تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلەپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش

− پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى باشلاشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيۇڭ فېڭ

«ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىش كېرەك.»

«15 - بەش يىل»نى باشلايدىغان، قەدەم تاشلايدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاقىرىق قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى پۈتۈن پارتىيەدە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى. ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ «بىرىنچى باشلىق»لار مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ، 2026 - يىللىق باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن كېيىن باشلىنىپ، 7 - ئاينىڭ ئاخىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلىشىدۇ.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى باشلاپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشقا يېتەكلىدى.

يول باشلاپ يۆنىلىش بەلگىلەش −

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن توغرا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى

بېيجىڭ كىتاب سارىيىنىڭ 1 - قەۋەت زالىدا، «شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ ئوقۇشقا جەلپ قىلدى.

بۇ كىتابقا يولداش شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى سىستېمىلىق كىرگۈزۈلگەن، مەزمۇنى يۈكسەك، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلاش، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئىگىلىشىنى نوپۇزلۇق دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى. نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، تېزلىكتە ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى.

ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يول باشلىغۇچىسى، نەزەرىيە ئەمەلىيەتنىڭ يول كۆرسەتكۈچىسى.

«بارلىق يىرىك پىلاندا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئەمەلىي بولغان، ساختىلىق بولمىغان ئېشىشنى كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛

«ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى؛

«سىياسىي نەتىجە قارىشى مەسىلىسى بىر تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلە، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك» دەپ ئايدىڭلاشتۇردى...

بۇ مەزگىلدە، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدىن ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىغىچە، يەنە باھار بايرىملىق كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپلىگەن سورۇندا توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنى تەكىتلەپ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، دېھقانلار كالېندارى بويىچە باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى، يىنلىڭ ياشانغانلار ياتاق بىناسىدا ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، باھار بايرىمىلىق بازارلارغا بېرىپ پۇقرالار بىلەن بىرلىكتە «كىچىك باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى»، ھېرىپ چارچىغىنىغا قارىماي تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ھال - ئەھۋال سوراپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىزاھلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرىكەت يۆنىلىشىنى توغرىلىدى، ئۆگىنىش - تەربىيەسى ئارقىلىق، دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت «باش كەيگۇەن»نى يەنىمۇ چىڭىتىپ، نەتىجىنى ھەقىقىي يارىتىش، ھەقىقىي نەتىجە يارىتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.

يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇش −

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىپ يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش بۇ يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ۋەزىپە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ يۇقىرى پەللىدىن باشلىنىشىغا، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تېزلىكتە يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇردى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، «بىرىنچى باشلىق» 1 - جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈشكە، مەسئۇلىيەتنى دەرىجىمۇدەرىجە چىڭىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈردى.

«دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئاددىي، ئەمەلىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈركۈمگە ئايرىماي، باسقۇچقا ئايرىماي، ئۆگىنىش - مۇھاكىمە قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىش، تۈزىتىش، تۈزەش، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش، ئوچۇق - ئاشكارا تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك».

ئۇقتۇرۇشتا ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشنى ئومۇمىي تەلەپ قىلىپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنى تۇتقا قىلىش» تەكىتلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈزىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇشقا يېتەكلەندى.

يەر - جاھان گەرچە كەڭرى بولسىمۇ، لېكىن پۇقرالارلا دۆلەتنىڭ ئۇلى. خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى جەريانىدا مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشتا ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، تۈزىتىش، تۈزەشتە ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىش، ئۈنۈمنى تەكشۈرۈشتە ئاممىنىڭ باھالىشىنى قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئاممىنى ھېس قىلىش ۋە مەنپەئەتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش −

ئىش باشلاش، قەدەم ئېلىشتا ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئالدىدا مېڭىپ، يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىيات تۇرغۇزۇش

تىرىشقانلار باھارنى بالدۇر كۈتۈۋالىدۇ، بۇ دەل تولۇق تەييارلىق كۆرىدىغان پەيت.

ياسىمىچىلىق بىلەن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى نىشانلاپ، باشلىنىش ئاتاكا سىگنالىنى ياڭراتتى؛ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشىغا كۈچ قوشۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى؛ «كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولۇش، تۈپتىن ياخشىلىنىش بولۇش، ئەڭ ياخشى ئالقىشقا ئېرىشىش»تىن ئىبارەت تىجارەت - سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشى نىشانىنى بېكىتتى... باھار بايرىمىدىن كېيىن، ھەرقايسى جايلار «باھار بايرىمىدىن كېيىنكى تۇنجى يىغىن»دا زېھنىنى يىغىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىشنى ئەمەلىي باشلاپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان جاھىل ئۆسمىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى؛

دىققەتنى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىي نەتىجە ئارقىلىق قابىللارغا باھا بېرىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق ئەلالىرى، ناچارلىرىنى بېكىتىپ، دېھقانلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛

ئىقتىدار، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىپ، كادىرلارنى تەلەپچان بولۇش، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش، پاك - دۇرۇس بولۇش توغرىسىدا تەربىيەلىدى ۋە ئۇلارغا ھەيدەكچىلىك قىلدى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇردى...

ھەرقايسى جايلار ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ قاتارلىق ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىغا مايىللاشقان ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى تىرىشىپ كۆپرەك قىلىپ، نەتىجە ئارقىلىق سۆزلەشكە، خەلقنىڭ باھاسىنى قوبۇل قىلىشقا يېتەكلىدى.

تونۇش يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، دىققەت مۇھىم نۇقتىلارغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈلدى، مەسئۇلىيەت يەنىمۇ چىڭىتىلدى.

دۇڭخەي دېڭىزى ساھىلىدىن غەربىي قىسىمدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققىچە، ئورگان، ئورۇنلاردىن كارخانا، ئالىي مەكتەپلەرگىچە، ھەربىر مەيدان چوڭقۇر ئۆگىنىلگەن، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈلگەن مۇھاكىمە، ئورۇنلاشتۇرمىلار، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلىگەن ھەربىر جانلىق كۆرۈنۈشلەر پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

يېڭى مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ پۈتۈن جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىلدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.