تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شامال شىڭشىڭشيادىن ئۆتتى، مىڭ يىللىق ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى سەھەر، تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلگەندە، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شىڭشىڭشيا بازىرىدا تاغ شامىلى چىقىۋاتاتتى. تاغ ئارىسىدىن گۈركىرەپ چىققان شامال قۇم دانچىلىرىنى ئۇچۇرغىنىچە G30 ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى سىيپاپ ئۆتۈپ، بۇ «شىنجاڭغا كىرىشتىكى تۇنجى بازار»نىڭ مىڭ يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرىنى بايان قىلماقتا ئىدى.

ئىككى تەرەپتىكى ئېگىز تاغلار مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، چۆللۈك كۈمۈش رەڭگە كىرگەنىدى. تاغ ئارىسىدىكى قار ئېرىگەن جايدا، كىۋارتىسلار يالتىراپ، خۇددى يۇلتۇزلاردەك كۆرۈنەتتى. «تاشلار يۇلتۇزلاردەك جىمىرلايدۇ، جىلغىدا ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى بار»، مانا بۇ شىڭشىڭشيا دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ئىدى.

«تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە چىكوۋدىن چىققان بۇ شامال بۈگۈنگىچە توختىماي، مىڭ يىلدىن بۇيان داۋاملاشتى.» ۋاڭ خاۋپېڭ پاختىلىق چاپىنىنى ھىم كىيىپ، شىڭشىڭشيا قەدىمىي يولى ئورنىدا تۇرۇپ، قولى بىلەن قىيا تاشلارغا ئويۇلغان «داچىڭ گۇاڭشۈ» «خۇنەن شاڭ» «سەنشى» قاتارلىق خەتلەرنى سىلىدى، قۇم دانچىلىرى بارماقلىرى ئارىسىدىن سىيرىلىپ چۈشتى.

شىڭشىڭشيا دېگەن نامدىكى «峡» ئەمەلىيەتتە ئۆتكەل بولۇپ، خېشى كارىدورىدىن شىنجاڭغا كىرىدىغان مۇھىم يولنى ساقلايدۇ، ئەزەلدىن «ئۆتكەلنى بىر كىشى ساقلىسا، تۈمەنلىگەن كىشى ئۆتەلمەيدۇ» دېگەن نامى بار ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئورۇن ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ جاي «چىكوۋ» دەپ ئاتالغان، تۇر بىلەن ئۆتەڭ بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، سودا كارۋانلىرىنىڭ كولدۇرما ئاۋازى يىپەك يولىنىڭ ئاۋاتلىقىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەنىدى.

چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، «پەقەت دۆلەتكە پايدىلىق بولسىلا، ھاياتىمنى قۇربان قىلىشقا رازىمەن» دېگەن ھاياجانلىق سۆزلەرنى قالدۇرغان لىن زېشۈ مەنسىپىدىن قالدۇرۇلۇپ شىنجاڭغا ئەۋەتىلگەندە بۇ جايدىن ئۆتكەن؛ زو زۇڭتاڭ خۇنەن قوشۇنىنى باشلاپ قەدىمىي يولنى بېسىپ ئۆتۈپ، «دۆلەت زېمىنىنى جان تىكىپ قوغداپ، بىر سۇڭ يەرنىمۇ باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويمايمەن» دېگەن جاراڭلىق سادانى ياڭراتقان.

ۋاڭ خاۋپېڭ قومۇل شەھىرى زو زۇڭتاڭ مەدەنىيەت تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش سارىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، دائىم ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە شىڭشىڭشيانىڭ ئۆتمۈشىنى سۆزلەپ بېرىدۇ: «شىڭشىڭشيا شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بىر تاغ ئۆتكىلى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭ تارىخىنى چۈشىنىشتىكى بىر كۆزنەك».

قۇم - بوراندا 100 يىللىق ئىس - تۈتەك، چاڭ - توزانلار تارقىلىپ كېتىپ، قىزىل ئەسلىمىلەر نامايان بولدى. 1937 - يىلى 4 - ئايدا، لى شيەننيەن غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى سول تارماق ئەترىتىدىكى 400دىن ئارتۇق كوماندىر - جەڭچىنى باشلاپ، قان كېچىپ جەڭ قىلىش ئارقىلىق، مۇھاسىرە ۋە توسۇقلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، شىڭشىڭشياغا يېتىپ كەلدى.

ئۇ چاغدا جەڭچىلەرنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى جۇل - جۇل بولۇپ كەتكەن، ئوزۇق - تۈلۈكلىرى قالمىغانىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چېن يۈن، تېڭ دەييۈەننى بۇ جايدا ساقلاپ تۇرۇشقا ئەۋەتتى، پەقەت ئىنقىلاب چوغىنى ساقلاپ قالساقلا، ئۇ ھامان زورىيىپ يالقۇنغا ئايلىنىدۇ، دېگەن تاپشۇرۇق قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدىغان نۇر بولۇپ قالدى.

«غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ ئىش ئىزلىرى شىڭشىڭشيادىكى ئەڭ قىممەتلىك قىزىل ئەسلىمە.» باھار بايرىمى مەزگىلىدە، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە سارىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نيۇ مۇ ھەر كۈنى سارايدا ئالدىراش بولدى.

بۇ ساراي قومۇل شەھىرىنىڭ ئىۋىرغول رايونىدا بولۇپ، ساراي ئىچىدىكى 3Dلىق سۈرەت ۋە سىنلار ئارقىلىق جاپا - مۇشەققەتلىك جەڭ قايتا نامايان قىلىندى، ھەربىر پارچە سۈرەتتە تەسىرلىك تارىخ خاتىرىلەنگەنىدى. «2025 - يىلى، خاتىرە سارىيىمىز 100 نەچچە مىڭ ئادەم قېتىم ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ بولدى، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىن كەلگەنلەر بار» دېدى نيۇ مۇ.

شامال شىڭشىڭشيادىن ئۆتۈپ، يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى ئېلىپ كەلدى. ئىلگىرىكى «بوران تاشلارنى ئۇچۇرىدىغان» خەتەرلىك جاي بۈگۈنكى كۈندە ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، دۆلەت يولى 312 - لىنىيەسى بىلەن لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ كېسىشىش تۈگۈنىگە ئايلاندى، تاشيولنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئاپتوموبىل ئېقىمى 3000دىن ئارتۇق بولۇپ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە 10 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىمدىن ئاشىدۇ.

باھار بايرىمى مەزگىلىدە، G30 ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىڭشىڭشيا - قومۇل بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئىش ئورنىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەيتتى، ئاسفالت ياتقۇزۇش ماشىنىلىرى، يول چىڭداش ماشىنىلىرى چۆللۈكتە توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، قۇرۇلۇشچىلار ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەۋاتاتتى. تۈردە بېيدوۋ ئورۇن بەلگىلەش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېزىش تېخنىكىسى كىرگۈزۈلۈپ، ئادەم كۈچى ئىش تەرتىپىنىڭ دەرىجىسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش - تىزگىنلەشكە ئۆستۈرۈلدى. تۈر كۆرگەزمە زالىدا، AI ماشىنا ئادەم ساياھەتچىلەرگە رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرۈۋاتاتتى.

«ئىلگىرى يول ياساش توپا قېزىش، ئاسفالت ياتقۇزۇشلا ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە بۇنچە كۆپ يۇقىرى پەن - تېخنىكىنىڭ قوللىنىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن» دېدى قومۇل شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ جيەنخۇا ھاياجانلانغان ھالدا.

«بۇ جاينىڭ ياز پەسلىدىكى يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى 70 - 80 سېلسىيە گىرادۇس، قىش پەسلىدىكى تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە سېلسىيە گىرادۇس، يەنە قۇم - بوران كۈچلۈك، شۇڭا، قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.» جۇڭگو قاتناش - تىرانسپورت گۇرۇھى 2 - قاتناش ئىشلىرى ئىدارىسى G30 ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىڭشىڭشيا - قومۇل بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تۈرى 4 - توختام بۆلىكىنىڭ باش ئىنژېنېرى ۋاڭ چياڭ توڭلاپ قىزىرىپ كەتكەن قولىنى ئۇۋۇلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز يول يۈزىنىڭ قېلىنلىقىنى 18 سانتىمېتىردىن 24 سانتىمېتىرغا ئاشۇردۇق، خۇسۇسىيىتى ئۆزگەرتىلگەن ئاسفالتقا يېلىم پاراشوكى قوشۇش بىرىكمە ھۈنەر - سەنئىتىنى قوللىنىشىمىز بۇ يولنى ناچار ھاۋارايىنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىپ ياساپ، شىنجاڭغا كىرىدىغان - چىقىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ راۋان قاتنىشى ئۈچۈن».

شىڭشىڭشيا گۇڭئەن تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلار قار - شىۋىرغانغا قارىماي نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتاتتى، نۇرغۇنلىرىنىڭ يۈزلىرى ياكى قۇلاقلىرىدا ئۈششۈك يارىسى بار ئىدى. ئۇلار بىخەتەرلىكنى ياخشى تۇتۇپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە شىڭشىڭشيا بازىرىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، جىددىي قۇتقۇزۇش پونكىتىدىكى تېببىي خادىملار بىلەن بىرلىكتە قۇم - بورانلىق ۋە قار - شىۋىرغانلىق ھاۋارايىدا تاشيولدا توسۇلۇپ قالغان يولۇچىلارنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ھەر يىلى قىش، ئەتىياز مەزگىلى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى بولۇپ، بۇ يىللاردا قانچىلىغان كىشىگە ياردەم قىلغانلىقىنى ئۇلار ئۆزلىرىمۇ ئېنىق بىلمەيدۇ.

كەچقۇرۇن، شامال تەدرىجىي پەسەيدى، كەچكى شەپەق قەدىمىي يولدىكى قالدۇق قارلارغا ئالتۇن رەڭ بەرگەنىدى، مۇلازىمەت رايونىدا چىراغلار ياندى، توكلىغۇچ، يېمەك - ئىچمەك، ياتاق قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى. بازارلىق ھۆكۈمەت خىزمەت بىناسىنىڭ يان تەرىپىگە يېقىن جايدا، بۇلتۇر تۈر تۇرغۇزۇلغان ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلغۇچىلارنىڭ دالىدا قونۇش ئورنى پۈتكەنىدى؛ بىر مېھمانساراينى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تاماملانغان بولۇپ، باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا ئىچكى قىسمىنى بېزەش باشلىنىدۇ.

مۇلازىمەت رايونىدىكى يېمەك - ئىچمەك رايونىدا، يولۇچىلار لىق ئولتۇرغان بولۇپ، نۇرغۇن شوپۇرلار ۋە مۇلازىمەت خادىملىرىمۇ بۇ جايدا ئارام ئېلىۋاتاتتى. بىر چۆپ تائاملىرى ئاشخانىسى ئاچقان تىجارەتچى جاڭ بىن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كۈندە 200 - 300 كىشىنى كۈتۈۋالىمىز، باھار بايرىمىنىڭ ئالدى - كەينىدە كىشىلەر تېخىمۇ كۆپەيدى. كۆپچىلىكنى ئازادىلىك ئىچىدە تاماق يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالىساق، ھەرقانچە چارچىساقمۇ ئەرزىيدۇ».

شىڭشىڭشيا بازارلىق ھۆكۈمەت قورۇسىدا، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر تىككەن كۆچەتلەر قۇم - بوراندا تىك تۇراتتى، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بازارنىڭ كۆكەرتىش كۆلىمى 3000 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق كۆپەيگەنىدى. «زو زۇڭتاڭ ئەينى يىلى <يېڭىدىن 3000 چاقىرىم تال سۆگەت تىككەنىدى>، بۈگۈنكى كۈندە بىزمۇ چۆللۈكنى يېشىللىققا پۈركەيمىز». شىڭشىڭشيا بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سەي شىنجيې مۇنداق دېدى: يىرىك پىلان بويىچە، شىڭشىڭشيا بازىرى «بىر بازار، بىر دەرۋازا، بىر پورت، بىر كارىدور» قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ، بۇلتۇر بىر تۈركۈم يېڭى تۈرلەر تاماملاندى، بۇ يىل بىر تۈركۈم يېڭى تۈرلەردە داۋاملىق ئىش باشلىنىدۇ، «شىڭشىڭشيا قاتناش مۇلازىمىتى، مەدەنىيەت - ساياھەت، قىزىل تەربىيە بىر گەۋدىلەشكەن زامانىۋىلاشقان كىچىك بازار بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. بىز قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىپ، مىڭ يىللىق بۇ ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلىنى يېڭى دەۋردە جۇلالاندۇرۇپ يېڭى نۇر چاچقۇزىمىز».

قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى، شىڭشىڭشيادىكى تاغ جىلغىلىرى ئارىسىدا يەنىلا شامال چىقىپ تۇراتتى. يىراقتا، قۇرۇلۇش ئورنىدىكى چىراغ نۇرلىرى بىلەن مۇلازىمەت رايونىدىكى چىراغ نۇرلىرى بىر - بىرىگە ھۆسن قوشقانىدى، ئاپتوموبىللار ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، كىشىلەرنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى؛ يېقىن جايدا، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى روھى ناملىق ھەيكەل ئاي نۇرىدا جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ، بۇ تۇپراقنى قوغداپ تۇراتتى. شىڭشىڭشيا ئىلگىرىكى تەسىرلىك تارىخنى بايان قىلماقتا، شۇنداقلا ھازىرقى گۈللىنىش، چىڭ تۇرۇش ۋە ئۈمىدنى پۈتمەكتە ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.