
شىنجاڭنىڭ سۈرەتتىكى تارىخى
2026-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
1963-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، تۇرپان ناھىيەسى يالقۇنتاغ گۇڭشېسىنىڭ گاۋچاۋ چوڭ ئەترىتى كارىز كەسپىي گۇرۇپپىسى كارىزنى جىددىي رېمونت قىلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كاپالەتلىك قىلماقتا.
1963-يىلى باش باھاردا، تۇرپان يالقۇنتاغ گۇڭشېسىنىڭ ئەزالىرى قاراڭغۇ كارىز يولىدا ئېڭىشىپ تۇرۇپ لاي-لاتقىلارنى تازىلاپ، كارىز تېمىنى مۇستەھكەملىدى.
كارىزدىن ئىبارەت تىك قۇدۇق، يېپىق ئۆستەڭ، ئوچۇق ئۆستەڭ ۋە كۆلدىن تەركىب تاپقان بۇ غايەت زور يەر ئاستى سۇ ئىنشائاتى تورى خۇددى تۇپراقنىڭ چوڭقۇر يېرىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان يوشۇرۇن قان تومۇرغا ئوخشاش، قاتتىق قۇرغاقچىلىق ئىچىدە تىيانشاننىڭ قار سۈيىنى ئاستا-ئاستا بوستانلىققا باشلاپ، تاتلىق ئۈزۈملەر ۋە ئاپئاق پاختىلارنى ئوزۇقلاندۇردى.

چۆللۈكتىكى كارىزغا بوشلۇقتىن نەزەر سالساق، خۇددى چېچىلىپ ياتقان مەرۋايىتقا ئوخشاش، مىڭ يىللىق بوستانلىقنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تۇتاشتۇرىدۇ (2009-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان).
خاۋ پېي فوتوسى
ۋاقىت ئۆتۈپ 2009-يىلى تومۇز كەلدى.
بوشلۇقتىن قارىغاندا، كەڭ كەتكەن كۈل رەڭ سېرىق چۆللۈكتە، يەر شەكلىنى بويلاپ ئەگرى-بۈگرى تىزىلغان تىك قۇدۇق ئېغىزى خۇددى كۆڭۈل قويۇپ چېچىلغان مەرۋايىت زەنجىرگە، يەنە تۇپراقنىڭ نەپەسلىنىش تۆشۈكىگە ئوخشايتتى.
ئۇلار سۈكۈت ئىچىدە پارچە-پارچە بوستانلىقلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتكە ماسلىشىش ۋە تەبىئەتنى ئۆزگەرتىشتىكى قەدىمىي ئەقىل-پاراسىتىنى ئېچىپ بەردى. بۇ مەنزىرە مىڭ يىلدىن ھالقىغان ھاياتلىق داستانى بولۇپ، جىمجىت ئەمما كۈچلۈك ئىدى.

2024-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئىشچىلار تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا كىچىك كارىزنى رېمونت قىلماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
ۋاقىت 60 يىل ئۆتۈپ كەتتى.
2024-يىلى ياز پەسلىدە، ئوخشاشلا ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۆرۈنۈشى تۇرپاندا قايتا نامايان بولدى. ئىشچىلارنىڭ سىيماسى 60 يىل بۇرۇنقى پېشقەدەملەر بىلەن زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ بىر-بىرىگە ئۇدۇللاندى.
ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى كارىز ئۆرپ-ئادەت باغچىسىدا، ساياھەتچىلەر سالقىن ئۆستەڭ بويىنى بويلاپ سەيلە قىلغاچ، تاماشا قىلىش دېرىزىسىدىن مىڭ يىللىق يېپىق ئۆستەڭگە تىكىلىپ، «يەر ئاستىدىكى سەددىچىن سېپىلى»نىڭ ياسىلىش ئەپچىل پىكىر يولىدىن ھەيران قېلىشتى.
ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدىن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان «مەنزىرە رايونى»غىچە، كارىزنىڭ ئىقتىدارى كېڭەيگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تۇرپان بوستانلىقىنىڭ جان تومۇرى بولۇشتەك يادرولۇق رولى ئەزەلدىن ئۆزگەرگىنى يوق.

2024-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، ساياھەتچىلەر تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭىشەھەر بۆلەك رايونىنىڭ يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىدىكى كارىز ئۆرپ-ئادەت باغچىسى مەنزىرە رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
1963ـ يىلى ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى رېمونت قىلىش، ئاسراشنى ئاساس قىلغاندىن تارتىپ، قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن مەدەنىيەت، ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرغانغا قەدەر، كارىزنىڭ دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنى يىللار داۋامىدا ئۈزلۈكسىز بېيىدى. ئۇ يېڭى دەۋردە يەنىلا كۆزنى چاقنىتىپ تۇرماقتا، ئۇزاق تارىخنى يېڭىلىماقتا.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






