تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈن فاڭتىڭ
2-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق جۇڭگو پوچتىسىنىڭ پىڭچۇەن يولىدىكى يىغىش-يەتكۈزۈش بۆلۈمى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. تېز يەتكۈزگۈچى ئادىل ئوسمان سول قولىدا مەھەللە تارقاتقان ئىككى خالتا تاڭيۈەننى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، قىيمىسى قارا كۈنجۈت بىلەن قايماق يەنە چىلان بىلەن قايماقتىن ياسالغىنىمۇ بار ئىدى، ئوڭ قولىدا قىزىل رەڭلىك ئۇششاق يېمەكلىكلەر قاچىلانغان چوڭ سوۋغاتلىقنى كۆتۈرۈۋالغان، بېلىكىگە يەنە ئىسسىق ساقلاش ئىستاكانى قىستۇرۇۋالغانىدى. ئادىل ئىككى قولىدىكى نەرسىلەرگە قاراپ ھاياجانلانغان ھالدا ئۆيىدىكىلەرگە سىنلىق تېلېفون قىلدى.

2-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق جۇڭگو پوچتىسىنىڭ پىڭچۇەن يولىدىكى يىغىش-يەتكۈزۈش بۆلۈمىدە، تېز يەتكۈزگۈچى ئادىل ئوسماننىڭ ئىككى قولى يۈەنشياۋ بايرىمىلىق ھال سوراش بۇيۇملىرى بىلەن لىق تولدى.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈن فاڭتىڭ فوتوسى
«قاراڭلار، مەھەللە يەنە نەرسە تارقاتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يەيدىغان، ئىشلىتىدىغاننىڭ ھەممىسى بار ئىكەن، بىز يۈەنشياۋ بايرىمىنى ئالدىن ئۆتكۈزىدىغان بولدۇق.» ئادىل ئېكرانغا قاراپ سۆزلىدى، گېپىدىن «كۆز-كۆز قىلغانلىقى» چىقىپ تۇراتتى، تېلېفوننىڭ ئۇ تەرىپىدىن كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى.
«بۈگۈن تارقاتقان تاڭيۈەنگە ئالايىتەن شىنجاڭلىقلار ياخشى كۆرىدىغان تەمنى تاللىدۇق.» ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى شىسەن كوچا باشقارمىسى يۇڭپىڭشياڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى گاۋ مەن بىلەن مەھەللىنىڭ بىرنەچچە كادىرى ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. گاۋ مەن: بالىلارغا ئۇششاق يېمەكلىك چوڭ سوۋغات بولىقى ۋە ئىسسىق ساقلاش ئىستاكانى تەييارلىدۇق، ئۇلار قىپقىزىل سوۋغاتلىقلارنى قولىغا ئېلىپ ناھايىتى خۇشال بولدى.

2-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ شۇنفېڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ پىڭچۇەن يولى تىجارەت تور نۇقتىسىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى شىسەن كوچا باشقارمىسى يۇڭپىڭشياڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى گاۋ مەن كۆپچىلىككە تاڭيۈەن تارقىتىپ بەرمەكتە.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈن فاڭتىڭ فوتوسى
شىنجاڭ شۇنفېڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ پىڭچۇەن يولىدىكى يىغىش-يەتكۈزۈش بۆلۈمىدە، ئۇششاق يېمەكلىك بارلىقىنى كۆرۈپ، بىرنەچچە بالا يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنى ئورىۋالدى. گاۋ مەن زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، چوڭ سوۋغاتلىقنى ئۇلارغا بەرگەچ: «كېلىڭلار كىچىك دوستلار، بۇ سوۋغاتلىقنى ياخشى كۆرەمسىلەر يوق قاراپ بېقىڭلار» دېدى.
سوۋغاتلىقنى ئالغان بالىلارنىڭ كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى. ياندىكى نەچچە تېز يەتكۈزگۈچى كۈلۈپ تۇرۇپ: «چوڭ دوستلارغا سوۋغاتلىق بارمۇ-يوق؟» دەپ سورىدى، ئەتراپتىكىلەر ئۇلارغا قاراپ كۈلۈپ كەتتى.
گاۋ مەن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇششاق يېمەكلىك قاچىلانغان سوۋغاتلىقنى كۆتۈرگىنىچە: «بار، بار، بار، كىچىك دوستلارغا بار بولۇپلا قالماي، چوڭ دوستلارغىمۇ بار!» دېدى.
ئۆيدە كۈلكە ئاۋازى تېخىمۇ كۈچەيدى، بىر نەچچە تېز يەتكۈزگۈچى ئۆزئارا ئىتتىرىشىپ قىززىقچىلىق قىلىشتى.
پونكىت مەسئۇلى دىلمۇرات دولقۇن مۇنداق دېدى: «قىش كىرگەندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ خادىملىرى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇردى ھەم بىزگە پەلەي، باش كىيىم، قول ئاسراش مېيى سوۋغا قىلدى، باھار بايرىمىنى تەبرىكلەپ يەنە بەنشىر، تاڭيۈەن قاتارلىقلارنى تارقىتىپ بەردى، ھېچقايسىسى كەم ئەمەس.» دىلمۇرات قولىدىكى تاڭيۈەننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىر ھېيت-بايراملاردا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشىپ كەلدۇق، بىز بۇنىڭدىن بەك خۇشال».
قاينام-تاشقىنلىق ئاياقلىشىپ ھەممە كىشى تارقالدى، «ئەمدى سىلەرنى ياخشى جايغا باشلاپ باراي.» گاۋ مەن بالىلارنى باشلاپ ياندىكى پۇگۇڭيىڭ كىتاب ئوقۇش ئۆيىگە كەلدى. ئىشىكنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمگەن كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى نامايان بولدى.

2-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى شىسەن كوچا باشقارمىسى يۇڭپىڭشياڭ مەھەللىسىنىڭ كىتاب ئوقۇش سارىيىدا، بالىلار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىتابلارنى تاللىماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈن فاڭتىڭ فوتوسى
كىتاب جازىسىدا رەسىملىك كىتابلار بىلەن شېئىرلار توپلىمى بىر يەرگە قويۇلغانىدى، بۇلۇڭدىكى بالىلارغا قاراشنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش رايونىغا كىچىك ئۈستەللەر تىزىلغان بولۇپ، نەچچە بالا ئۈستەلگە چۆكۈپ ئولتۇرۇپ رەسىم سىزىۋاتاتتى.
«ئەتراپتىكى بازاردا تىجارەت قىلىدىغانلار ۋە يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقان توپتىكىلەرنىڭ بالىلىرىغا ھەپتە ئاخىرى ۋە ھېيت-بايرام كۈنلىرى قارايدىغان ئادەم چىقمىسا، مۇشۇ يەرگە ئەكىلىپ قويىدۇ، بىز ھەقسىز قاراپ بېرىمىز.» مەسئۇل خادىم باۋ لىنا ئېڭىشىپ تۇرۇپ بالىلارغا رەسىملىك كىتابنى ئېچىپ كۆرسىتىۋاتاتتى، «بىز يەنە كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، بالىلار بىلەن بىللە ھېكايە ئوقۇيمىز».
بىر تەرەپتە قاراپ تۇرغان جاۋ سۈيفېي بالىسىنىڭ چىھرىنى قاپلىغان كۈلكىنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئېرىم شۇنفېڭنىڭ تېز يەتكۈزگۈچىسى، مەن بىر كىچىك دۇكان ئاچتىم، ئادەتتە ئىككى بالام ئۆيدە دائىم ئۇرۇشۇپ پېتىشمايدۇ. بۇ يەرنىڭ مۇھىتى ياخشىكەن، قاراپ بېرىدىغان ئادەم باركەن، مەنمۇ دۇكانغا خاتىرجەم قارىيالايدىغان بولدۇم » دېدى.
گاۋ مەن مۇنداق دېدى: يۈەنشياۋ بايرىمىغا ئاز قالدى، مەھەللىمىز تەۋەلىكتىكى ئۈرۈمچى بېييۈەنچۇن قوشۇمچە يېمەكلىكلەر تىجارىتىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئۈرۈمچى بېييۈەنچۇن شۆبە بانكىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىغا ئىللىقلىق يەتكۈزدۇق، بۇنى كۆپچىلىككە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ باردۇق. كىتاب ئوقۇش سارىيى بالىلارنى ھەقسىز ئۆگىنىش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەپ، بالىلاردا كىتاب ئوقۇش ئادىتى يېتىلدۈردى ھەم ئاتا-ئانىلارنى خاتىرجەم خىزمەت قىلىش شارائىتىغا ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تۈگەتتى.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






