تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

نېمە ئۈچۈن كۈزگى بۇغداي «قېنىپ ئۇخلىسا» ئاندىن ئۇنىڭدىن يۇقىرى ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ؟

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن

 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرىدىكى بىر ئېتىزلىقتا، تېرىقچىلىق ئائىلىسى چېن جياڭلىننىڭ 240 مو كۈزگى بۇغدايلىقى ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، قىش پەسلىدىن جىمجىت ئۆتۈپ، خۇددى «قاتتىق ئۇيقۇ»غا كەتكەندەك كۆرۈنەتتى.

 نۇرغۇن كىشى قىزىقىپ: بۇغداي قىش پەسلىدە قارىماققا ئۆسۈشتىن توختاپ قالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، نېمە ئۈچۈن كېلەركى يىلى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ يۇقىرى ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ؟ دەپ سوراشتى، بۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغىنى تۆۋەن تېمپېراتۇرا بىلەن زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىدىكى ئىلمىي بولغان مەخپىي شىفىردۇر.

 «كۈزگى بۇغداي چوقۇم <قېنىپ ئۇخلىشى> كېرەك، بۇ ئۇنىڭدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم.» بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزى تۇپراق، ئوغۇت خىزمەت پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن جىڭخۇا مۇنداق چۈشەندۈردى: كۈزگى بۇغداي كۆپ ساندىكى قىشتىن ئۆتىدىغان زىرائەتلەرگە ئوخشاش بىخلىنىش باسقۇچىنى تاماملايدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، چوقۇم بىر مەزگىل سىجىل تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا تۇرغاندىلا، ئاندىن ئوزۇقلۇق ئارقىلىق ئۆسۈشتىن كۆپىيىش ئارقىلىق ئۆسۈشكە ئۆتۈپ، «مايسا ئۈنۈش»تىن «باشاق تۇتۇش»قا ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

 ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى بىر كۈزگى بۇغداي ئېتىزىدا، يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرى كۈزگى بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. سۈرەتنى ئارشاڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن

 ئەگەر تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا «قېنىپ ئۇخلاش» بولمىسا، بۇغداي ئىزچىل مايسا چىقىرىش، تۈپلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋېرىدۇ، ئەتىياز پەسلىدىمۇ نورمال باشاق چىقىرىش، چېچەكلەش، دان تۇتۇش تەس بولۇپ، ئاسانلا باشاق كىچىك، دان ئاز، مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن بولۇش ھەتتا باشاق چىقارسىمۇ دان تۇتماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

 قىش پەسلىدە بۇغداينىڭ يەر يۈزىدىكى قىسمىنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولسىمۇ، لېكىن يەر ئاستىدىكى يىلتىز سىستېمىسى يەنىلا جانلىق بولىدۇ. تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا، كۈزگى بۇغداينىڭ يەر يۈزى قىسمىنىڭ ئۆسۈشى ئاستىلاپ، ئوزۇقلۇق ماددىلار غولى ۋە مايسا قىسمىدا كۆپ مىقداردا سەرپ بولماستىن، تۆۋەنگە يىغىلىپ يىلتىز تارتىپ، يىلتىز قىسمى ۋە تۈپلىنىش بوغۇمىغا يىغىلىپ ئوزۇق ساقلايدۇ. يىلتىز سىستېمىسى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ مەزمۇت بولۇپ، سوغۇققا، قۇرغاقچىلىققا چىدامچانلىقى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، بۇ خۇددى بۇغدايغا «مۇقىملاشتۇرغۇچ» ئورناتقانغا ئوخشايدۇ.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىش پەسلىدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا بىلەن كېچە-كۈندۈزلۈك تېمپېراتۇرا پەرقى بۇغداينىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ خورىشىنى ئازايتىپ، كىراخمال، ئېرىشچان شېكەر قاتارلىق ماددىلارنىڭ توپلىنىشىنى تېخىمۇ تولۇق قىلىدۇ. مۇقىم بولغان يىغىندى قار خۇددى بىر قەۋەت «يوتقان»غا ئوخشاش بۇغداينىڭ تۈپلىنىش بوغۇمىنى ئۈششۈكتىن ساقلاپ ھەم نەملىكىنى ساقلاپ قالىدۇ، ھەم قەھرىتان سوغۇققا تاقابىل تۇرۇپ، كېلەر يىلى قايتا كۆكلەش ئۈچۈن كۈچ توپلايدۇ.

 ئەتىيازدا تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندە، «قېنىپ ئۇخلىغان» كۈزگى بۇغداي تېز سۈرئەتتە ئويغىنىپ، يېتەرلىك تۈپلىنىدۇ، مايسىسى ساغلام ئۆسۈپ، ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ شۇنداقلا ئۆسۈش كۈچى يېتەرلىك، باشاقلىرى چوڭ، دېنى توق بولۇپ، يۇقىرى ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ.

 «قىش پەسلىدە بۇغدايلىقمۇ ئوخشاشلا ئىلمىي پەرۋىش قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ، نەملىك ساقلاش، قوشۇمچە ئوغۇتلاش، ئۈششۈكتىن ساقلاش، كېسەللىك ۋە ھاشارەت زىيانداشلىقىنى تىزگىنلەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق بۇغدايلارنى راھەت <قىشلىق ئۇيقۇ >نى قېنىپ ئۇخلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كېلەركى يىلى مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.» دېدى يەن جىڭخۇا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.