تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىشتە تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدۇق

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى جيانى

«ھەربىر تەكلىپكە ئەتراپلىق ھەم ئىنچىكە جاۋاب قايتۇرۇلدى.» 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى لەن ئۆز تەكلىپىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: تەكلىپىمگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇلۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى، تېخىمۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە تولدۇم.

بۇلتۇر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىدا، لى لەن «ئېبنۇر كۆلىنىڭ چۆللىشىشىنى تۈزەش ۋە بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى قوللاش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى سۇنۇپ، ناھايىتى تېزلا دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ جاۋاب قايتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

ئېبنۇر كۆلى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ تۇزلۇق كۆل بولۇپ، مول بايلىق ساقلانغان. «ئىنسانلار پائالىيىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئېبنۇر كۆلىنىڭ دائىرىسى ئىلگىرى زور دەرىجىدە تارىيىپ، بىرمەھەل شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ قۇم - بوران مەنبەسى بولۇپ قالغان» دېدى لى لەن.

مۇھىم ئېكولوگىيەلىك توسۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېبنۇر كۆلىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش چۆللىشىشنى تۈزەش ۋە بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، لى لەن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: ئالاقىدار رايونلار ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قوغدىلىدىغان رايون فۇنكسىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، خاس بايلىقنى ئىلمىي، تەرتىپلىك ئېچىش، مەركەز مالىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللاش تۈرىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ سىستېمىلىق كۈچەپ، رايون ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك.

دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى جاۋابىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەت شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 2020 - يىلى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى بىرلىكتە بېسىپ تارقاتقان «مەملىكەت بويىچە مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلىرى ئومۇمىي يىرىك پىلانى(2021 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە)» ھەم ئالاقىدار مەخسۇس تۈر يىرىك پىلانىدا، شىنجاڭ ئېبنۇر كۆلى قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە رايونلىرى يىرىك پىلان دائىرىسىگە بىرتۇتاش پىلانلاپ كىرگۈزۈلۈپ، سىستېمىلىق تۈزەشتىكى ئاساسلىق پىكىر يولى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ۋە نۇقتىلىق تەدبىرلەر تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «14 - بەش يىل»دىن بۇيان، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىدىن 5 مىليارد 928 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش نۇقتىلىق تۈرلىرىنى باشلىشى ۋە يولغا قويۇشىنى قوللىدى...

«كۆل يۈزىدە زۇمرەتتەك دولقۇنلار مەۋج ئۇرۇپ تۇرىدۇ، كۆل بويىدا ياپيېشىل قومۇشلار يەلپۈنۈپ تۇرىدۇ، قۇشلار ئوزۇق ئىزدەپ ئوينىشىپ يۈرىدۇ، بۇ، بۈگۈنكى ئېبنۇر كۆلىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى.» لى لەن مۇنداق بىلدۈردى: تېخىمۇ كۆپ سىياسەت، مەبلەغ ۋە تۈر مەدىتىدە، ئىبنۇر كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشتا ۋە يېشىل تەرەققىياتتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى جاۋابىدا يەنە مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق قوللاپ، «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى زورايتىپ، يەرلىكتىكى ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق مەسئۇل تارماقلىرىغا پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ساھەسىدىكى كەسپىي تېخنىكا ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەبىئىي بايلىق قاتارلىق تارماقلارغا پائال ماسلىشىپ، تاغ، دەريا قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.