تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2026-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

   2-ئاينىڭ 27-كۈنى، 2026-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا، بېيجىڭ مېيدىيا مەركىزىگە تەسىس قىلىنغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

   مۇخبىرنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر 3000دىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىر مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى زىيارەت قىلىشقا تىزىملاتقان، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا ئىچىدىكى مۇخبىر 2000دىن، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك مۇخبىر ۋە چەت ئەللىك مۇخبىر 1000دىن ئاشىدىكەن. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزى ئېچىۋېتىلگەن، ئاشكارا بولۇش روھىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ يىغىننى زىيارەت قىلىشىنى ئاخبارات مۇلازىمىتى كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

   مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.