تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۇنجى شىرىشگۈل ئېچىلدى!

يىغىلىپ قالغان قارلار تېخى ئېرىمىگەن

 ھەممە جاي قار-مۇزغا پۈركەنگەن چاغدا

شىنجاڭدا تۇنجى شىرىشگۈل ئېچىلدى

مۇز ئۈستىدە ئۆسىدىغان بۇ كىچىك گۈل

شىنجاڭدىكى باھار ئەلچىسىدۇر

نۆۋەتتە

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ

چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى

سۇنجاچى نېرۇ بازىرى لاڭقا كەنتى

قورغاس ناھىيەسىنىڭ ساربۇلاق بازىرى

توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ كۆندەلەڭ مەنزىرە رايونىنىڭ 

ھەممىلا يېرىدە بۇ گۈلنىڭ سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ

 ئالتۇن رەڭلىك ئۇششاق گۈل بەرگى

يىغىلىپ قالغان قار بىلەن توڭ تۇپراققا ھۆسىن قوشۇپ

باش باھارنىڭ سوغۇقىدا يېنىك تەۋرىنىپ تۇراتتى

3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 4-ئاينىڭ باشلىرىغىچە

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىرىشگۈل

ئارقا-ئارقىدىن راسا ئېچىلىش مەزگىلىگە قەدەم قويۇپ

شىنجاڭدا باش باھارغا خاس بولغان شېئىرىي تۈسنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ

بۇ رومانتىك كۆرۈنۈشنى

ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماڭ

   شىرىشگۈل دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىساقلا ئۇنىڭدىكى چىدامچانلىقنى ھېس قىلالايمىز، ئۇ يەنە ئاق زەپەر، ياۋا گۈلسامساق دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئىلمىي نامى مۇشتەك گۈل (金盏花) بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ بالدۇر مۇزنى يېرىپ چىقىدىغان ياۋا گۈل ھېسابلىنىدۇ.

   شىرىشگۈلنىڭ تۈپى كىچىك بولۇپ، توق ئالتۇن رەڭلىك گۈل بەرگى، يۇمران سېرىق گۈل غۇنچىسى بار، ئايرىم قارىماققا نەپىس، جانلىق كۆرۈنىدۇ، بىراقلا ئېچىلغاندا توڭ تۇپراققا چېچىلغان يۇلتۇزلارغا ئوخشاپ قالىدىغان بولۇپ، بەئەينى ئالتۇن رەڭلىك يۇلتۇزلار دېڭىزىغىلا ئوخشايدۇ.

   سەھەردە چۈشكەن قىروۋلار تېخى ئېرىمەي تۇرۇپ، گۈل بەرگىسىنىڭ گىرۋەكلىرىدە ئۇششاق مۇز كىرىستاللىرى شەكىللىنىدۇ؛ گۇگۇم چۈشكەندە، كەچكى قۇياش گۈل دېڭىزىنى كەھرىۋا رەڭگىگە كىرگۈزىدۇ، بۇ چاغدا گۈل غۇنچىلىرى ئېچىلىپ، ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ.

   شىرىشگۈل دېڭىز يۈزىدىن 3000-1200 مېتىر ئېگىز بولغان كۈنگەي تاغ باغرىدا، يايلاقلاردا ئۆسۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، يىغىلىپ قالغان قاردىن ئېرىگەن مۇز سۈيىگە تايىنىپ ئۆسىدۇ.

   ياز كېلىشتىن بۇرۇن پۈتكۈل ئۆسۈش دەۋرىنى تاماملايدىغان بولغاچقا، پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇز ئۈستىدە پورەكلەپ ئېچىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

   بۇ كىچىككىنە گۈل شىنجاڭغا باھار كەلگەنلىكىنىڭ سىگنالى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭغا قەتئىي تەۋرەنمەس روھ، يېڭى ھاياتىي كۈچ ۋە ئۈمىدتىن ئىبارەت گۈزەل مەنالار مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، زىمىستان قىشتىن كېيىن ئالتۇن رەڭگى بىلەن كىشىلەرگە ھاياتلىقنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىشى ئەزەلدىن پارنىكقا ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

   شىرىشگۈلنىڭ ئېچىلىش مەزگىلى بىر قەدەر قىسقا، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلاردا ئېچىلىش مەزگىلى كېيىنرەك بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بالدۇر بېرىپ داكا قىلىڭ. 

   شىنجاڭدا باش باھاردا ئەتىگەن بىلەن كەچنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، تاغ-دالىلاردا يەنە يىغىندى قار بار بولۇپ، گۈل تاماشا قىلغاندا بەدەننى ئىسسىق ساقلاش، تېيىلىشتىن ساقلىنىش ئايىغى كىيىش كېرەك.

   شىرىشگۈلنىڭ يىلتىز سىستېمىسى ئاجىز، ئۇنى ئۈزمەڭ ھەم دەسسىمەڭ، گۈللەرنى مەدەنىي تاماشا قىلىپ، باش باھاردىكى بۇ رومانتىك مەنزىرىنى ساقلاپ قېلىڭ.

گۈل ئېچىلىش مەزگىلى باشلىنىشى بىلەنلا شىنجاڭغا بېرىپ

 مۇزنى يېرىپ ئۆسۈپ چىقىشقا جۈرئەت قىلغان بۇ كىچىك گۈلنى

قانغۇچە تاماشا قىلىۋېلىڭ

«شىنجاڭ ياخشى جاي»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.