۇرۇش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن سالاھىيەت بېلىتى ئاپتوماتىك كۈچتىن قالىدىكەن ھەم ۋاقتى ئۇزارتىلمايدىكەن. ئۇقتۇرۇشتا بۇ ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن تارقىتىلغان ياردەم پۇل ئېلىش سالاھىيەت بېلىتىنىڭ داۋاملىق ئەسلىدىكى كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى بويىچە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






