تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«يېڭى بولۇش، ئەلا بولۇش جەريانىدا تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىقنى مەھكەم ئىگىلەش − تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى مۇقىم ئۆستۈرۈشتىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچىگە نەزەر»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

«يېڭى بولۇش، ئەلا بولۇش جەريانىدا تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىقنى مەھكەم ئىگىلەش − تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى مۇقىم ئۆستۈرۈشتىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچىگە نەزەر»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى «يېڭى بولۇش، ئەلا بولۇش جەريانىدا تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىقنى مەھكەم ئىگىلەش − تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى مۇقىم ئۆستۈرۈشتىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچىگە نەزەر» ناملىق تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: چوڭ دۆلەت ئىقتىسادىنى كۆزىتىشتە مىقدارغا قاراپلا قالماي، يەنە سۈپەتكە قاراش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئەمگەك ئۈنۈمى، كاپىتال ئۈنۈمى، يەر ئۈنۈمى، بايلىق ئۈنۈمى، مۇھىت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ئامىل سېلىنمىسىنى ھاسىلاتقا ئايلاندۇرىدىغان ئومۇمىي ئۈنۈم بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇن تىپىدىكى تەرەققىيات دەرىجىسى ۋە يوشۇرۇن ئېشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە سۈپىتىنى نامايان قىلىدۇ.

ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشى دۆلىتىمىزنىڭ تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنىڭ ئېشىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولغان، 2013 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %2.2 بولۇپ، دۇنيادىكى 120 ئىقتىسادىي گەۋدە ئىچىدە 3 - ئورۇندا تۇرغان. بۇنىڭ ئارقىسىدا دۆلىتىمىز ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنىڭ ئەلالىشىشى، يېڭىلىق يارىتىش قۇۋۋىتىنىڭ سىجىل كۈچىيىشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنىڭ تېخىمۇ يېتەرلىك بولۇشى، ئەۋرىشىملىكىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى بار.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىلدا، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى مۇستەھكەم تىرىكىنى پۇختىلايدۇ.

ماقالە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامىل ئۈنۈمىنى تولۇق قويۇپ بېرىش؛ ئىسلاھاتتىن ئىبارەت چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىپ، ئامىللارنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى يوشۇرۇن كۈچنى قوزغىتىش.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: يېڭىسىنى تۇرغۇزۇپ كونىسىنى قالدۇرۇشنى تەڭ تۇتۇپ، ماس ئالغا سىلجىتىپ، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى مۇقىم ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش قۇۋۋىتىنى قوزغاتقاندىلا، جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوت جەزمەن «يۇقىرى پەللىگە قاراپ ئۆرلەش» «يېڭى بولۇشقا قاراپ يۈكسىلىش» جەريانىدا داۋاملىق تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرىدۇ، ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرىدۇ، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 热衣拉·阿扎提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.