تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

سەمىمىي تاپشۇرۇق، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا قىلغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى سەھىپە پۈتۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

جۇڭگو زېمىنىدا باھار دولقۇنى مەۋج ئۇردى. «ئىككى يىغىن ۋاقتى» باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئالغا سىلجىتىش ئورتاق كېڭىشىلىپ، يەنە يېڭى دەۋر شانلىق سەھىپىسى پۈتۈلىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ 60 نەچچە قېتىم مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئۆمەك، گۇرۇپپىلىرىنىڭ قاراپ چىقىشى، مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى پىلانلىدى، ئىسلاھات ئۈستىدە توختالدى، خەلق تۇرمۇشىنى ئىگىلىدى، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈردى. قەلبكە چوڭقۇر پۈكۈش، سەمىمىي تاپشۇرۇق يۈز مىليونلىغان خەلقنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى.

بۈگۈنكى جۇڭگو غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، كۈنسېرى يېڭىلانماقتا. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر، ئەزالار مۇخبىرلارغا ئۆزلىرىنىڭ سېخ، زاۋۇت ئۆيلىرى، ئېتىز باشلىرى، پەن تەتقىقات بىرىنچى سېپى، مەھەللە كوچىلاردا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلدى. بۇ سۆزلەردىن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گۈزەل يېڭى سەھىپىسى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى − بۇ جايدا توختىماي ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان تەرەققىيات دولقۇنى بار، بارغانسېرى ئۇرغۇپ تۇرۇۋاتقان يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى بار، كونا قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىرگەن كىچىك يېزا - كەنتلەر بار، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئورتاق يارىتىدىغان ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇش بار.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىنى نىشانلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش

جياڭسۇ شۈجوۋدىكى شۈگۇڭ گۇرۇھىنىڭ يول باشلاش دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇتى. مىڭ تونناژلىق كىران ئېلاستىكلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، رەقەملىك قوش سىستېمىدا سانلىق مەلۇماتلار توختىماي يېڭىلىنىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنىڭ يېپيېڭى مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

«ئىلگىرى مىڭ تونناژلىق بىر كىرانغا زاكاز چۈشۈپ خېرىدارغا تاپشۇرۇپ بەرگۈچە تەخمىنەن 340 كۈن كېتەتتى؛ بۈگۈنكى كۈندە، بۇ دەۋرىيلىنىش ۋاقتى تەخمىنەن 120 كۈنگە قىسقاردى» دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شۈگۇڭ گۇرۇھى قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى شەن زېڭخەي.

بۇ يىللاردا، شەن زېڭخەي باشتىن - ئاخىر ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قويدى. 2023 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بولمىسا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ» دېگەنلىكى ئۇنىڭ ئېنىق ئېسىدە.

سەمىمىي تاپشۇرۇق قەلبتە چىڭ ساقلاندى. شەن زېڭخەي مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنيا بويىچە قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۈگۇڭ گۇرۇھى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىنى نىشانلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش بويىچە تىپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار يېڭى بۆسۈش، يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى».

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە.

«يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش»تىن «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش»قىچە، «ئەمەلىي ئىقتىسادتىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى چىڭ ساقلاش»تىن «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش»قىچە... ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن بولغان ھەر قېتىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش داۋامىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قاراپ قەتئىي قەدەم تاشلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىرىشىپ يېڭى بولۇشقا، يۇقىرى پەللىگە قاراپ يۈكسەلگەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى ۋە تەرەققىيات سۈپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى −

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۇنياۋىلىشىشقا قارشى سوغۇق ئېقىمنىڭ ئەۋج ئېلىشى، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشى ئالدىدا، جۇڭگو ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۇدا 110 تىرىليون يۈەن، 120 تىرىليون يۈەن، 130 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ھالقىپ ئۆتتى، 2025 - يىلى 140 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، باشتىن - ئاخىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم، ئىشەنچلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى بولدى.

پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ شەھەر ۋە رايون ئىقتىسادىنىڭ «يۇقىرى چېكى» سىجىل يېڭىلاندى: شەندۇڭ «10 تىرىليون يۈەنلىك ئۆلكە» قاتارىغا كىردى، بېيجىڭ «5 تىرىليون يۈەنلىك شەھەر» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى، ۋېنجوۋ، داليەن «تىرىليون يۈەنلىك شەھەر»لەرنىڭ يېڭى ئەزاسىغا ئايلاندى...

يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىچكى تەلەپ ۋە مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى.

«نېپىز، ئەمما چىداملىق!»

ئەنگاڭ گۇرۇھى بېنشى پولات تاختا ماتېرىياللىرىنى سوغۇق پىروكاتلاش باش زاۋۇتى 3 - سوغۇق پىروكاتلاش زاۋۇتىدا، ئىشچى ئۇستام بىر پارچە پولات تاختا ئەۋرىشكىسىنى كۆتۈرۈپ پەخىرلەنگەن ھالدا شۇنداق دېدى. ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش بۇ كارخانىنىڭ يۇقىرى زىچلىقتىكى پولات ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇقىملىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، كىملىك قېلىنلىقىدىكى بىر پارچە نېپىز پولات ماتېرىيال 480 توننا ئېغىرلىقنى كۆتۈرەلەيدۇ، بۇ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل گەۋدىسىنى يېنىكلەشتۈرۈشتىكى يادرولۇق ماتېرىيال.

«يېقىنقى ئىككى يىلدىكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، <شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش>نى تەكىتلەپ، <يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە سەل قاراش ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش دېگەنلىك ئەمەس> دەپ تاپىلاپ، بىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىزنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئەنگاڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى تەن چېڭشۈ شۇنداق بىلدۈردى.

ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكشۈرۈشتە بولغان بېنشى پولات تاختا ماتېرىياللىرىنى سوغۇق پىروكاتلاش باش زاۋۇتى 3 - سوغۇق پىروكاتلاش زاۋۇتىنىڭ مەركەزلىك كونترول قىلىش مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى %65 يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، مەھسۇلات مىقدارى %25 ئاشقان. 120 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە پولات - تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان كونا كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بېنشى پولات تاختا ماتېرىياللىرىنى سوغۇق پىروكاتلاش باش زاۋۇتىنىڭ «يېڭىلىنىش» يولى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭمۇ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

نۇقتىلىق سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئىش تەرتىپىدە رەقەملىك كونترول قىلىش نىسبىتى ئۆرلەپ %68.5كە يەتتى، دۆلەت ئىچىدە يېڭى ئاپتوموبىل سېتىش مىقدارىدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تۇنجى قېتىم يېرىمىدىن ئاشتى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يادرولۇق كەسپىنىڭ كۆلىمى تىرىليون يۈەندىن ئاشتى... ئەنئەنىۋى كەسىپلەر «يېڭىلىنىش»نى تېزلەتتى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر «باشلامچى بولۇش» سۈرئىتىنى تېزلەتتى، كەلگۈسى كەسىپلەر كۈچەپ «يىلتىز تارتتى»، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدىن ئىبارەت بۇ كۆككە تاقاشقان چوڭ دەرەخ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە كۈچ قوشتى.

ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەر ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئات يىلىدىكى باھار بايرىمىدىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنىدە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يىغىنى ئېچىلدى، باش تېمىسى دىققەتنى ياسىمىچىلىق بىلەن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈردى. بۇ، گۇاڭدۇڭنىڭ ئۇدا 4 - يىلى «باھار بايرىمىدىن كېيىنكى تۇنجى يىغىن»دا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى نىشانلىشى بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

بۇلتۇرقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: «14 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات نىشانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەر ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى ھەم ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىشتا جەزمەن ياخشى ئىگىلەشكە تېگىشلىك كۈچەش نۇقتىسىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بەردى.

مەسئۇلىيەتنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ دادىل زىممىگە ئېلىش ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىش دېگەنلىكتۇر.

گۇاڭدۇڭ ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئۇدا 37 يىل مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا مۇقىم تۇردى، جياڭسۇنىڭ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى... يېقىندا ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەر بەس - بەستە بۇلتۇرقى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، ماختاشقا ئەرزىيدىغان «نەتىجە تىزىملىكى»نى ئېلان قىلدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كارخانا مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جاڭ ليەنچى مۇنداق بىلدۈردى: رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئالدىنقى ئون ئورۇندا تۇرىدىغان ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىدا %60تىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى، ئۇ، پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان «تۇراقلاشتۇرغۇچ»، ئۇلارنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىگە مۇناسىۋەتلىك. بۇ يىل «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل، ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەر ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئىشنى باشلاپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ، بىر قاتار نىشانلار ئارقىلىق قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىش، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشنى نامايان قىلدى، پۈتۈن مەملىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىشتە ئەھمىيىتى زور بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش پۇختا ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىش مەسئۇلىيىتى»نى زىممىسىگە ئالىدۇ، «ئىش باشلاش كۈچى»نى توپلايدۇ.

يېڭىلىق يارىتىشتىكى «ئادەمسىز رايون»غا باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ كىرىپ، يېڭىلىق يارىتىش «سۈرئىتىنى تېزلەتتى»

باش باھاردا، جۇڭگو ئېلېكتىر جابدۇقلىرى گۇرۇھىنىڭ پەن تەتقىقات بازىسىغا كىرگەندە، غايەت زور تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرى، نازۇك ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنىڭ بىر كۈچلۈك سانائەت دۇنياسىنى ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

قارىماققا ئاددىي كۆرۈنىدىغان بىر پارچە قاتتىق قەغەز تاختىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو ئېلېكتىر جابدۇقلىرى گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ فەن ئىپتىخارلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تىرانسفورموتورنىڭ ئاچقۇچلۇق ماتېرىيالى بولغان ئىزولياتسىيەلىك قەغەز تاختا. ئۇزاقتىن بۇيان ئۇنىڭ خام ماتېرىيالىنى چەت ئەلدىكى ماگناتلار مونوپول قىلىۋالغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە بىز AI (سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار) ئارقىلىق قەغەز بوتقىسىنىڭ تەڭشىلىش نىسبىتىنى ھېسابلاپ چىقىپ، <گالنى بوغىدىغان> قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز».

«يېڭىلىق يارىتىشتىكى <ئادەمسىز رايون>غا باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ كىرىپ، يېڭىلىق يارىتىش <سۈرئىتى تېزلىتىلدى>.» جاڭ فەن بۇنىڭغا قارىتا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە: «دەل <سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار + ياسىمىچىلىق> يېتىلدۈرگەن كۈچلۈك قۇۋۋەت ياسىمىچىلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى ۋە ئىقتىسادىي ھالىتىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان، دۇنياۋى ئەندىزىنى قايتا يارىتىدىغان ئاچقۇچلۇق ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا ئايلاندى».

يېڭىلىق يارىتىش باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا قايتا - قايتا تىلغا ئالغان «ئاچقۇچلۇق سۆز».

ئۇدا بەش يىل شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىشتىن ئىككى قېتىم پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەزالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىشكىچە؛ گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىشتىن چۇڭچىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىشقىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا بولغان تەلىپىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ، «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش دۆلەت سىياسىتى» «تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

جېجياڭ خاڭجوۋدا، «ئالتە كىچىك لۇڭ» ۋەكىللىكىدىكى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرىنىڭ نەتىجىلىرى ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى؛ بېيجىڭ يىجۇاڭدىكى دۆلەت ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش - يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلەر باغچىسىدا، ھېسابلاش ئىقتىدارى مەيدانى، سانلىق مەلۇمات سودا شەھەرچىسى، مودېل تاللا بازىرى قاتارلىق جايلاردا يۇقىرى پەن - تېخنىكا ئېلېمېنتلىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ؛ ئەنخۇي خېفېيدا، كىۋانت ئۇچۇرى، يىغىلىش ئېنېرگىيەسى، ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى پۈتۈن شەھەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېنېرگىيە دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈردى...

يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىلارنى نىشانلاپ، بارغانسېرى كۆپ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بەس - بەستە بارلىققا كەلدى، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ ئەمەلىي قوللىنىش ئۈزلۈكسىز تېزلەشتى، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش يېڭى مەنزىرىسى تەدرىجىي نامايان بولدى.

ئىختىساسلىقلار يېڭىلىق يارىتىشتىكى باش رولچى.

يان تېلېفوننى يېنىك چەكسىڭىز، قان بېسىمى، قان شېكىرى، ئوخشاش تىپلىق سىستېيىننىڭ سانلىق مەلۇمات ئەگرى سىزىقى ئېكراندا ئېنىق كۆرۈنىدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، غەربىي شىمال داشۆسى ھاياتلىق ئىلمى ۋە تېببىي بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى سۈي يالى تەتقىقات كوللېكتىپىنى باشلاپ، يۇقىرى قان بېسىمى، قان شېكىرى يۇقىرى بولۇش، قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇش، ئوخشاش تىپلىق سىستېيىن يۇقىرى بولۇش قاتارلىق تەكشۈرۈش - ئۆلچەش قىممىتىنى بىر گەۋدىلەشكەن ساغلاملىق باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، «ئامما ساغلاملىق باشقۇرۇش» كىچىك پىروگراممىسىنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى.

«تەتقىق قىلىپ ئېچىش جەريانى يەنە كۈندىلىك ئوقۇتۇشنى ئەمەلىيەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانى. مەن ئاسپىرانتلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېببىي ئىلىم قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار بىلىملەرنى دۆلەتنىڭ سوزۇلما كېسەللىكلەرنى باشقۇرۇشتىكى داۋالاش - ئالدىنى ئېلىش يۇغۇرما ئېھتىياجى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق پەن تەرەققىياتى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە تۈرتكە بولۇش، رەقەملىك ساغلاملىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا سىڭىشىشكە يېتەكلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىمەن» دېدى سۈي يالى.

بۇلتۇرقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالار بىلەن مائارىپ ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى، سۈي يالى مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭغا دوكلات بەردى. بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، باش شۇجى: «ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجى بىلەن ئۇيغۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى، سۈي يالى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چوڭقۇر ئىلھاملاندى.

ئۇ ئالىي مەكتەپلەرگە يۈزلىنىپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار + تېببىي پەن مائارىپى»نى چۆرىدەپ، يېڭى تېببىي پەن قۇرۇلۇشى يولىنى يېشىپ چۈشەندۈردى؛ شۇنداقلا دىققەتنى بىرىنچى سەپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات ھەمكارلىقى ئارقىلىق، يۈننەن ئىقتىساد - سودا تاشقى ئىشلار كەسپىي شۆيۈەنىنىڭ «داۋالاش - ياشانغاندا كۈتۈنۈش - ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە پەرۋىش قىلىش» كەسپىي تولۇق كۇرسىنى ئىلتىماس قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى بىلىدىغان، پەرۋىش قىلىشنى بىلىدىغان كۆپكە ماھىر ئىختىساسلىقلارنى تېخىمۇ كۆپ يېتىشتۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

ھازىرقى دەۋردە، پەن - تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، مائارىپ بۇ ئۈچىنى تۇتاشتۇرىدىغان ۋاسىتە ۋە يول بولۇپ قالدى.

مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى ۋە بىر - بىرىنى ئايلانما ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈزلۈكسىز تېزلەشتى: كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپ رايونلىرىدا تېخنىكىنى يۆتكەپ ئايلاندۇرۇش مەركىزى تەسىس قىلىندى، بۇ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە تېز ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى؛ دۆلەتنىڭ نەچچە ئون ئالاھىدە ئىنژېنېرلار شۆيۈەنى كەسىپ بىرىنچى سېپىگە زىچ يېقىنلىشىپ، مەكتەپ بىلەن كارخانا بىرلىشىپ تەربىيەلەشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈردى... مائارىپنىڭ پەن - تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارغا بولغان تىرەكلىك رولى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇلدى.

يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش مەدەنىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچى، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسى.

ساياھەتچىلەر بېشىغا VR (مەۋھۇم رېئاللىق) ئېكرانىنى تاقاپ، خۇددى لۇڭمېن تاش غارىنى قېزىش نەق مەيدانىدا تۇرغاندەك، مىڭ يىللىق مەدەنىيەت گۆھىرىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىگە «گۇۋاھ» بولدى؛ 4D ھەرىكەتچان بۆلۈمچىسىدە ئولتۇرۇپ، بىر سېكۇنتتا زامان ھالقىپ مىڭ يىل ئىلگىرىكى سۈي، تاڭ سۇلالىلىرىگە بېرىپ، كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاجايىپ ئېكسپېدىتسىيەنى باشلىدى... بۇ يىلقى باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پەن - تېخنىكىنىڭ تۈرتكىسىدە، قەدىمىي پايتەخت لوياڭ ساياھەتچىلەر جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىدىغان ئالقىشلىق جايغا ئايلاندى.

«پەن - تېخنىكا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى جانلاندۇرۇپ، ياشلارنىڭ قەلبىگە تېخىمۇ سىڭدۈردى.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، لوياڭ سەنسەي سەنئەت مۇزېيىنىڭ باشلىقى گو ئەيخې مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان <مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش> لوياڭنىڭ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئۈستىدە دادىل ئىزدىنىشى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشىنى مۇھىم مېتودولوگىيە بىلەن تەمىنلىدى. بىر يىلدىن بۇيان، لوياڭ پەن - تېخنىكا ئارقىلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا كۈچ قوشۇش جەھەتتە نۇرغۇن ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ، يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق كونا ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا كەڭ بوشلۇق ئاچتى».

بۈگۈنكى كۈندە، لويى قەدىمىي شەھىرىدىكى خەنفۇ كىيىپ زامان ھالقىشتىن تاڭگۇڭ لېيەندىكى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىشقىچە، يەنە قەدىمىي قەبرىستانلىقتىكى ئاجايىپ مەنزىرىنى كېچىدە ھېس قىلىش سەپىرىگىچە، لوياڭ «قەدىمىي پايتەختنىڭ يېڭى جەزبدارلىقى» ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش شەكلىنى قايتا يارىتىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىجادىي ئىپادىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

لوياڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى!

جۇڭگونىڭ كىلاسسىك رىۋايىتىنى خام ماتېرىيال قىلغان «نېجا − ئالۋاستى بالىنىڭ دېڭىزنى مالىمان قىلىشى» ناملىق كىنو جۇڭگو كىنو تارىخىدىكى بېلەت كىرىمى تىزىملىكى، دۇنيا كارتون كىنو بېلەت كىرىمى تىزىملىكىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئۆتۈپ، يېمەك - ئىچمەك ساھەسىدە بىرلەشمە يۈرۈشلۈك تاماقلارنىڭ بازار تېپىشى، كارتون قورچاق تەلەي قۇتىسى قاتارلىق مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار تېپىشىغا تۈرتكە بولدى؛ «كەنتلەر ئالاھىدە پۇتبول مۇسابىقىسى» «كەنتلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى» سىجىل جانلىنىپ، «مەدەنىيەت + يېزا - كەنت» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يانچۇقىنى تومپايتىش، كاللىسىنى بېيىتىشقا تۈرتكە بولدى؛ رەقەملىك كۆرگەزمە پىلانلىغۇچى، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش تىپىدىكى ساياھەت يېتەكچىسى قاتارلىق كەسىپلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش يېڭى بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى...

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنىپ، قەدىمىي جۇڭخۇا مىللىتى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە كەلگۈسىگە ئاتلاندى.

كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى

ناھىيە بازىرىدا ئۆزگىچە كاۋاپ دۇكىنى ئېچىش، مەھەللىنىڭ تەربىيەلىشى ئارقىلىق كىرانلىق قاچىلاش - چۈشۈرۈش ماشىنا مەشغۇلاتچىسى گۇۋاھنامىسى ئېلىش... تىك ياردىكى جاپالىق كۈنلەر بىلەن خوشلىشىپ، سىچۇەننىڭ لياڭشەن ئوبلاستى جاۋجۆ ناھىيە بازىرىغا كېلىپ ماكانلاشقان تىك يار كەنتىدىكىلەر تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتى.

2017 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاراتقۇلار خەۋەر قىلغان تىك يار كەنتىدىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش ھالىتىنى كۆرۈپ ناھايىتى ئەندىشە قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقىنى؛ 2022 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجىنىڭ كەنتتىكى «چىۋىق شوتا»نىڭ «پولات شوتا»غا ئۆزگەرگەنلىكى توغرىسىدىكى سېلىشتۇرما سۈرەتنى كۆرگەندە مەمنۇن بولۇپ كۈلۈمسىرىگەنلىكىنى كەنت ئاھالىلىرى ئۇنتۇيالمايدۇ.

«تىك يار كەنتىنىڭ بىر قەدەم بىلەن مىڭ يىلنى ھالقىشى ھەقىقەتەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، مەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا كەنتنىڭ جىلغا ئېكسپېدىتسىيە لاگېرى، كەنت خۇشاللىقىنى ھېس قىلىش لاگېرى قاتارلىق تۈرلەرنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋېتىپتۇ، باش شۇجى ئەمدى كۆپچىلىكتىن <ئەندىشە> قىلمايدىغان بولدى!» دېدى لياڭشەن ئوبلاستىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جىليې زىرى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشتىن يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشقىچە، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن بىرلىكتە بېيىش تەدبىرلىرىنى ئورتاق پىلانلىغانلىقى توغرىسىدىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈش كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمىدى، كادىرلار، ئاممىنى ئەمەلىي ئىشلەش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈزلۈكسىز رىغبەتلەندۈرمەكتە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان خۇنەن شياڭشى شىبادۇڭ كەنتىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن ياش جېجياڭ، شاڭخەيدىن كەنتكە قايتىپ كېلىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، تاغ ئىچكىرىسىدىكى مياۋزۇلار كەنتىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

باش شۇجى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەن چىڭخەينىڭ خەيدۇڭ شەھىرى خۇجۇ ناھىيەسى بەنيەن كەنتى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تۇزۇ مىللىتىنىڭ پەنشيۇ كەشتىچىلىكى، يېشىل يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئىككى يىغىندا باش شۇجىغا دوكلات قىلغان چاغدىكىدىن يەنە نەچچە مىڭ يۈەن كۆپەيدى.

باش شۇجى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغان شەندۇڭنىڭ خېزې شەھىرى ساۋشيەن ناھىيەسى ۋۇلىدۇن كەنتى بۈگۈنكى كۈندە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ «كۈچلۈك موتور»لۇق رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ «تېز سۈرئەتلىك يول»غا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى...

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا دىققەت قىلىنغان مۇھىم نۇقتا يىغىن سىرتىدا دەل پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سىياسەت جەھەتتە كۈچەش نۇقتىسى بولدى. 100 مىليونغا يېقىن نامرات نوپۇس نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلىغان، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلغاندىن كېيىن، پارتىيە 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنى يېتەكلەپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان «پۈتكۈل خەلق ئورتاق بېيىشقا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلاش» نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.

خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق، پۇقرالارنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

چۈشلۈك تاماق ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغاندا، جياڭسۇنىڭ ليەنيۈنگاڭ شەھىرى خەيجوۋ رايونى خەيليەن مەھەللىسىدە، ياشانغانلار ئاشخانىسىنى تاماقلارنىڭ مەززىلىك ھىدى قاپلىدى، 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار بۇ يەردە تاماق يېسە %15 ئېتىبار قىلىنىدۇ؛ لەرزان ئەرخۇ ساداسى، جۇڭرۇەن ساداسى شەھەر بويىچە تۇنجى مەھەللە ياشانغانلار شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتۇش نۇقتىسىدىن تارالدى؛ «دوختۇرخانا بىلەن مەھەللە تەڭ ھەرىكەتكە كېلىش. ساغلاملىق ئۆتىڭى»دە، شەھەرگە قاراشلىق دوختۇرخانىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس كېسەل كۆرۈۋاتاتتى...

پات ئارىدا بېيجىڭغا بېرىپ يىغىنغا قاتنىشىدىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خەيليەن مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شياۋنا مەھەللىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى سەييارە تەكشۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت پىلانىنى تۈزۈۋاتاتتى. «پۇرسەت بولسا باش شۇجىغا مەھەللىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى يەنە دوكلات قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

بۇلتۇرقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، ۋەكىل لى شياۋنا بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەھەللىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى سەمىمىي سورىدى. ياشانغانلار ئاشخانىسىنى «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك»، ياشانغانلار ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدە «تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك»، «ياشانغانلارنى داۋالاش - كۈتۈش كەسپىنى ياخشى يېتىلدۈرۈش كېرەك»... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھەربىر تەلەپ دەل جايىدا بولدى.

«مەھەللىمىزدە 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ياشانغانلارنى كېيىنكى ئۆمرىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش مەھەللە خىزمىتىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش.» لى شياۋنا مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، باش شۇجى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، مەھەللىمىز يۇمشاق، قاتتىق ماتېرىيال سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈردى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى «كاپالەتكە ئىگە بولۇش»تىن «سۈپەتلىك بولۇش»قا قاراپ ئىلگىرىلىدى.

ئائىلە ئىشلىرى، دۆلەت ئىشلىرى، جاھاننىڭ ئىشلىرىدا خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش.

«ئەخلەتلەرنى قەيەرگە توشۇيسىلەر»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى يىغىندىكى «سوئالى»غا بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ قالتىس جاۋاب بېرىلدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە شەھەرلەرنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى؛

«يۇقىرى سۈرئەتلىك يول سىلەرنىڭ ئۇ يەرگە تۇتاشتۇرۇلغاندۇ»، باش شۇجىنىڭ جياڭشىدىن كەلگەن شېزۇ مىللىتىدىن بولغان ۋەكىلدىن سورىغان سوئالىغا تېخىمۇ چوڭقۇر جاۋاب قايتۇرۇلدى: جياڭشىنىڭ شەرقىدىكى تاغلار ئارىسىغا يەتكۈزۈلۈپلا قالماي، 191 مىڭ كىلومېتىر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ھەرىكەتچان جۇڭگونى تۇتاشتۇردى؛

«20 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشى قايسىلار»، باش شۇجىنىڭ بىر كارخانىنىڭ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى: يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەتچىسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بويىچە مەشىقلەندۈرگۈچى قاتارلىق يېڭى ئىش ئورۇنلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى، سۇپا ئىقتىسادى، ھەمبەھرە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئەمگەكچىلەرنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ كۆپ خىل ئىشقا ئورۇنلىشىش تاللىشى بىلەن تەمىنلىدى...

خەلقنىڭ ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇش؛ خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشنى جەزمەن قىلىش.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا كۆڭۈل بۆلگەن «خەلق تۇرمۇشىدىكى كىچىك ئىش»لار سىجىل تۈردە ھەقىقىي يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى. پۇقرالارنىڭ چېھرىدىكى بەخت جىلۋىلەنگەن تەبەسسۇم ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىلىرىگە بېرىلگەن ئەڭ ياخشى ئىزاھات.

مۇھىت دېمەك خەلق تۇرمۇشى دېمەكتۇر، ياخشى ئېكولوگىيە - مۇھىت ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى ھېسابلىنىدۇ.

ئىلگىرى «ھالاكەت دېڭىزى» دەپ ئاتالغان كۆپچى قۇملۇقى بۈگۈنكى كۈندە ساياھەتچىلەرنىڭ كۈلكە سادالىرىغا تولدى؛ بىرمەھەل ئوزۇقلۇقلىنىشچان بۇلغىنىش كىرىزىسىگە دۇچ كەلگەن ئۇلانسۇخا كۆلى «چېگرا بوستانلىقىدىكى مەرۋايىت» سالاپىتىنى قايتا نامايان قىلدى...

«تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك، بۇ يەرگە <قۇم> دېگەن سۆزنى قوشۇش كېرەك.» 2021 - يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مۇھىم ھۆكۈم شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەنى تۈزەش خىزمىتىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ، يورۇقلۇق ۋولتتىن توك چىقىرىش، قۇملۇق ساياھەتچىلىكى قاتارلىق كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. «مۇشۇ يىللاردا، باش شۇجى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن سىستېمىلىق تۈزەش يولىنى بويلاپ، ئىچكى موڭغۇل يېشىللىقنى قوغلىشىپ ئىلگىرىلەپ، يېشىللىقنى توپلاپ بايلىق ھاسىل قىلىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى سىجىل تۈردە پۇقرالارنىڭ بېيىشىدىكى بايلىققا ئايلاندۇردى» دېدى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى لۇ چۈەنجۇڭ.

«مۇھىت دېمەك خەلق تۇرمۇشى دېمەكتۇر، يېشىل تاغ دېمەك گۈزەللىك دېمەكتۇر، كۆك ئاسمانمۇ بەخت دېمەكتۇر.» ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار ئاچقۇچلۇق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىشقا يېتەكلىدى.

دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداشتا تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى، قارىسىلا تاغنى كۆرەلەيدىغان، سۇنى كۆرەلەيدىغان، يۇرت سېغىنىشىنى ئەستە ساقلىيالايدىغان گۈزەل جۇڭگو پۇقرالار تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئاساسىي رېڭىگە ئايلانماقتا.

بىزنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش مەقسىتىمىز تېخىمۇ بىردەك بولدى

«ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئانا - بوۋاقلار ئۆيى تەسىس قىلىش، ئېلاستىك ئىش ۋاقتىنى يولغا قويۇش قاتارلىق تۇغۇت سۆيەر پاراۋانلىقىنى قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق قوللىشىنى چاقىرىق قىلىمىز» «ئاي يېشى بويىچە باسقۇچقا بۆلۈپ ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەتنى ياخشى ئىشلەش تەكلىپىنى بېرىمىز»...

«خەلقنىڭ شەھىرى» شاڭخەي، خۇڭچياۋ كوچىسى گۇبېي شەھەر ئاھالىلىرى مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدا قانۇن چىقىرىشقا پىكىر ئېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن «بوۋاقنىڭ دادىسى، بوۋاقنىڭ ئاپىسى»غىچە، كۆپچىلىك ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلىدى، كەيپىيات ئادەتتىن تاشقىرى قىزغىن بولدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ چاڭنىڭ رايونى خۇڭچياۋ كوچىسى گۇبېي رۇڭخۇا 4 - ئاھالىلەر رايونى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شېڭ خۇڭ باش چۆكۈرۈپ تېز خاتىرە قالدۇردى، خاتىرە دەپتىرىنىڭ بىرنەچچە بېتى لىققىدە توشۇپ كەتتى. «بۇنداق پىكىر ئېلىش يىغىنى بۇ يەردە دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى. بىز كۆپچىلىكنىڭ پىكىرلىرىنى توپلاپ، ئادەتتە تاپشۇرۇۋالغان ئاساسىي قاتلام ساداسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە خەلق ئارزۇسىنى مۇجەسسەملەيمىز» دېدى ئۇ.

خۇڭچياۋ كوچىسى جۇڭگوچە دېموكراتىيەنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش پۇختا قەدىمىگە گۇۋاھ بولدى.

خۇڭچياۋ كوچىسىدىن كەلگەن 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جۇ گوپىڭ 2014 - يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭغا سۆزلەپ بەردى؛ بەش يىلدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇڭچياۋ كوچىسىغا كېلىپ، قانۇن چىقىرىش توغرىسىدا پىكىر ئېلىشقا قاتنىشىۋاتقان مەھەللە ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، «خەلق دېموكراتىيەسى بىر خىل پۈتۈن جەريانلىق دېموكراتىيە» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى... دېموكراتىيە نۇرى مۇجەسسەملەنگەن بۇ ھېكايىلەر مەھەللىدىكى ھەممە ئادەمگە تونۇش.

شېڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: بىز ئۆز تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە جۇڭگونىڭ دېموكراتىيە ھېكايىسىنى داۋاملىق پۈتىمىز.

«قانۇن چىقىرىش راۋان يولى»دىن توردىكى «كېڭىشىش توپى»غىچە، شەھەر - يېزا مەھەللىلىرىنى دېموكراتىك باشقۇرۇش ئارقىلىق ئاممىنى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئىشلار ۋە ئاممىۋى مەنپەئەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا تولۇق قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىدە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، پۇقرالارنىڭ يۈرەك ساداسىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىدا نامايان قىلىشقىچە... ھەربىر جانلىق ئەمەلىيەت پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا.

كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، كۆپنىڭ كۈچىنى توپلاش. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا پۈتۈن جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئۇلۇغ ئىشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

بۇ قىشلىق تەتىلدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ خۇلۇنبېر شەھىرى خەيلائېر 2 - ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خۇ خەيجۈەن ئوقۇغۇچىلارغا بىر تۈرلۈك ئالاھىدە تەتىللىك تاپشۇرۇق − ئۆز ئەتراپىدىكى ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى كۆزىتىپ، ماقالە شەكلىدە خاتىرىلەشنى ئورۇنلاشتۇردى.

«بالىلار جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ دەرسلىكتىكى ئابستراكت ئۇقۇم بولماستىن، بەلكى تۇرمۇشتىكى ھېس قىلالايدىغان، بىلەلەيدىغان كىچىك تەپسىلات ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ» دېدى خۇ خەيجۈەن.

2022 - يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن، ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش نەق مەيدانى.

شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئانارنى دەرسخانىدا پوستىدىن ئايرىپ، بالىلارغا «ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك» دېگەن داۋلىنى ھېس قىلدۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ «ناھايىتى جانلىق ۋە ئوبرازلىق بوپتۇ» دەپ ماختىدى. قاراپ چىقىش نەق مەيدانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى − «ھەم كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان خىزمەتلەرنى ئىشلەش، ھەم كۆپلىگەن <ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان> ئىشلارنى قىلىش كېرەك».

ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كارىدورىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر ئېسىل سۆزلەر، ھېكايىلەر يېزىلغان تام گېزىتلىرى چاپلانغانىدى، ئوقۇغۇچىلار ئىدىيەۋى - سىياسىي ئۇيۇشمىسى تەشكىللەپ قۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى توپلىمى تۈزۈشنى قانات يايدۇردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى باش تېمىسىدىكى مىكرو تىياتىرلارنى رېپېتىتسىيە قىلدى... مائارىپنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتقان 30 نەچچە يىلدا، خۇ خەيجۈەن يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىكى كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش دەرسخانىدىلا ئەمەس، يەنە دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگىچە كېڭەيتىلدى؛ بىلىم سۆزلەش ئارقىلىقلا ئەمەس، يەنە مەكتەپ مۇھىتى ئارقىلىقمۇ ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسەتتى».

شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، كۆپچىلىككە «قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، شىزاڭچە خاسلىققا ئىگە تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك» دەپ تاپىلىدى؛ خېيلۇڭجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە «ئادەم سانى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەرمۇ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىشى كېرەك، بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ» دەپ تەكىتلىدى؛ سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئەزالىرىنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى...

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۆتۈرەڭگۈ روھىغا ئىلھام بەرمەكتە −

شاپتۇللۇقلار تۇتاش كەتكەن بولۇپ، شىزاڭ لىنجىنىڭ گالا كەنتى «شاپتۇل چېچىكى بايرىمى»غا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتاتتى، ئۆزگىچە ئېكولوگىيە «ھۆسنى» ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي ئىقتىسادىي مەھسۇلات قىممىتىگە ئايلاندۇرۇلدى؛ ئۇسسۇرى دەرياسى بويىدا، بېلىق تېرىسى قول ھۈنەرۋەنچىلىكى خېجې مىللىتىنىڭ بەختلىك، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش «يېڭى كېمىچى ناخشىسى»نى ياڭرىتىشىغا كۈچ قوشتى؛ قارلىق ئېگىزلىكتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ماڭغاندا، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدا، غەربىي جەنۇب چېگرا رايونىدا «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ، بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن لوزۇنكىلارنى ھەممىلا جايدا كۆرگىلى بولىدۇ... 56 مىللەت ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ بىر مەقسەتتە بولدى.

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.

«ئىلگىرىكى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى زورلۇق - زومبۇلۇق قىلاتتى، يەنە كەنتنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ ئۆي سېتىۋالغانىدى.» جياڭشى ئۆلكىسى جىئەن شەھىرى جىشۇي ناھىيەسىدە شاڭشيەن يېزىسى لۇبيەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى خۇاڭ xx تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامما خۇشال بولۇپ ئالقىشلىدى.

2025 - يىلى، جىشۇي ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رىۋېزىيە ئورگىنى جەمئىي 568 ئادەمگە دېلو تۇرغۇزۇپ، 16 ئادەمگە قالدۇرۇپ قېلىش تەدبىرى قوللىنىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ بىر تۈركۈم دېلولارنى قاتتىق تەكشۈردى.

بۇ جايدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىڭگاڭشەن شەھىرى ماۋپىڭ بازىرى شېنشەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى زو شياڭيۈن چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «2015 - يىلىلا باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا <پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ> <پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدا يۈزبەرگەن ناچار قىلمىشلارنى زور كۈچ بىلەن تۈزەش كېرەك> دەپ كۆرسەتكەنىدى. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، بىز ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشتە چىڭ تۇردۇق، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما كەيپىياتنىڭ يېڭىلانغانلىقىنى ھېس قىلدى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار گەپ قىلسا، پۇقرالار تېخىمۇ ئىشىنىدىغان، ئاڭلاشنى تېخىمۇ خالايدىغان بولدى، بىزنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش مەقسىتىمىز تېخىمۇ بىردەك بولدى!»

جياڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىدە «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى؛ لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە شەكىللەندۈرۈش توغرىسىدا توختالدى؛ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، كۆمۈرگە چېتىشلىق چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ توختاتماي، قەتئىي تەۋرەنمەي چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى ...

دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش شەرت، پارتىيە گۈللەنگەندىلا دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرغىلى بولىدۇ. خەلقنىڭ سارىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا - قايتا جاراڭلىق قەسەم بېرىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيە ھالقىمۇھالقا تۇتاشتۇرۇلدى، قەدەممۇقەدەم چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى؛ ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى قىلچە توختىتىپ قويماي، ئۆزلۈك ئىنقىلابى «بىرىكمە تەدبىر»لىرى ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن توسالغۇلار تۈگىتىلدى، كاپالەتلىك قىلىندى؛ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» چىڭ تۇتۇلۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكى، ئىدارە قىلىش ئەۋزەللىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئۈزلۈكسىز ئايلاندۇرۇلدى...

ئىستىلنى تۇتۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى − پەقەت بارلىق خەلق بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، دادىل كۈرەش قىلغاندىلا، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولغاندىلا، ئاندىن يېڭى تېخىمۇ زور غەلىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

باھار كېلىپ دولقۇن مەۋج ئۇردى، بارلىق شەيئىلەر بەس - بەستە ھاياتىي كۈچكە تولدى؛ جەڭ دۇمبىقى چېلىنىپ، سەپەرگە ئاتلىنىشقا ئۈندىدى، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ.

دەۋر دولقۇنىنىڭ تۈرتكىسىدە، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلىمەكتە، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

(مۇخبىرلار شى يۈسېن، ۋاڭ شى، گاۋ لېي، ۋاڭ پېڭ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.