تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

باھار بايرىمىدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش | يۈەنشىياۋ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، بازارلاردا تاڭيۈەنلەر يېتەرلىك

   مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئىجادىيىتى

3-ئاينىڭ 1-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دوستلۇق تاللا بازىرى دوستلۇق سودا سارىيى دۇكىنىدا تېز توڭلىتىلغان تاڭيۈەندىن تاللاپ سېتىۋالماقتا.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى ۋە خەۋىرى) «بۇ يىل تاڭيۈەنلەرنىڭ تەمى كۆپ خىل، يەنە تۆۋەن قەنتلىكىمۇ بار ئىكەن، ياشانغانلارغا بەك ماس كېلىدىكەن» دېدى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ يۈەنچاۋ.

   شۇ كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 1-ئاينىڭ 13-كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى چوڭ تىپتىكى تاللا بازارلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرى، مەھەللە كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، تاڭيۈەن قاتارلىق بايراملىق لازىمەتلىكلەر تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تاللاپ سېتىۋېلىپ، يۈەنشىياۋ بايرىمىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

   ئىگىلىنىشىچە، بازاردىكى بارلىق ماركىلىق تاڭيۈەنلەر بازارغا كىرىشتىن بۇرۇن، ئالاقىدار تارماقلار مال بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيىتى ۋە مەھسۇلات تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تەكشۈرۈپ، مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان. بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى سودا سارايلىرى يەنە نەق مەيداندا قولدا تەييارلانغان تاڭيۈەنلەرنى بازارغا سېلىپ، ئىستىمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

3-ئاينىڭ 1-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى چېڭشىنشياڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرىدا تېز توڭلىتىلغان تاڭيۈەن قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالماقتا.

3-ئاينىڭ 1-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دوستلۇق تاللا بازىرىنىڭ دوستلۇق سودا سارىيى دۇكىنىدا تاڭيۈەن ياسىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.