ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ مېي خەۋەر قىلىدۇ) 2-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ مۇزېيىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى 25 نەپەر «ياشانغان» پىدائىي چۈشەندۈرگۈچى سىستېمىلىق تەربىيەلىنىش ۋە باھالاشتىن ئۆتۈپ، ئىش ئورنىغا رەسمىي چىقىپ، مۇزېينىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى تارقىتىشتىكى يېڭى كۈچكە ئايلاندى.
باھار بايرىمى مەزگىلىدە، تۇنجى تۈركۈمدىكى 25 نەپەر «ياشانغان» پىدائىي ئىش ئورنىغا رەسمىي چىقتى.
شىنجاڭ مۇزېيى تەمىنلىگەن سۈرەت
«ياشانغان ئەلچىلەر»_ شىنجاڭ مۇزېيى يولغا قويغان ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيەت تۈرى بولۇپ، پېنسىيەگە چىققان شەھەر ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتىنى نامايان قىلىدىغان، قىزغىنلىقىنى تەقدىم قىلىدىغان، مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان. مەزكۇر تۈر بۇ يىلنىڭ بېشىدا يولغا قويۇلۇپلا 100دىن ئارتۇق شەھەر ئاھالىسىنى بەس-بەستە تىزىملىتىشقا جەلپ قىلغان. يۈزتۇرا ئىمتىھان ئېلىش ۋە دەسلەپكى تاللاش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا شەھەر ئاھالىسىدىن 25 كىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللانغان. بۇ پىدائىيلارنىڭ يېشى بىردەك 55 ياشتىن 70 ياشقىچە بولۇپ، پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن ئاساسەن كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى ياكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. پىدائىيلار چۈشەندۈرۈش مۇلازىمىتى بويىچە بىر ئايغا يېقىن تەربىيەلىنىش ۋە باھالاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، 25 نەپەر «ياشانغان» پىدائىي ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىش ئورنىغا چىقىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ھەم ئارقا-ئارقىدىن ئىش ئورنىدا مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرغان.
شىنجاڭ مۇزېيى جەمئىيەت تەربىيەسى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ لېي مۇنداق تونۇشتۇردى: «ياشانغان» پىدائىيلار نۆۋەتتە ئاساسلىقى نۇقتىلىق كۆرگەزمە زالىنىڭ چۈشەندۈرۈش مۇلازىمىتىنى ھەم جەمئىيەت تەربىيەسى دەرسخانىسىغا ياردەم بېرىش ۋە ئاساسىي مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىنى ئۈستىگە ئالدى. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئۇلار شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە زالى ۋە «شىنجاڭدىن قېزىۋېلىنغان قەدىمىي جەسەتلەر كۆرگەزمىسى» زالىدا ئېكىسكۇرسىيەچىلەرنى چۈشەندۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە مۇزېي ئۇلارنى قەرەللىك چۈشەندۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئۇلار ھەپتە ئاخىرىدا ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت بۆلىكىدە نۆۋەتچىلىك قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ.
«ياشانغان» پىدائىيلار پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن ئاساسەن كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىى ياكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى.
شىنجاڭ مۇزېيى تەمىنلىگەن سۈرەت
پىدائىيلار چۈشەندۈرۈش خىزمىتى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن ئېكىسكۇرسىيەچىلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك، تارىخىي ھارارەتنى يەتكۈزىدىغان ۋاسىتە، شۇنداقلا شەھەر مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىشتىكى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مۇزېيى مۇزېينىڭ جەمئىيەت تەربىيەسى ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، «ياش-ئۆسمۈر پىدائىيلار مۇلازىمىتى»، «ياشانغان ئەلچىلەر» تۈرىنى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويدى. بۇ يىل باھار بايرىمى مەزگىلىدە، جەمئىي 80 پىدائىي مۇلازىمەتكە قاتنىشىپ، پىدائىيلار چۈشەندۈرۈش پائالىيىتىنى جەمئىي 61 مەيدان قانات يايدۇرۇپ، ئېكىسكۇرسىيەچىلەرگە 18 مىڭ ئادەم قېتىم مۇلازىمەت قىلدى.
جاڭ لېي مۇنداق دېدى: «بىز <ياشانغان> پىدائىيلارنىڭ مول تەجرىبىسى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزېيىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھېكايىسى، تارىخىي مەدەنىيەت، رايون مەدەنىيلىكىنى ياشانغانلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ جانلىق چۈشەندۈرۈپ ۋە ئۇنى قەلبلەرگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ئاممىغا تېخىمۇ ھارارەتلىك ھالدا يەتكۈزۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز».






